ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر يۇمۇر چاقچاقلار كۈلمەي تۇرالمايسىز (ب)
كۆرۈش: 303|ئىنكاس: 18
go

كۈلمەي تۇرالمايسىز (ب)  

توردا
187سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
486 
تېما
132 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-14 11:39 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەرىچاق كىپىنەك قىزنى ياخشى كۈرۈپ قاپتۇ ،لىكىن كىپىنەك قۇلۇلە بىلەن توي قىپتۇ .
بۇنىڭغا چىدىمىغان ھەرىچاق قاقشاپ :سىز بەك ئەسكىكەنسىز كىپىنەك قىز ،مىنىڭ قۇلۇلىدىن نەرىم كام دەپتۇ ..
كىپىنەك قىز :قىززىق گەپ قىلدىكەنسز ،قۇلۇلىنىڭغۇ يالغۇز ئۈيى بار ،سىزچۇ؟ ئوپچە ياتاقتا تۇرسىز ،مەن سىزگە تەگسەم مەن نەدە تۇرىمەن ؟

------------------------------------------------------------------------------------------------------------

ھەربى قىسىمدا قارتا ئويناشنى قاتتىق چەكلەيدىكەن ..

بىر كەچلىكى كاتولىك دىنى مۇخلىسى ،بۇددا دىنى مۇخلىسى ۋە بىر يەھۇدى قارت ئويناۋاتقاندا ئوفىتسىر تەرىپىدىن سىزىلىپ قېلىپتۇ .
كاتولىك دىنى مۇخلىسى :-بۇ مەريەم گۇۋا بولسۇن ،مەن قارتا ئوينىمىدىم.
بۇددا دىنى مۇخلىسى :-ساكيامۇنى گۇۋاھ بولسۇن مەنمۇ ئوينىمىدىم .
يەھۇدى ئاتايدىغان ئات تاپالماي ،شۇنداق دەپتۇ :-ئويلاپ بېقىڭ ،باشلىق قارتنى قانداقمۇ بىر ئادەم يالغۇز ئوينىيالايدۇ..
--------------------------------------------------------------------------------------------


بىر ئادەمنىڭ ئايالىنىڭ قورسىقى ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپتۇ .
ئۇئادەم يولدا كىتىۋېتىپ ئىچىدە :بۇ ئايالىمنىڭ تۇنجى تۇغۇتى مەن بىر پال سالدۇرۇپ باقاي دەپ ئويلاپ پالچىنىڭ ئالسىغا بېرىپتۇ ..
پالچى:ئايالىڭىز 3نى تۇغىدىكەن ،بىرىنچى بالىڭىز تۇغما مىڭكوخەن بولغىدەك ،ئىككىنچى بالىڭىز تۇغما ماتىماتىك بولغىدەك ،ئۈچىنچى بالىڭىز قىپقىزىل لۈكچەك بولغىدەك،دەپتۇ ..
دىگەندەك بىرىنچى بالىسى تۇغۇلۇپلا 爸爸你好吗;دەپلا چۈشۈپتۇ ..
ئىككىنچى بالسى :دادا سەككىزكەر ئىككى ئون ئالتە شۇنداقمۇ؟ دەپلا چۈشۈپتۇ..
ئۈچىنچى بالىسى ھىچ چىقماي بىرەر سائەت ئۆتكەندە تۇغۇت ئانىسى بالىنى ئالغىلى ئاستا قولىنى ئاپارسا ,تاتە ۋە قولۇڭنى ئۈزۈم چىقىمەن دىگىدەك ..

------------------------------------------------------------------------------
ئۆيدە تېلۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرغان ئەرگە ،خوتۇنى كايىدى:
-يائاللا ئىشتىنىڭىزنى يىرتىپلا يۈرۈيدىكەنسىز،بىز ئاياللار بولمىساق سىىلەر ئەرلەر قانداق قىلارسىلەركىن تاڭ!
ئىرى ،كۈلۈپ تۇرۇپ :قىزىق گەپ قىلدىكەنسەن خوتۇن ،دۇنيادائاياللار بولمىسا ئىشتان كىيىشنىڭ نىمە ھاجىتى...

