ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى ئەرلەر مەڭگۈ ئارلالمايدىغان ئاياللاردىن بو ...
كۆرۈش: 226|ئىنكاس: 5
go

ئەرلەر مەڭگۈ ئارلالمايدىغان ئاياللاردىن بولۇڭ :

Rank: 8Rank: 8

توردا
888سائەت 
نادىر تېما
دوست
150 
يازما
3238 
تېما
480 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-7 11:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئەرلەر مەڭگۈ ئارلالمايدىغان ئاياللاردىن بولۇڭ :

ئەرلەر نېمىشقا بۇ خىل ئاياللاردىن ئايرىلالمايدۇ؟ ئەگەر سىز ئەرلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى كۆرۈشۈشىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز، ئىككى ئادەمنىڭ ھېسسىياتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىشىڭىز كېرەك. ئەرلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى 10 تۈرلۈك شەرتنى ھازىرلاڭ.
1. ئۇنىڭ دوستىغا ئايلىنىڭ، ئۇنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلىمەڭ، قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سەپمەڭ. ئەرلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ۋە شەكلى ھەر خىل بولىدۇ، قىزىقىش دائىرىسىمۇ ناھايىتى كەڭ بولىدۇ. سىز ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ۋە شەكلىنى ئۆزگەرتىمەن، دېمەڭ. ئەگەر ئۇنداق قىلسىڭىز، ئۇ ھالدا باشقا ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. سىز بەزىدە ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇپ، مۇسابىقە كۆرسىڭىز، بىرگە ئويۇن ئوينىسىڭىز، تەسىرات ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇنداق تۇرمۇش ھەر ئىككى تەرەپكە ئازادىلىك بەخش ئېتەلەيدۇ.
2. ئۇنىڭ قايغۇ-ئەلەملىرىنى چۈشىنىڭ، ئۇنىڭدىن زارلانماڭ، ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭ خوجايىنى چاغلاپ قالماڭ.ئەرلەرنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق كەسپى ۋە بېسىمى بولىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە غايىسى ۋە نىشانى بولىدۇ. شۇڭلاشقا سىز «مەن ئۇنىڭ كۆڭلىدە بىردىنبىر بولۇشۇم كېرەك»دەپ تۇرۇۋالماڭ.مۇھىمى ئۇنى چۈشىنىڭ، ئۇنىڭ دەردىگە يېتىڭ، ئۇنىڭغا كۆڭۈل ئازادىلىكى ھېس قىلدۇرۇڭ، شۇندىلا ئۇنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالالايسىز.
3. ئۇنىڭ بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئادەمگە ئايلىنىشىغا ياردەم قىلىڭ. ئۈن-تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش جەريانىدا ئىككى تەرەپنىڭ ئورنىنى تاپقىلى بولىدۇ. قۇرۇق سەپسەتە سۆزلەش مەغلۇبىيەتنىڭ ئاچقۇچىدۇر.پەقەت ھەقىقىي سەمىمىيلىك بولغان سۆھبەت قارشى تەرەپكە ئۈمىد ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ. ئەرلەرنىڭ نۇقسانلىرى كۆزىڭىزگە كۆرۈنۈپ قالغان ۋاقىتلاردا ھەرگىز ئۇنىڭغا بۇيرۇق قىلماڭ. كىشىلىك تۇرمۇش داۋامىدا ئاستا-ئاستا ئۇنىڭغا كۆرسەتمە بېرىڭ. ئۇنىڭغا يوشۇرۇن ھەمدە توغرا يوللار بىلەن بۇ خىل نۇقسانلىرىنى ئۆزگەرتىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇرۇڭ.
4. ھەممە ئادەمنىڭ ئۆتمۈشى بار، شۇڭا قارشى تەرەپتىن بۇلارنى سوراۋەرمەڭ. ئەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆتمۈشى بولىدۇ، ھەممىسىنىڭ سىزدىن بۇرۇن يۈرگەن ئاياللىرى بولىدۇ. ئەمما سىز بۇلارنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تۇرۇۋالسىڭىز بولمايدۇ. ئۇ سىزنى تاللىغان ئىكەن، دېمەك سىز ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئورۇنغا ئېرىشتىڭىز، دېگەن گەپ.شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە ئۆتكەن خاماننى سوراۋەرسىڭىز، سىزنىڭ ئېرىشىدىغىنىڭىز، ئورنىنى تولدۇرۇپ بولغىلى بولمايدىغان ئازاب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئۇنىڭ ئۆتكەن ئىشلىرىنى ئازراق تىلغا ئېلىڭ، ئەڭ مۇھىمى ھازىرنى قەدىرلەڭ.
