- ئاخىرقى قېتىم
 - 2011-8-25 
 - تىزىملاش
 - 2010-10-16 
 - ھوقۇق
 - 1 
 - توردا
 - 524سائەت 
 - جۇغلانما
 - 10269 
 - نادىر تېما
 - 1 
 - يازما
 - 2550 
 - تېما
 - 332 
  
 
 
 
- توردا
 - 524سائەت 
 - نادىر تېما
 - 1 
 - دوست
 - 69 
 - يازما
 - 2550 
 - تېما
 - 332 
 
  
 
 
 | 
ئۇيغۇرلاردا قىزلارنىڭ قۇلىقىنى تىشىپ ھالقا تاقاش _ ئاياللارنى ئەرلەردىن پەرىقلەندۇرۇش ، ئاياللار گۈزەللىكىنى ئاشۇرۇشتىن بارلىققا كەلگەن قەدىمىي ئادەتلەرنىڭ بىرى . ئۇيغۇرلار ياشىغان جايلاردىكى قەدىمىي قەبرىلەردىن تىپىلغان جەسەتلەر ۋە ئاخىرەتلىك بۇيۇملار ئىچىدىن سۆڭەكتىن ياسالغان ھالقا ، چاچ قىسقۇ ، بويۇن ئاسقۇلار ، مىس ، كۇمۇش ، ئالتۇندىن ياسالغان ھالقا ، چاچ تۇرگۈ ، بويۇن ئاسقۇ ، چاچ ئاسقۇ ، بىلەيزۇكلەر لەر كۆپ تېپىلدى . سۆڭەكتىن ياسالغان بۇيۇملار ئاددىي تاش قۇراللار دەۋرىنىڭ مەئۇلاتى بولسا ، مىسۋە ئالتۇن - كۇمۇشتىن ياسالغانلىرى سىپتا تا قۇراللار دەۋرىگە توغرا كىلىدۇ . بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلاردا قىز بالىنىڭ قۇلىقىنى تېشىپ ھالقا تاقاش ئادىتىنىڭ ئادىىي تاش قۇراللار دەۋرىدىن باشلانغانلىقىنى بىلەلەيمىز .ئەجداتلىرىمىز قىزلارنىڭ قۇلىقىنى يەتتە ياشقا كىرگەندە ، ئەتەيازنىڭ ئۈرۈك چېچەكلىگەن ۋاقتىغا توغۇرلاپ تېشىشىكە ئادەتلەنگەن . بۇنىڭدا مۇنداق نۇرغۇن سەۋەپلەر بار ئىدى . (1) قىزلارنىڭ قۇلىقىنى يەتتە ياشتا تېشىشىتە مۇقەددەس يەتتە چۇشەنچىسى رول ئوينىغان ؛ (2) يەتتە ياشتىن ئىلگىرى قۇلاق تېشىلسە ئاسانلا پۇتۇپ قالىدۇ ؛ سەككىز ياشتىن كىيىن تېشىلسە قۇلاق يۇمشىقى قىلىنلاپ ، قۇلاقنى تېشىشى قىيىن بولىدۇ ؛ ھەم ساقىيىشى تەسكە توختايدۇ . ئۇرۇك چېچەكلىگەن ۋاقىت ھاۋا سوغۇقمۇ ئەمەس ، ئىسسىقمۇ ئەمەس ، بارلىق جانلىق ، ئۆسۇملۇك ياشىرىش ، بىخلىنىش ھالىتىگە كىرگەن ۋاقىت بولۇپ ، ئەڭ مۇۋاپىق پەيىت ھېسابلىنىدۇ قۇلاق تېشىلگەندىن كىيىن قۇلىقى تېشىلگەن قىز بالىنىڭ غورا يىيىشى چەكلىنىدۇ ، غۇرا يەپ قويسا قۇلىقى غورا قۇلاق ( قۇلاق يۇمشىقى توم ) بولۇپ قالىدۇ (3) قىز بالا يەتتە ياشقا كىرگەندە قۇلىقىنى تېشىشى ئۇلارنىڭ فىزولۇگىيىلىك تەرەققىياتىغا مۇۋاپىق ھېسابلانغان . بۇ ياشتا قۇلاق تېشىلگەندە قىزلارنىڭ بەدەن تەرەققىياتى نورمال بولىدۇ ، قىزلار 15 ياشتىن ئاشقاندا ھەيز كۆرۇشكە باشلاپ ، ئەقلىي يىتىلىش نورماللىق ئىچىدە بولۇش بىلەن بىرگە ، جىنسىي يىتىلىش نورمال بولىدۇ . ئەكسىچە 5~ 6 ياشتا قۇلاق تىشىلگەندە ، 12 ~ 13 ياشتا ھەيز كۆۇش باشلىنىپ ، جىنسىي يىتىلىشى بالدۇر بولىدۇ ، بەدەننىڭ نورمال ئۆسۇشى توسۇلۇپ ،ئەقلىي يىتىلىشى ئاستا بولۇپلا قالماي ، بويىمۇ پاكار بولۇپ قالىدۇ . 
ئەجداتلىرىمىز قىز پەرزەنىتلىرىنىڭ ئۆسۇپ يىتىلىشىنى كۇزۇتۇش داۋامىدا يۇقۇرقىدەك ئىلمىي مەسىلىلەرنى بايقاپ ، پەرزەنىتلىرىنىڭ ساغلام ، نورمال ئۆسۇپ يىتىلىشىنى كاپالەتلەندۇرگەن . ئۇيغۇر قىز - ئاياللىرى ئۆزىنىڭ ئەمگەكچان ، ۋاپادار ، ھايالىق خۇي - مىجەزى ۋە ئادىتى بىلەن ، ئۆزىنى مەنىۋى جەھەتتىن گۈزەللەشتۇرۇش بىلەن بىرگە ، قۇلىقىغا ھالقا تاقاپ ، تەبىئى گۈزەللىكىنى نامايەن قىلغان . 
مەنبە:دىل مۇنبىرى 
 |   
 
  
 |