ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى › مۇنبەر › شېئىر نەسىرلەر › ئۈرۈمچىنى كۆرۈپ قوي
كۆرۈش: 920|ئىنكاس: 22
go

ئۈرۈمچىنى كۆرۈپ قوي  

توردا
65سائەت 
نادىر تېما
3 
دوست
0 
يازما
353 
تېما
60 

ئىجادكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-24 22:36 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئۈرۈمچىنى كۆرۈپ قوي

( مۇخەممەس )

شاپتۇل، توغاچ، ئالۇچى، قوغۇن، تاۋۇز ئېلىپ قوي ،
ئەنجۈر، ئالما، ئاپلىسىن، يىڭى تەمىن تېتىپ قوي ،
نەشپۈت، ئۈزۈم، ئانارى، قىشى-يېزى ساقلاپ قوي ،
مېۋىلەرنىڭ سەرخىلى، ياڭاق، بادام چېقىپ قوي ،
مېۋە شاھى توپلاشقان، ئۈرۈمچىنى كۆرۈپ قوي .

ئاتۇش، قەشقەر، بارچۇقنىڭ داڭلىق تائام تامىقى ،
خوتەن، ئىلى، ئاۋاتنىڭ يەنە تىخى ھارىقى ،
كورلا، تۇرپان، غۇلجىنىڭ كۇلكە بىلەن چاخچىقى ،
پوسكام، قۇمۇل، قارماينىڭ تەييار ئىكەن يارىقى ،
نامى بىلەن ياراشقان،ئۈرۈمچىنى كۆرۈپ قوي.

زاۋۇت، شىركەت ماللىرى، كۆزلىرىنى چاقنىتار ،
داڭلىق ماركا كىيىملەر، ئەر-ئايالنى قارىتار ،
ئارمان، ئىخلاس يىمەكلىك، قۇۋەت بىلەن ئاينىتار ،
بۇ شەھەرگە كەلسىڭىز ، كۆڭۈللەرنى يورىتار ،
ئەلنىڭ كۆزى قاراشقان ، ئۈرۈمچىنى كۆرۈپ قوي.

ئادەملىرى سىپاھى ، شۇنچە ئىللىق مېھرىبان ،
ئۆز قوينىغا ئالىدۇ، خۇددى ئانا- بالاجان ،
ئىشچانلىقى شەھەرنى قىلدى گۈزەل ھەر زامان ،
نىمىتىنى شەھەرگە ،تۆكتى تەڭرى ئايىماي ،
ئىلىم ئەھلى توپلاشقان، ئۈرۈمچىنى كۆرۈپ قوي.

ئىگىز-ئىگىز بىنالار ، قەد كۆتەرگەن ئۈرۈمچى ،
ئەلنىڭ مېھرى تويۇنغان، قۇد تىلىگەن ئۈرۈمچى ،
ئاۋات بازار، دا بازار، ئەل كۆزلىگەن ئۈرۈمچى ،
ھۆسنىڭ شۇنچە چىرايلىق، كۆزتەگمىسۇن ئۈرۈمچى ،
شەھەرلىرى ياراشقان، ئۈرۈمچىنى كۆرۈپ قوي .

ئاپتۇرى: يۈسۈپجان سابىر ئوتياق

توردا
689سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
27 
يازما
942 
تېما
33 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-24 22:56 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن بىر قىتىممۇ بىرىپ باقمىدىم ،تىمىڭىزنى ئۇقۇپ ئۈرۈمچىگە بارغاندەك بولدۇم.

توردا
371سائەت 
نادىر تېما
1 
دوست
73 
يازما
1423 
تېما
140 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-24 23:25 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۆرۈمچىنى ماختاپلا ۋىتىپسىزغۇ

توردا
141سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
6 
يازما
327 
تېما
34 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-24 23:40 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنغۇ 1 قېتىم بارغان يانا بارغۇم كىلۋاتىدۇ لىكىن ۋاقتىنچە بارامايمەن كىيىن پۇرسەت بولسا بارامەن تىمىڭىزغا رەخمەت ھارمىغاي سىز بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hakaniyat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-24 23:41

توردا
11سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
2 
يازما
40 
تېما
1 
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-25 00:25 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇرۇمچىنى كۆرمىگىلى 12يىل بوپتۇ

توردا
124سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
34 
يازما
582 
تېما
57 

ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-25 08:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇشىئىرنى ئوقۇپ مىنىڭمۇ بارغىم كىلىپ قالدى.لىكىن باراي دەپلا بارغىلى بولمايدۇدە..پۇرسەت بولۇپ قالار.شىئىر بەك ياخشى يىزىلىپتۇ.

توردا
236سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
33 
يازما
2152 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-25 10:20 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت سىزگە، ھارمىغايسىز

توردا
434سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
47 
يازما
2444 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-25 10:22 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
پاھ . نىمەدىگەن ئېسل شئر بۇ . ئۇرۇمىچىنى بەك ماخىتاپىلا يىزپىدىكەنىسىز شۇنىداق بارغۇم كېلىۋاتىدۇ . نادىرلىرڭىز ئۇزىلۇپ قالىمىسۇن داۋامىلىق يوللاپ تۇرۇڭ . ئەجىرڭىزىگە كۆپ رەخىمەت

توردا
12سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
0 
يازما
15 
تېما
7 
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-25 13:13 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن ھەممەڭلارغا قارىغاندا تەلەيلىك كەنمەن . سىرتقا چىقىپ ئۇبدانراق قاراپ باقسام بولغىدەك جۇمۇ
تازا زەڭ سالمىغان ئوخشىمامدىمەن؟.....

توردا
271سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
22 
يازما
904 
تېما
149 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-25 13:17 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەي بالىلار ئاتايىن ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئاۋارە بولغۇچە مېنىڭ بېغىمىغىلا كېلىڭىلار بۇنداق مېۋە-چىۋىلەر ناھايىتى كۆپ ھەممىسى ئۆزۈم تىكىكەن كۆچەتلەر....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-23 02:30

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.