5. ئەگەر ئۇ سىزنى ياخشى كۆرسە، ھەر كۈنى شاتۇتىدەك سايراپ يۈرمەيدۇ. سىزگە جەزمەن «قەدىرلىكىم، سىزنى سۆيىمەن» دېيىشنىڭ ئورنى يوق. ئاياللار تەسەللى موھتاج بولىدۇ، ئەرلەرمۇ شۇنداق.ئەمما ئاياللار داۋاملىق قارشى تەرەپتىن مۇنداق ئورۇنسىز تەسەللى تەلەپ قىلىۋېرىڭ، « سىزنى سۆيىمەن دەڭ» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىۋەرسە، ئۇ ھالدا نورمال ھېسسىياتقا تەسىر يېتىدۇ-دە، نورمال تەسەللى بېرىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغاندىمۇ، تەسەللى بېرىلمەي قالىدۇ.سىز پەقەت قارشى تەرەپنىڭ ئەڭ ئاددىي ۋە ئىنچىكە ھەرىكەت ۋە گەپ-سۆزلىرىدىن بىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.
6.نام-ئاتاق ئۈچۈن ئۇنىڭغا كۆزىڭىزگە كۆرۈنگەن نەرسىنىڭ ھەممىسىنى ئالدۇرماڭ. سىز ئۇنىڭ سۆيۈشىگە موھتاج بولسىڭىز، ئۇمۇ موھتاج بولىدۇ.بەزىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئادەتتىكى بىر مارجان دېگەندەك نەرسىلەر ئۈچۈن جەڭگى-جېدەل بولۇپ قالىدۇ. ئاياللار ئۈچۈن زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى ئانچە مۇھىم ئەمەس، ئەگەر سىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن ھەقىقەتەن زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى ئەڭ مۇھىم دەپ قارىسىڭىز، ئۇنداق ئاشۇ نەرسىلەر بىلەن مەڭگۈ بىرگە ئۆتۈڭ. ئەگەر ئۇنداق قىلمايمەن، دېسىڭىز ئۇنىڭغا تاللاش يولى بېرىڭ. سىز دېمىسىڭىزمۇ ۋاقتى كەلگەندە ئۇ سىزگە ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋەرسىڭىز، ئاسانلا بىزار قىلىپ قويىسىز.
7. ئۇنىڭغا تايىنىشىڭىز مۇقەررەر بولسىمۇ، ئەمما مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئۆگىنىڭ. ئۇنىڭ ۋاقتى ۋە زېھنىنى ئۆزىڭىز ئۈچۈنلا ئىسراپ قىلغۇزماڭ.سىز ئەمدى بويىغا يەتكەن قىز بولۇڭ ياكى چوڭ ئايال بولۇڭ، يەنىلا سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە خاس تەپەككۇر ئۇسۇلىڭىز ۋە كەسپىڭىز بولۇشى كېرەك. مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈشىڭىز كېرەك. شۇنداق قىلسىڭىزلا ئەرلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلەيسىز. ھەمدە قارشى تەرەپ ئوخشاش سالاھىيەتتە تۇرۇپ پىكىرلىشەلەيسىز. ئىككى تەرەپ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلالىغاندىلا، ئاندىن ھېسسىيات جەھەتتە ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ.
8.ئۇنىڭ باشقا ئاياللار بىلەن دوست بولۇشىغا قارشى تۇرماڭ.ئۇنى ئۆزىڭىزنىڭ چەمبىرىكى مۇھاسىرىسىگەئېلىۋالماڭ. بىر نورمال ئادەمنىڭ ئەلۋەتتە يات جىنسلىق دوستلىرى بولىدۇ. شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن تۇرمۇش نورماللىشىدۇ. ئەگەر سىز خاتىرجەم بولالمىسىڭىز، سىز ئۇنىڭ يات جىنسلىق دوستلىرى بىلەن دوستلاشسىڭىز بولىدۇ. ئىشقىلىپ سىز ئۇنى مۇناسىۋەت ساھەسىدە چەكلەپ قويسىڭىز بولمايدۇ.
9.تۇرمۇشتىكى ئۆزىڭىزنىڭ سالاھىيىتىنى موللاشتۇرۇڭ، سىز ئۇنىڭ دوستى، ئايالى، ھەمكارلاشقۇچىسى، مەسلىھەتچىسى بولۇش بىلەنمۇ چەكلەنمەڭ. ئەلۋەتتە، سىز ئۆزىڭىزنىڭ سالاھىيىتىڭىزنى موللاشتۇرسىڭىز، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم قىلالايسىز. ھەمدە ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنىڭ دۇنياسىدا مۇھىم ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلدۇرالايسىز.
10. ئاسانلا ئاچچىقلانماڭ. سوغۇق قان بولۇڭ.ئاياللارنىڭ ئاچچىقلىنىشى تەبىئىيدۇر. ئەمما بۇنى ئەرلەر بىلەن باردى-كەلدى قىلغان ۋاقىتتا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. قارشى تەرەپ سىزنىڭ كۈلپەتلىرىڭىزنى قۇبۇل قىلالايدۇ، ئەمما سىزنىڭ ھاقارىتىڭىز ۋە ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوق ئاچچىقلىنىشىڭىزنى كۆتۈرەلمەيدۇ. ئۇ سىزگە موھتاج بولغىنى بىلەن سىزنىڭ بۇ خىل يامان ئادەتلىرىڭىزگە موھتاج ئەمەس.
تۈگۈنچە: گەپنىڭ قۇيرۇقىنى بوغقاندا، ئۇنىڭ دوستىغا ئايلىنىڭ، ئۇنىڭ ئىشلىرىغا زىيادە ئارىلىشىۋالماڭ. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشنى بىلىڭ. ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ. پىشقان ئاياللاردىن بولۇڭ، شۇنداق قىلسىڭىزلا ھايات مۇساپىڭىز كۆڭلىڭىزدىكىدەك بولىدۇ.

