ئەر_خوتۇن
( ئەركىن شېئىر)
ئەر_خوتۇن ،
ئىناق ئۆتەر ، بىر-بىرىگە نازلىق ئەركىلەپ.
ھۆي،
ھەي،
دادىسى،
ئانىسى،... دىيىشىدۇ بىر-بىرىنى تاتلىق پەپىلەپ.
@
خوتۇن ، ھەر بىر قىيا بىقىشلىرىدا رام قىلار ئەرنى،
دال قىلار ئەرنى،
زار قىلار ئەرنى، لال قىلىپ دىلنى.
ئەنە شۇنداق تاتلىق بىر ھىستا
ئۆتكۈزىدۇ ئاينى ۋە يىلنى.
خوتۇن ،
جاپالىرىنى ،
ئىناقلىقنى بەخىت بىلىدۇ. سۇپۇرگە قىپ سۇمبۇل چاچلىرىنى،
پاكلىقنىڭ ،
ئاقلىقنىڭ ،
سۆيگۈسىدە يورغۇلايدۇ.
مۇھەببەتنىڭ ئوچاقلىرىدا
بىلەكلىرىنى كۆسەي قىلىپ،
تاتلىق توقاچ يىقىپ بېرىدۇ.
@
ئەر، ئۆكۈز كەبى سۆرەر،
بۇ ھاياتنىڭ ، ئىغىر سۆرەملىرىنى،
ساپانلىرىنى.
سىرىلىدۇ ئىچىڭ كۆرۈپ قالساڭ، چاك-چاك ،
تىلىم-تىلىم تاپاللىرىنى،
سۆيۈنىسەن شۇ چاغدا
بىنا ئەتكەن ئورمانلىرىدىن. جورىسى ئۇچۇن ،
يۈرىكىنىڭ پارىسى ئۇچۇن، مېھرى بىلەن قۇرۇپ چىققان قورغانلىرىدىن.
@ ئەر_خوتۇن ،
شۇنداق ئۆتەر ، ھايات بېغىدا. بىرى زەم-زەم،
بىرى كەۋسەر،
ئۇسسۇزلىققا بىھاجەت ئۇلار
چۆلدە ھەتتا يالقۇن تېغىدا .
ئەسلى ئىنسان پۇشتىغا
ئادەم ئاتام، ھاۋا ئانام ،
ئاتا قىلغان شۇنداق مېھىرنى.
جۇدۇنلاردا سۇنمايدىغان،
تومۇزلاردا سۇلمايدىغان
ئەڭ مۇقەددەس _ مۇھەببەتنى...
ئاپتۇرى: يۇسۇپجان سابىر ئوتياق
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا otyak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-6-15 22:22
|