- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-20
- تىزىملاش
- 2010-10-16
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 510سائەت
- جۇغلانما
- 9978
- نادىر تېما
- 1
- يازما
- 2472
- تېما
- 325
- توردا
- 510سائەت
- نادىر تېما
- 1
- دوست
- 69
- يازما
- 2472
- تېما
- 325
|
جۆيلۈش
خۇتۇنى ئېرىغا كۆيۈنگەن ھالدا؛
-جېنىم،يېقىندىن بېرى تولا جۆيلۈيدىغان بولۇپ قالدىڭىز،دوختۇرخانىغا بىللە باراي،تەكشۈرتۈپ بېقىڭ،-دەپتۇ.
ئېرى مەيۈسلەنگەن ھالدا؛
-ھېچقىسى يوق، ئەگەر دوختۇر مېنى داۋالاپ ساقايتىپ قويسا،مېنىڭ ئۆيدە ھەتتا مۇشۇنچىلىكىمۇ سۆزلەش ھوقۇقۇم قالمايدۇ،-دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
قايچا ئىزدەش
ساتىراشخانىدا ئۇزۇن چاچلىرى پاخپىيىپ كەتكەن بىر ياش ئولتۇرغانىكەن،ساتىراش بىر تال ماگىنىتىنى ھەدەپ بۇ ياشنىڭ بېشىدا ئايلاندۇرغىلى تۇرۇپتۇ.ياش ئەجەبلىنىپ؛
-بۇ ئەڭ يېڭى چاچ ياساش تېخنىكىسىمۇ؟-دەپ سوراپتۇ.
-ياق،مەن قايچا ئىزدەۋاتىمەن،-دەپ جاۋاب بىرىپتۇ ساتىراش.
قىز-يىگىت كۆرۈشۈشى
چىرايلىق بىر قىز يىگىتى بىلەن كۆرۈشكەشكە بېرىپ تەكەببۇرلۇق بىلەن يىگىتتىن سوراپتۇ؛
-بىك پىكاپىڭىز بارمۇ؟
-كەچۈرۈڭ، يوق.
ئۇنداقتا بەش ئېغىزلىق ئۆيىڭىز بارمۇ؟
-كەچۈرۈڭ ئۇمۇ يوق.قىز ئاچچىقلانغان ھالدا؛
- ئۇنداقتا مەن بىلەن كۆرۈشۈشكە قانداق پېتىندىڭىز؟-دەپتۇ.
قىز ئەمدى ماڭاي دەپ كەينىگە ئۆرۈلۈشىگە يىگىت ئەجەبلەنگەن ھالدا؛
-غەلىتە ئىش،نېمىشىقا باۋما پىكاپىمىنى بېكقا،داچامنى بەش ئېغىزلىق ئۆيگە ئالماشتۇرۇغۇدەكمەن؟-دەپتۇ.قىز بۇنى ئاڭلاپ ئايلىنىپ چۈشۈپتۇ.
سۈيۈشتىن قورقىمەن
ياش ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى خۇجايىننىڭ ئۆيىگە كەپتۇ.خۇجايىن ئايال ئوغلىغا؛
-نېمىگە قاراپ تۇرىسەن؟تېز بېرىپ مۇئەللىمىنى سۆيۈپ قوي،-دەپتۇ. ئوغلى دەرھال؛
-ئاپا،سۆيۈشىتىن قورقىمەن،تۈنۈگۈن دادام ئۇنى سۆيگەنتى،ئۇ دادامنى بىر شاپىلاق ئۇردى،-دەپتۇ.
|
|