----------------------------------------------------------------------------------

بىر كۈنى بىر كۇچالىق ئۈرۈمچىگە بارماقچى بولۇپ ئاغىنىسى بىلەن خوشلاشقىلى ئاغىنىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ .ئۇ كېتەر چاغدا ئاغىنىسى:
-ئاداش،ئۈرۈمچى دىگەن چوڭ شەھەر ،كىشىلىرىمۇ مەدىنىيەتلىك ،ئۇيەرگە بارغاندا ئۆز شىۋەڭلاردا گەپ قىلماي ،نى جىقراق دەپ بېرىڭلا ..
كۇچالىقمۇ ئۆرۈمچىگە كىلىپ قاپتۇ ..شۇنداق قاراپ دۆڭ كۆۋرۈككە بارماقچى بولۇپ ئاپتۇبۇسقا چىققاندا پەلتويىنىڭ پىشىنى ئاپتۇبۇسنىڭ ئىشىكى قىسىۋاپتۇ.
شۇ ھامانلا دوستىنىڭ گىپى ئىسىگە كىلىپ ۋارقىراپتۇ. ۋاريەي، ئاپتۇربۇسنىڭ ئەرشكى پەرتويۇمنىڭ پىرشىنى قىرسىۋالدى،قۇرتقۇزۇڭلار!

-----------------------------------------


بىر كىشى ھازازۇل خۇتۇنىدىن زىرىكىپ يۈرگىنىدە ،ئايالى تۇيۇقسىز گەپ ئارىسىدا ئۆيدىكى خىزمەتچى ئايالنى ماختاپ قاپتۇ ،
بىزنىڭ بۇ خىزمەتچىمىز قالتىس بەلەن ئايال-دە ، تاماققا ئۇستا ئارتۇق گىپى يوق ، ئۇنى-بۇنى دەپ ئادەمنىڭ بېشىنىمۇ ئاغرىتمايدۇ ،.......
گەپنىڭ ئىپى كەلگىنىنى بىلگەن ئەر دەرھال ئايالىنىڭ گىپىنى بۆلۈپتۇ ،
ئىسسىت شۇ خۇتۇننىڭ مىجەز-خۇلقىنى سىېنى ئېلىشتىن بۇرۇن بىلگەن بولسامچۇ ،،



--------------------------------------------------
138 خىنىمنىڭ ئوغلى ئۇخلىغىلى ئۇنىماپتۇ. دادىسى ئۇنىڭغا ھېكايە ئېيتىپ بېرىپ ئۇخلاتماقچى بوپتۇ. بىر سائەت ئۆتۈپ كېتىپتۇ، دادىسى ئوغلىنىڭ ھۇجرىسىدىن چىقماپتۇ.
بىر چاغدا 138 خىنىم ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ پەس ئاۋازدا:
--- ئۇ ئۇخلىدىمۇ؟- دەپ سوراپتۇ.
--- ئۇخلاپ قالدى، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئوغلىمۇ پەس ئاۋازدا. !

----------------------------------------------------

ئوقۇتقۇچى: دەرس باشلانغاندىن تارتىپ توختىماي سۆزلەپ چىقتىڭ، قېنى دەپ باقە، سەن زادى ئوقۇغۇچىغا ئوخشامسەن؟-
قاپلان120: ئوخشىمايدىكەنمەن.
ئوقۇتقۇچى: ئۇنداقتا، سەن كىمگە ئوخشايدىكەنسەن؟!
قاپلان120: ئوقۇتقۇچىغا.

----------------------------------------------------------------

ئاق توشقان: يەڭگە، سىز دەپ بېقىڭە، لايىق تاللىغاندا ئاپىسى يوقنى تاللايمۇ ياكى يەڭگىسى يوقنى تاللايمۇ؟

ئايگۇل123: ئەڭ ياخشىسى سىڭلىسى يوقنى تاللاڭ.
----------------------------------------------------



ئەمدىلا مۇھەببەت يولىغا قەدەم تاشلىغان ۋاي دەردىم، 0998cn دىن سوراپتۇ:

،سىزنىڭچە بىر كۆرۈپ ئاشىق بولۇپ قېلىشقا ئالاھىدە مەنپەئەت قىلىدىغان دورا بارمىدۇ؟
-بار دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ 0998cn،ئۇ بولسىمۇ ئىككىنچى قىتىم تازا زەن سېلىپ قاراش.


------------------------------------------------------------
بالىسى، يانبۇلاققا؛-مەكتەپتە مۇزىكا ئەترىتى قۇرۇلىدىكەن،مېنىڭ قاتناشقۇم بار.ئەمما چالغۇ ئەسۋاپنى ئۆزىمىز ئالىدىكەنمىز،قانداق قىلاي؟
يانبۇلاق: چوكىدىن بىرنى بېرىپ؛
-ئالە مانى،سەن بېرىپ دېرىجور بولغىن.

