ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تاغدىن-باغدىن كومپىيۇتىرنى بۇزۇش ئۇسۇلى
كۆرۈش: 119|ئىنكاس: 11
go

كومپىيۇتىرنى بۇزۇش ئۇسۇلى  

توردا
189سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
496 
تېما
139 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-16 01:23 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كومپيوتېرنى قۇياش نۇرى بىۋاسىتە چۈشىدىغان يەردە ئىشلىتىڭ. پار، مەش... دېگەندەك ئىسسىتىش ئۈسكۈنىلىرىگە يېقىن يەردە ئىشلەتسىڭىز تېخىمۇ ياخشى. ئەڭ ياخشىسى ئەتراپنىڭ ئازراق ھۆل، نەم بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈڭ.

كومپيوتېرىڭىزنى ئەتكەندە، ئاۋارە بولۇپ باشلاش تىزىملىكىدىن "كومپيوتېرنى ئۆچۈرۈش" نى تاللاپ ئۆچۈرۈپ يۈرمەڭ، بىۋاسىتە Power كونۇپكىسىنى بېسىپلا ئۆچۈرۈڭ. ئۆچۈرۈپ بولۇپلا، دەرھال قايتا كومپيوتېرىڭىزنى قوزغىتىڭ.

كومپيوتېرىڭىزنى ئىشلىتىۋاتقاندا توك كەتسە، كومپيوتېرنى ئېتىپ يۈرمەڭ، توك كەلگەندە ئېلىكتىر بېسىمىنىڭ ئۆزگىرىشلىرىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئېكراندىكى غەلىتە رەسىملەر، ئانا تاختىدىن چىققان غەلىتە ئاۋازلار بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، "ئەجەب قىزىقكەن" دەپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ.

كومپيوتېرنى قويغان ئۈستىلىڭىز مۇستەھكەم بولۇپ كەتمىسۇن. بۇنداق بولغاندا ھەر قېتىم كونۇپكا باسقىنىڭىزدا لەپەڭشىپ، چىڭراق باسىسىز، نىشانغىمۇ بالدۇر يېتىسىز.

ئانا تاختىنى تامغا يېقىن، ھاۋا ئالماشتۇرۇش تۆشۈكچىلىرىنى تام توسۇۋالغۇدەك دەرىجىدە يېقىن ئورۇنلاشتۇرۇڭ، بۇنداق بولغاندا كومپيوتېرنى ئىشلىتىش جەريانىدا ھاسىل بولغان ئىسسىقلىق، ۋە كېرەكسىز ئىسلارنىڭ ئىسراپ بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كومپيوتېرىڭىزنىڭ ئىللىق ھالىتىنى ساقلىيالايسىز.

ئېكرانىڭىزدا بىر رەسىمنى چىقىرىۋېلىپ، نەچچە سائەتكىچە ئۆزگەرتمەڭ، (رەسىم قانچە رەڭلىك بولسا شۇنچە ياخشى) بۇنداق بولغاندا ئېكرانىڭىزنىڭ رەڭ كۆرسىتىش ئۈنۈمى يۇقىرىلاپ، سىز كومپيوتېرنى ئېتىۋەتكەندىمۇ شۇ رەسىمنى كۆرەلەيدىغان بولىسىز.

كومپيوتېرىڭىزنىڭ توك سىملىرىنى ئۇلىغاندا يەر سىمى ئىشلەتمەڭ. باشقا ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى بىلەن بىرلىكتە يەر سىمىسىز بىر توك مەنبەسىگە چېتىپ ئىشلەتسىڭىز ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

كىچىك ئىنى-سىڭىللىرىڭىز، ياكى بالىلىرىڭىز بولسا، كومپيوتېرىڭىز بار ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئادەتتە ئوچۇق قويۇڭ. كومپيوتېرىڭىزنىڭ ئەتراپىغا پارچە-پۇرات پۇل، ئويۇنچۇق بىرنەرسىلەرنى قويۇپ قويسىڭىز تېخىمۇ ياخشى.

كومپيوتېرىڭىزنىڭ تور كارتىسى، ئاۋاز كارتىسى... دېگەندەك ئانا تاختىنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان كارتىلارنى پات-پات چىقىرىپ، "ھاۋالاندۇرۇپ" تۇرۇڭ. ئەلۋەتتە، تۆت قىرلىق ئەتۋىركە تاپماق دائىم ئاسان ئەمەس، شۇڭا خالىسىڭىز ئانا تاختىڭىزنى ئوچۇق قويۇڭ. بۇنداقتا بەك قولايلىق بولىدۇ. بولسائايالىڭىزغا تاپىلاپ قويۇڭ، شىرەلەرنى، ئوچاق بېشىلىرىنى سۈرتكەندە كومپيوتېرىڭىزدىنمۇ بىر خەۋەر ئېلىپ قويسۇن.


ئەگەر بۇ ئۇسۇللارنىڭ ھەممىنى سىنىسىڭىزمۇ كومپيوتېرىڭىز يەنە جاھىللىق بىلەن ئىشلەۋەرسە، ئامال يوق، ئەڭ ئاخىرقى ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلنى قوللىنىڭ: كومپيوتېرىڭىزنى كۆتىرىپ دېرىزىدىن تاشلاپلىۋېتىڭ.:lol:lol


مەنبە:شاتنۇر تورى


توردا
66سائەت 
نادىر تېما
دوست
39 
يازما
451 
تېما
49 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-16 10:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋىيەي....نىمە دەيدىكىن دەپتىمەن....تاس قاپتىمەن شۇنداق قىلغىلى ماۋزۇسىغا قارىماي.... ئەسكەرتكىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت...

توردا
199سائەت 
نادىر تېما
دوست
38 
يازما
1065 
تېما
24 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-16 10:31 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
لوقمان ھەكىمنىڭ «ئەدەپ - ئەخلاقنى ،ئەدەپسىزدىن »ئۆگەنگەن . دىگىنىدەك ئىش قىلىدىكەنمىز -دە .

توردا
2سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
43 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-16 11:20 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەممىڭلا شۇنداك كىلىڭلار ئە

توردا
159سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
779 
تېما

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-16 12:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇزۇن بولدى ئۇنداق قىلمىغىلى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا waydardem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-7-16 12:16

توردا
9سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
10 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-16 12:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى ھۈنەركەن...

توردا
520سائەت 
نادىر تېما
دوست
69 
يازما
2530 
تېما
331 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-16 12:42 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاڭلىدىڭلارمۇ تورداشلار...باغۋەن ئاكىمىز بىزنى مەخسۇس كومپىيوتىرنى ئىشىلتىشنى ئۆگىتىۋاتىدۇ.... باغۋەنكا سىز سىناپ باققانمۇ يا

توردا
2سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
43 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-16 12:54 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ەەانىاە

توردا
113سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
289 
تېما
16 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-16 13:13 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بولدىلا بۇنداق ئادەتتىكى ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلمىگىنىم تۈزۈكتەك قىلىدۇ !

توردا
59سائەت 
نادىر تېما
دوست
17 
يازما
386 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-16 13:22 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
نېرۋامدا مەسىلە باركەن . مەن ئادەتتە دەل ئەكسىچە قىلىپ يۈرۈپتىمەن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-24 12:25

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.