كېچەلمەيمەن ھېچ نىمەمدىن سىنى دەپ،
تارتقىن ئىشىق قىلىچىڭنى بېشىمدىن.
ئۆمۈچۈك تور تارتقان ئاددى ئۆيۈمگە،
كۈيۈپ تۇرغان گۈلخان مەن ئىچ-ئىچىمدىن. 
غېرىپلىق تۆت تامدىن تامچىپ تۇرسىمۇ،
چۆكەلمەيسەن سەن ئۇندىكى سىرلارغا.
تەكچىلەرگە كەڭ يېيىلغان نەقىشلەر،
زەپ ئوخشايدۇ ئاتام باسقان ئىزلارغا. 
يېقىلسا ئوت ئانام كۆرگەن ئوچاققا،
بەخىتنىڭ چىن ھۇزۇرىدا قاينايمەن.
شەربەتلەرنى لىق تولدۇرۇپ جاملارغا،
تۈكۈپ كۈيلەر دۇتارىمدىن سايرايمەن. 
ئىشىك ياپسام تەنھالىقتا كىچىگە،
نۇر تۈكۈلەر ئاتام ياققان چىراقتىن.
شىرىن چۈشلەر قاينىمىدىن دۇر سۈزۈپ،
يىشىلىمەن جاننى ئەسكەن پىراقتىن. 
ئايلانساممۇ تۇپىسىغا بۇ ئۆينىڭ،
ئىشقىم زىنھار يىراقلارغا چېچىلماس.
مەندىكى پاك سۆيگۈلەرنىڭ مەناسى،
سەن يايرىغان شەھەرلەردىن تېپىلماس. مەنبە: (ئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىر) |