كېلەركەن ، كېتەركەن بۇ جايغا ئاي، كۈن . كەتكەندە چىداركەن ئەجەپ پىراققا. مەن كەلگەن ،كەتمىدىم ،كەتمەيمەن ئەبەد. قانمىغاچ يۈرىكىم مۇشۇ تۇپراققا. 
تۇغۇلۇپ بۇ يەرگە چۈشكەن ئىكەنمەن ، بۇ يەردە كۆزۈمنى ئاچقان تۇنجى رەت . توپىنى ئوچۇملاپ قاراپ كېتىمەن ، كىندىكىم قېنىنىڭ رەڭگى باردۇر ،دەپ . 
بۇ يەرگە تامغانكەن تۇنجى كۆز يېشىم ، تۇنجى ھېس - تۇيغۇغا ئېرىشپ يۈرەك . بۇ يەردە يۇملاپ ئۆسكەن ئىكەنمەن، باغرىمنى توپىغا يېقىپ ئۆمىلەپ. 
شۇ تۇپراق تۈسى بار تېرەمدە مېنىڭ ، سۈرتىمەن كۆزۈمگە سۆيۈنۈپ قەۋەت. بۇلدۇقلار كۆز يېشىم ،قاينار قوشۇلۇپ. كۆز ياشقا كۆز ياشتەك سۈزۈك مۇھەببەت. 
بۇ شۇنداق مۇھەببەت،پۈتمەس مۇھەببەت، سۆيمىگەن ئانىنى قاچان بالىسى ؟ ئانىلار ئۇلۇغدۇر لېكىن بۇ تۇپراق ، شۇ ئۇلۇغ ئانىلارنىڭ ئۆلمەس ئانىسى. 
لاي ئېتىپ كۆز ياشتا ئاشۇ توپىدىن ، سالغانتى بوۋىلار سېپىل ۋە شەھەر. شۇ ھايات بەختىنى قوغداشنى ئىستەپ، بەك ئۇزاق چۆللەرنىڭ چېتىگە قەدەر. 
توپىغا قوشۇلغان بوۋىلار بېشى ، شۇڭلاشقا بۇ توپا جاندىن ئەتىۋا. سەھرالار يۇلغۇنى چېچەكلىرىدەك ، قايتىلاپ كۆكلىگەن ئۈمىد - ئىلتىجا. 
بۇ يەردە ئۆلمىدى، كۆكلىدى ھايات، تەۋرىدى تۇپراقتا يېشىل دولقۇنلار. تۇپراقنى قوغدىغان مەردلەر قېنىدىن . گۈل - چىچەك ھۆسنىدە ياندى يالقۇنلار. 
توپىنى ئوچۇملاپ سۆيۈپ كېتىمەن، زېمىننىڭ تىنىقى كىرەر قۇلاققا. شۇ توپا باي سۆيگۈ، ئارزۇ،ئۈمىدكە، ئۇرۇلار ئانامنىڭ ھىدى دىماققا. 
كېلەركەن ، كېتەركەن بۇ جايغا يىللار، كەتكەندە چىداركەن ئەجەپ پىراققا. مەن كەلدىم ، كەتمىدىم ، كەتمەيمەن ئەبەد، ئۆلگەندە باش قوياي ئانا تۇپراققا. 
مەنبە 9- يىللىقلار تىل - ئەدەبىيات) دەرىسلىكدىن ئىلىندى |