گۈل دىمە
مۇھەببەتنى گۈل دىمە ،
ئۇ ئەمەستۇر غۇنچىدا .
پاك مۇھەببەت چىن سۆيگۈ
پاك قەلبدە يۈرەكتە .
مۇھەببەتنى گۈل دىمە ،
ئۈزۈپ بولماس خالىسام .
ئازاپلىنار ھەر قەلب
گۈل ئورنىدا تاشلىسام .
مۇھەببەتنى گۈل دىمە ،
قاملىشامدۇ بىلگىە ،
ئېچىلغان شۇ ۋىسال گۈل
تۇزىسۇنمۇ ئېيتقىنە .
مۇھەببەتنى گۈل دىمە ،
ئۇ تۇزىماس كۈز كەلسە .
سۆيگۈ ئۈچۈن ھەر ئادەم
چىدايدىغۇ دەرت كەلسە .
سوۋغا بولماس مۇھەببەت ،
گۈل ئورنىدا باشقىغا .
مەشۇق ئۈچۈن جان بىرىپ
ئۈتەر پەقەت ئاشىقلا .
گۈل ئەمەستۇر مۇھەببەت،
يىلدا بىرلا ئېچىلغان .
كۈز كە گەندەسارغىيىپ
شىۋىرغاندا ئۈششىگەن .
بىر مۇھەببەت بىر سۆيگۈ ،
بىر يۈرەكتە كۈيىدۇ .
ھەممە ئادەم بىر گۈلنىڭ
پۇرىقىنى پۇرايدۇ .
بىر تۈپ گەلنىڭ بىر قانچە ،
ئېچىلغان چىچىىكى بار .
چىن ئىنساننىڭ قەلبىدە
پەقەت بىرلا سۆيگۈ بار .
مەنبە :ئۈزۈم
|