مەن بۇ پائالىيەتكە كەسكىن قارشى چىقىمەن~!!!
شەكىل بولۇپ قالدى بۇ ئىشلار. يوللىغان تېمىسىنىڭ تايىنى يوق. بىرمۇ ئىجادى تېما يوللىمايدىغان ، پۇتۇن تور دۇنيايسىنى ئارلاپ ، بىسلىپ قالغان تېمىلارنى يوللاپ ، مۇنبەرنىڭ ساندانىنى كۆپەيتىۋاتقانلار ، كاللا دېسە ، پاقالچاق دەپ يۈرگەنلەر مۇكاپاتلىنىۋاتىدۇ. ئەجىر قىلغالارچۇ؟ مۇشۇنداق بولسا مۇنبەر تەرەققى قىلامدۇ ؟ باشلىقلار سىلەرنىڭ ئىقدىزادىڭلار شۇنچە كۆپما؟ خەجلەيدىغانغا جاي تاپالمايۋاتامسىلەر.ئەمسە ئايدا بىر ئىجادى تېما يوللاش،نادىر تېما يوللاش بويىنچە مۇكاپاتلايلار. تەرجىمە ئەسەرلەرنى قوبۇل قىلىڭلار. مۇنبەرنى مانا مۇشۇنداق ئۆلۈك ھالاتكە چۈشۈرۈپ قويۋاتقىنى باشلىقىلار دېسەم كۆپ ئىغىر كەتمەس. بىزدە تەلەپچانلىق يوق. قانداق تېما بولسا تەستىقلايمىز.تەسقىلىمىساق ئەسكى ، ناچار، .... ۋاھاكازالا... بولۇپ كېتىمىز. بولساقمۇ بولايلى ئۇيغۇر تورچىلىقى ئۇچۇن.
سەن قانچىلىكتىڭ دەيسىز ھەقاچان ئىنكاسىمغا توغرا كەپ قالغانلار. مەن ئۆزۈمچىلى بولغاچقا مۇنۇ گەپنى قىلدىم . بىر كۈن مۇنبەر ئالدىغا كىلىپ ستاستىكا قىلىپ بىقىڭ!!! كۈندە قانچە تېما قەلەم تۇتۇپ يىزىلىۋاتىدۇ. قانچە تېما ئىگە چاقىسىز مۇنبەر يۈزىگە چىقىۋاتىدۇ. ئەجىرسىز مىۋەگە ئىرشىۋاتىدۇ.
ئوڭشىلىپ قالار-ئوڭشىلىپ قالار.... دېدىڭلار ، قاچان ئوڭشىلىدۇ. قاچانغىچە تەييار تاپلق قىلىدۇ. قاچانغىچە كاللىسىنى ئىشلەتمەيدۇ. قاچانغىچە ئۆزى ئۈچۈن ، ئۆزى ياخشى كۆرگەن مۇنبەر ئۇچۇن قىممەت ياراتمايدۇ!!!! مۇنبەر ئارقا سپىگە كىرسە نەچچە تېما تۇرغان ، خۇشال ئاچسا، ئىككى توك توك تىما ، مەنبەسى پالانى توربەت،. بوپتۇ يوللاڭ ، سەل ئەھمىيەتلىكنى يوللىمامسىز. ئىنكاس توغرىلىق گەپ قىلماي بولدى. قايناپ قان بىسىمى بولسام ئۆزۈم ئىگە ھەقاچان.
مۇكاپاتلاڭلار ئەمسە ، داۋاملىق تۇردە مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىىڭلار.مۇنبەر كۆردىغانلار ، ھەممە مۇنبەرلەردە تۆكمە بوپ كەتكەن تېمىنى كۆرەرمەنمىكىن دەپ كىرمەيدۇ، يىڭلىق بارمىكىن دەپ كىرىدۇ. مۇشۇ ئىنكاسىم ئارقىلىق ،ئۇرۇش چىقىرالماي ئاران تۇرغانلار بولسا ، قىنى دەردىڭىزنى تۆكىۋىلىڭ!!! باشلىقلار سەن خاتا گەپ قىلدىڭ دەپ باشلىقلىقتىن چۇشۇرۋەتسە، ئارخىبىمنى يۇيۋەتىسىمۇ رەنجىشىم يوق. پەقەت مۇنبەر ئۇچۇن ياخشى بولسىكەن ، سۇپەتلىك تېمىلار ئىزدا نۇرلانسىكەن دېگەن يىرىم بار. ئايرىم دىيشىمەن دېسەڭلار 871213694 مانا مۇڭداشقۇم..
ماڭا بەرمىدى دەپ قىزغانغانلىقىم ئەمەس، مەنمۇ ئىرىشىپ بولغان.دېمەكى بولغىنىم مۇنبەر ئۇچۇن تىرىشايلى، ئۇنچە ھورۇن تەييار تاپ بولمايلى !!!
بۇ پىكىرلەر پەقەت بۇ قىتىمقى مۇكاپاتلاش نەتىجىسىگىلا قارتىلغان ئەمەس. ئىنكاسىمنى ئۆزىڭىگە توغرا كەلسە ئۆزىڭىزگە ئالارسىز، بولمىسا ئوقۇپلا قويۇڭ!!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xatay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-5-16 14:21
|