------------------------------------------------
ساراي: ئاپتۇۋۇزغا چىقىشىغا شۇنداق چىرايلىق نازاكەت1212 غا. كۆزى چۈشۈپتۇ ۋە نازاكەت1212 غا، قارىغانچە قارىغۇسى كەپ، ئاخىرى غەيرەت قىلىپ ئۇنىڭغا باغاقچە يېزىپتۇ.
خان قىز ، سىز بىلەن تونۇشۇپ قالغۇم بار، خالىسىڭىز باغاقچىنى قايتۇرۇپ بىرىڭ، خالىمىسىڭىز دەرىزىدىن تاشلىۋېتىڭ.
نازاكەت1212 كەينىگە بىر قاراپ قويۇپ، سومكىسىدىن قەلىمىنى ئېلىپ بىر نەرسىلەرنى يېزىپ سىرداشقا بىرىپتۇ.
ساراي: خوش بولۇپ، ئۆزەمنىڭمۇ خېلى پەيزىم بار دەپ ئويلاپ باغاقچىغا قارىسا، كەچۈرڭ دەرىزە ئېچىلمايدىكەن .دىگەن خەت يېزىقلىق تۇرغىدەك.
--------------------------------------------------


مۇسلىمە خىنىم ،ئوتياق ئەپەندىگە: مېنى ياخشى كۆرەمسىز؟
ئوتياق ئەپەندى؛ ئەلۋەتتە ياخشى كۆرىمەن.
مۇسلىمە خىنىم :ئەگەر سىزدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كىتىپ قالسام قانداق قىلىسىز؟
ئوتياق ئەپەندى؛ ئازابلانغىنىمدىن ساراڭ بولۇپ قالىمەن.
مۇسلىمە خىنىم :قايتا ،يانا بىرسىنى تاپارسىزمۇ؟
ئوتياق ئەپەندى؛ بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس، «ساراڭ»دا نېمە گۇناھ؟
--------------------------------------------------------


بىمار ياتاقتىن رازى بولماي دوختۇر فاتىمەگە: ياتاق ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپتۇ .
فاتىمە_ نىمە دەپ ئالماشماقچى بولدىڭىز ، ياتاقدېشىڭىز داڭلىق كۈلدۈرگە ئارتىسى تۇرسا ؟
بىمار_ گېلىڭىزنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ تېخى ئىككى كۈن بولمايلا قانغۇچە كۈلۈپ سىناپ باقسىڭىزلا ئاندىن بىلىسىز دەپتۇ.


دوسلارغا چاق-چاق . كۇلكە بولسۇن دەپ. كەچۇرۇڭلار.



مەنبە:ئىزلا تورى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qaharbag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-7-14 12:23

توردا
187سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
486 
تېما
132 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-14 12:03 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
دوسلار ، كۆڭلۆڭلەرگە ئالماڭلار

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-14 13:23 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھا ھا ھا بەك كەلتۈرۈپسىزغۇ ! بۈگۈن ئىز تورىنى سىز زىل _ زىلىگە كەلتۇرۋىتىپسىزغۇ ! قابىلىيەت دىگەن بار يەردە با دە .

توردا
298سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
798 
تېما
49 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-14 13:49 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھا ھا ھا ھەممىمىزنى بەك ئوخشىتىۋىتىپسىز غۇ ...رەھمەت سىزگە...

توردا
138سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
955 
تېما
12 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-14 15:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كۇچالىقنىڭ بەكلا قىززىقكەن ، رەھمەت سىزگە ... بولسا داۋاملىق يوللاپ تۇراسىز !

توردا
275سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
1050 
تېما
111 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-14 16:26 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مانا بۆگۈن يۇمۇرنى كۆرگەندەك بولدۇم

توردا
206سائەت 
نادىر تېما
دوست
23 
يازما
1179 
تېما
251 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-14 16:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھا ھا ھا بەك كەلتۈرۈپسىزغۇ ! ..................... بولسا يەنە يوللاپ بىزلەرگە كۇلكە ئاتا قىلارسىز............

توردا
13سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
52 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-14 17:18 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇلارنى ئوقۇپ بىركۇنلۇك خىزمەت ھاردۇقۇم چىقتى، ئۇھھھھھھھھھھھھھھھھھ ،رەھمەت سىزگە

توردا
236سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
2152 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-14 17:51 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت سىزگە ، بەك قىزقارلىقكەن، كۈلكە ئاتا قىلغىنىڭىزغا تەشەككۈر.....

توردا
53سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
204 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-14 17:58 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت سىزگە، بولسا يانە يوللاپ تۇرۇڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-23 02:31

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.