ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر بالىلىق ئالبۇمى (دىلداش)
كۆرۈش: 82|ئىنكاس: 4
go

بالىلىق ئالبۇمى (دىلداش)

توردا
85سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
124 
تېما
60 

ئۈلگىلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-4 01:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

بالىلىق ئالبۇمى (دىلداش)
(چاتما)

ئاپتۇر :كامىلجان ناسىر (دىلداش)

مۇقەددىمە

سەن قەيەردە بالىلىق،
مېنى تاشلاپ كەتتىڭمۇ؟
مەن مۇرادقا يەتمىگەن،
سەن مۇرادقا يەتتىڭمۇ ؟

سېنى نەدىن ئىزدەيمەن،
مۈكىۋالدىڭ قەيەرگە؟
تېپىۋالاي دۇنيادا ،
بولساڭلا سەن ئەگەردە...

قۇياشمۇسەن بالىلىق؟
يۇلتۇزمۇ سەن بالىلىق؟
چاقناپ قۇياش، يۇلتۇزدەك،
كۆچتىڭمۇ سەن بالىلىق .

ئەي بالىلىق سەن نېمە؟
سەن چىرايلىق ئالبۇممۇ؟
بالىلىققا قانمىغان ،
مېنىڭ چاڭقاق قەلبىممۇ؟...

بالىلىق ئالبۇمنىڭ باھاردىكى بېتى

باھاردەكلا سەبى سەن،
باھاردەكلا بىغۇبار .
ساددا خىياللىرىڭغا،
كېلەر ھەتتا جاھان تار.

باھاردىكى مايسىدەك،
زوقلىرىمنى تارتىسەن.
كائىناتقا ئەڭ قىزغىن،
تۇيغۇلاردا باقىسەن.

باھاردىكى شوخ سۇدەك،
ۋىلىق-ۋىلىق ئاقىسەن.
كۈلكىلىرىڭ بەك تاتلىق،
بارچە دىلغا ياقىسەن.

باھاردىكى قۇش بۇلۇپ،
كۆكتە پەرۋاز قىلىسەن.
پەرۋازىڭدىن دىللارغا،
پەرۋاز روھى بېرىسەن.

باھاردىكى زېمىن سەن،
شۇنچە مۇنبەت -بىپايان.
بىر غايىۋى ئۈمۈدنىڭ،
چىراقلىرى يېقىلغان .

باھاردىكى چېچەك سەن،
باققان بارچە ھەۋەستە.
باھار ئىدىم مەنمۇ ھەم،
بالىلىقىم يىتمەستە ...

بالىلىق ئالبۇمىنىڭ يازدىكى بېتى

بېلىق بۇلۇپ يالىڭاچ،
دەريالارغا چۈمۈلدۇق.
پىلىكى يوق سويمىدەك،
قىزىق قۇمغا كۆمۈلدۇق.

بولساق سۇغا چۆمۈلۈپ،
يۈگۈرەيمىز باغلارغا.
ئۈجمە يەيمىز قۇشقاچتەك،
قونۇۋېلىپ شاخلارغا.

شاختىن چۈشۈپ قويلارنى،
ھەيدەپ بارىمىز دالاغا.
تېپىشماقلار تاشلايمىز،
ئەڭ ئەقىللىق بالىغا.

بالىلىق ئالبۇمىنىڭ كۈزدىكى بېتى
يەتتە باھار ،يەتتە ياز،
ئۆتۈپ بوپتۇ جىممىدە.
ھېچ كىشىگە تۇيدۇرماي،
كىرىۋالدۇق يەتتىگە.

مەكتەپ دېگەن قانداق جاي،
ئۆيىمىزگە ئوخشامدۇ؟
مۇئەللىم بىر بوۋايمۇ،
چۆچەك سۆزلەپ بېرەمدۇ؟

خوش ئۇيۇنچۇق،خوش قۇچاق،
بىز مەكتەپكە يول ئالدۇق.
مەكتەپ بىزنى سېغىندى،
بىز مەكتەپنى سېغىندۇق.