مەنبە : « شىنجاڭ ياشلىرى »

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا salkin11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-5-7 11:22

مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

توردا
434سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
2444 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-7 11:47 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋاي بەك رەخىمەت سىزىگە ، مۇنۇ تىمىڭىزدىن ئۆزەمىدىكى نۇرغۇن كەمىچىللكلەرنى كۆرۋالىدىم . بەك ياخىشى تىما ئىكەن . بۇنىدىن كىيىنمۇ داۋامىلىق يوللاپ تۇرشىڭىزنى ئۆمۇت قىلىمەن . نادىر تىمىلىرڭىز ئىزدا ئىز قالىدۇرغۇسى . كۆپ ئەجىرى قىپىسز . ئەجىرڭىزىگە كۆپ رەخىمەت .

توردا
24سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
120 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-7 11:59 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ماسلاشقانلار ھايات قالىدۇ ›› مانا بۇ ئاددى ئاتالغۇ .بولمىسا خۇدانىڭ ئۇزگە ئامانەت

توردا
123سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
310 
تېما
24 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-7 14:36 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قۇلىڭىزغا دەت كەلمىسۇن

توردا
584سائەت 
نادىر تېما
دوست
42 
يازما
1579 
تېما
39 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-7 21:39 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەخمەت سىزگە،مەنمۇ نۇرغۇن نەرسىنى ئۆگىنىۋالدىم............

Rank: 8Rank: 8

توردا
888سائەت 
نادىر تېما
دوست
150 
يازما
3238 
تېما
480 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-8 00:53 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇنداقمۇ ... بىزنىڭ ئۈگۈنۈشكە تىگىشلىك نەرسىللىرىمىز كۆپ ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-23 00:29

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.