ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر يۇمۇر چاقچاقلار ئىسىل يۇمۇرلارنى كۆرگىڭىز بارمۇ ؟ئەمسە قىن ...
كۆرۈش: 130|ئىنكاس: 5
go

ئىسىل يۇمۇرلارنى كۆرگىڭىز بارمۇ ؟ئەمسە قىنى مەرھەممەت.........

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-4 18:45 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
دوختۇرنىڭ رەسىم كۆرۈشى
مەن مۇنداق بىر ئىشنى ئاڭلىغان . يېتىلگەن بىر رەسسام ئۆزىنىڭ يېڭىلا پۈتتۈرگەن بىر پارچە رەسىمنى كۆرۈپ بىقىشقا بىر دوختۇر ئاغىنىسنى تەكلىپ قىلدى. رەسسامنىڭ نەزىرىدە ،بۇ رەسىم ئۇزۇندىن بىرى ئۆزى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئەڭ ئۇلۇغ ئەسەر ، ئىجادىيتىنىڭ يۈكسەك چوقىقسى بولۇپ قالاتتى . شۇڭا دوختۇر ئاغىنىسنى رەسىمنى كۆرۈپ بىقىشقا ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان ئىدى. دوختۇر رەسىمگە ئۇزۇندىن ئۇزۇن بەك قاراپ كەتتى . ئۇ نۇقىتىن قارىدى. ئارىدىن ئون نەچچە مىنۇت ۋاقىت ئۆتتى . رەسسام سەل ئەنسىرەپ سورىدى؛
__ قانداق ، بۇ رەسىم سېنىڭچە قانداق چىقىپتۇ؟
دوختۇر جاۋاب بەردى ؛
__ قارسام كېسەل تەككەن بىر جۈپ ئۆپكىگە ئوخشاپ تۇرىدۇ!
بۇ قانچىلىك ئىش ئىدى
بىر ئەر ئارتىس بار ئىدى . ئۇنىڭ خوتۇنى ئۆلۈپ قالدى . ئۇ ئۆزىنى يوقىتىپ ،ئاۋازنى بولىشىغا قويۋىتىپ يىغىلايتتى . كۆز ياشلىرى دەريا بولۇپ ئاقاتتى.
__ سېنىڭ خوتۇنۇڭنى مۇنچىلىك ياخشى كۆردىغانلىقىڭنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن.،_ دېدى بىر ئاغىنىسى .
ئارتىس ئاغىنىسىگە لەپپىدە قاراپ قويۇپ ئېغىز ئاچتى ؛
__ بۇ قانچىلىك ئىش ئىدى . تۇنجى خوتۇنۇم ئۆلگەندە يىغىلىغىنىمنى كۆرگەن بولساڭ ھۇشۇڭدىن كىتەرسەنكەن.
ئامالسىزلىق
بىر ئايال دېڭىز ساھىلىدا كېتىۋاتقاندا ، بىر بوتۇلكا ئۇچىراپ قالدى. ئايال ئاغزىنى ئېچىپ بوتۇلكىنى ئىچىۋىدى. ئىچىدىن بىر شەيتان چقىتى . باشقا شەيتانلارغا ئوخشاش ، ئۇ شەيتانمۇ شۇنداق دېدى ؛
__ سەن مىنى نەزەربەنتىن ئازات قىلىپ ،مىنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈردۈڭ . شۇڭا ھازىر ھەرقانداق تەلىپىڭ بولسا ئىيىتقىن . مەن سىنى يىتىش ئەڭ قىيىن بولغان ئارزۇ _ ئارمانلىرىڭغا يەتكۈزىمەن .
شەيتان دېگەن ھەر كۈنى ،ھەربىر دېڭىز ساھىلىدا ،ھەربىر بوتۇلكا ئىچىدە بولىۋەرمەيدۇ. ، مۇنداق ئىش كەمدىن كەم كۆرۈلىدۇ، يەنە كىلىپ ئۇ پەقەت ھىكايىلەردىلا ئۇچىرايدۇ. لىكىن ئۇ ئايال ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا ئېغىز ئاچتى ؛
__ مەن بىر ساھىبجامالغا ئايلىنىشنى ئارزۇ قىلىمەن _ چاچلىرىم ئېلزابىت تايلورنىڭكىدەك ، كۆزلىرىم بىرگىت باردوت نىڭكىدەك ، بەدىنىم سوفىيە روللانىدنىڭكىدەك بولسۇن .
شەيتان ئايالغا لەپپىدە قاراپ قويۇپ دېدى ؛
__ سۆيۈملۈكۈم ، بولدى ،مىنى بوتۇلكىنىڭ ئىچىگە قايتۇرۇپ سېلىۋەت!
مەنبە ؛<< ئوشۇ ھېكايىلىرى>>دېگەن كىتاپتىن ئىلىندى.

توردا
371سائەت 
نادىر تېما
دوست
73 
يازما
1423 
تېما
140 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-4 19:17 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن كۈلمىدىم جۇمۇ ( ئەمىلىيەتتە كۈلىۋاتىمەن )

توردا
371سائەت 
نادىر تېما
دوست
73 
يازما
1423 
تېما
140 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-4 19:17 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يانا بولسا ئەۋەتىڭە مۇنداق ، كۈلۈپ ئوتتىرىلى جانىم

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-4 19:39 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بولىدۇ ،سىلەرنى خۇشال قىلالىسام بۇ مىنىڭ بەختىم ھېسابلىنىدۇ.

توردا
234سائەت 
نادىر تېما
دوست
32 
يازما
2146 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-4 19:42 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
راس بەك قىزقارلىقلىقكەن، بولۇپمۇ ئەڭ ئاخىرىدىكى ‹‹شەيتان›› نىڭ بەك قىزقارلىقكەن.

توردا
584سائەت 
نادىر تېما
دوست
42 
يازما
1569 
تېما
39 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-4 22:50 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك قىزقارلىقلىقكەن...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-20 17:28

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.