قۇياش ئۇخلاپ ياتقاندا،
بىز مەكتەپنىڭ يولىدا.
ئۇخلاپ ياتار ئورمانلىق،
توپىلىق يول بويىدا.

پەقەت-پەقەت بىز ئويغاق،
تاڭ گۇگۇمى قوينىدا.
باشلانغانكەن بالىلىق،
ئاشۇ كۈزنىڭ باغرىدا.

بالىلىق ئالبۇمىنىڭ قىشتىكى بېتى
قىشلاق ئۇخلار بوۋاقتەك،
ئاپپاق قارغا پۈركۈنۈپ.
بوۋاقلارنىڭ چۈشىدەك،
تاتلىققىنە چۈش كۈرۈپ.

يول بۇيىدا قار بۇۋاي،
چۇڭقۇر خىيال ئىچىدە.
قارياغماقتا لەپىلدەپ،
ئۇنىڭ مۇزدەك قەلبىدە.

پېشايۋاندا پاختەكلەر،
تۈگۈلگەنچە ئولتۇرار.
دان تېپىپ يەپ قەيەردىن،
قۇرسىقىنى تويغۇزار ؟

ئاق تاش، كۆك تاش،سۈزۈك تاش،
بىز باللارغا كىم ئاداش؟
كانكى سۆرەپ مۇزلۇققا،
كېتىپ قالدۇق ئالدىراش.

قار نېمىگە ئوخشايدۇ؟
بېز بالىلار قەلبىگە.
قىپ قالغانكەن بالىلىق،
ئاشۇ يىراق پەسىلدە.

تۈگەنچ
نېمە دىگەن چىرايلىق ،
بالىلىقنىڭ ئالبۇمى.
يىراقلارغا چاقىرىپ،
ئەكەتتىكىن كىم ئۇنى؟

قاپتۇ ئەمدى بەك يىراق،
بىزنىڭ بالا چېغىمىز.
تۇلۇپتۇ لىق ھەسرەتكە،
بىزنىڭ چاڭقاق قەلبىمىز.

ئاھ،يەتتە ياش،يەتتە ياش،
ئەمدى كۆزدىن ئاقتى ياش.
ساناپ باقسام يېشىمنى،
ھەەقدا بوپتۇ قىرىق ياش.


ئاپتۇر :كامىلجان ناسىر (دىلداش) قەشقەر يېڭىشەھەر ناھيسىدە شىپاگەر

توردا
434سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
2444 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-4 07:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
پاھ نىمە دىگەن ئېسل نەزىمىلەر بۇ ؟ بىر - بىردىن مەزىمۇنىلۇق ، شۇنىداق بەك ياخىشى چىقىپىتۇ ! مەنىمۇ بالىقمىنى شۇنىداق سېغىنىپ قالىدىم بۇ شئېرڭىزىنى كۆرۇپ . بولىسا بۇنىدىن كىيىنمۇ يوقاپ كەتمەي . داۋامىلىق يوللاپ تۇرۇڭ . ناىدرى تىمىلىرڭىزغا تەشىنا ئىز .

توردا
284سائەت 
نادىر تېما
دوست
49 
يازما
1354 
تېما
79 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-4 08:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بالىلىقىمنى ئەسلىتىپ قويدىڭىز.شۇنچىلىك غەمسىز چاغلار ئىدى.تمىڭىزغا رەھمەت.

توردا
236سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
2152 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-4 10:34 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بالىلىقىمىز ھەقىقەتەن بەك غەمسىز ئىدى نىمىدىگەن گۈزەل چاغلارھە ئۇ.....، ھارمىغايسىز، سىزگە ھەر ۋاقىت ئۇتۇق تىلەيمەن.

توردا
177سائەت 
نادىر تېما
دوست
25 
يازما
435 
تېما

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-4 12:00 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بالىلىقىمنى ئەسلىگۈم يوق............بەك ياخشى چىقىپتۇ بۇ شېىر ..............
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-23 00:29

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.