ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئەدەبىي يازمىلار مېھىر ۋە مېھىرىبانلىق

      

كۆرۈش: 86|ئىنكاس: 3
go

مېھىر ۋە مېھىرىبانلىق

توردا
271سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
904 
تېما
149 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-27 18:26 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كىشىلەردىكى مېھىر-مۇھەببەت قانچىكى تەبئىي يېتىلسە، شۇنچە مۇكەممەل ھەم مۇستەھكەم بولىدۇ.
كىشىلىك تۇرمۇشىنىڭ ھەممە قاتلامىلىرىغا ۋە تۈرلۈك ئىجىتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەممىسىگە مېھىر-مۇھەببەت سىڭگەن بولىدۇ، تولىمۇ ئاز بىر قىسىم كىشىلەر مېھىر-مۇھەببەتنى تاۋار ئورنىدا كۆرۈپ، ئالماشتۇرۇشقا بولىدىغان نەرسە دەپ قاراپ بۇ خىل مېھىرىبانلىقىنى مەلۇم مەقسەت-مۇددىئا ئاساسىغا قۇرغان بولغاچقا،مەنپەئەت توقۇنۇشى كۆرۈلىسە ياكى مۇددىئاسى ئەمەلگە ئاشىسىلا، يازدا ئېچىلغان گۈل كۈزدە توزىغاندەك توزۇپ كېتىدۇ.دەرۋەقە،مەلۇم مەقسەت-مۇددىئاسى ئۈچۈن زور تىرشچانلىقىلارنى كۆرسىتىپ،ياسالمىلىق قىلىپ سالام-سائەت،ئىتائەتتىن باش كۆتۈرەلمىگەن .كۆرسە ھالى يوق،كۆرمىسە كارى يوق تولىمۇ ئاز بىر قىسىم روھى نامرات بىچارىلەر مېھىرى-مۇھەببەتنى سۈيئىستېمال قىلپ،چاكىنىلاشتۇرۇپ تەبئىيلىكىتىن چەتنىمەكتە.
مېھىر-مۇھەببەت كىشىلەرنىڭ ئەخلەق-پەزىلىتى، مىجەز-خاراكتېرى،تەبئىتى ئاساسىدا تەدىرىجىي يېتىلىدۇ.كىشىلىك قەدىر-قىممىتىنى بىلەلمىگەن غورۇرى بولمىغان كىشلەردە مېھىر-مۇھەببەتنىڭ يېتەرلىك بولۇشى ھەم تەبئىي يېتىلىشى ناتايىن .
مېھىرىبانلىق ئاساسىلىقى ئائىلىدە،ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۆز-ئارا كۆيۈنۈشى، ياردەملىشىشى،قوللىشى ۋە بىر-بىرىنى ئۆز-ئارا چۈشىنىشى،ئائىلىگە بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، مەجبۇرىيىتى ھەم سەمىمىيىتى ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ.ئائىلە ئىناقلىقى،كۆيۈنۈش ۋە چۈشىنىش،قوللاش ھەم سەمىمىيەت بولمىغا ئائىلىلەردە مېھىرىبانلىقىنىڭ، مېھىر-مۇھەببەتنىڭ يېتەرلىك ھەم تەبئىي بولۇشى ناتايىن . چوڭلار بالىلارغا ئۈلگە بۇلۇپ، مېھىرىبانلىق كۆرسىتىش، ياخشى ئەخلاق-پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈش ئارقلىق بالىلاردا مېھىر-مۇھەببەتنى قوزغاپ ۋە ئۇرغۇتۇپ،ئۇلاردا كىچىكىدىنلا چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان،باشقىلارغا كۆيۈنىدىغان،باشقىلارغا مەنپىئەتىگە زىيان سالىدىغان ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، ئومۇمىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان ،ياشانغان،ئاجىز ۋە مىيىپلارغا كۆڭۈل بولىدىغان ياخشى ئەخلاق-پەزىلىتىنى يېتىلىدۈرگىلى بولىدۇ.بىزدە(ئەسكى چاپان يامغۇردا ياخشى،يامان تۇققان ئۆلگەندە)،(يىراقتىكى تۇققاندىن يېقىنىدىكى قوشنا ئەلا)دەيدىغان گەپ بار. بۇ ئەمەلىيەتتە قان قېرىنداشلىق ئاساسىدا شەكىللەنگەن ھەم خوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى بىلەن بارلىققا كەلگەن كۈيۈنۈش، غەمخورلۇق قىلىش،مېھىرىبانلىق كۆرسىتىش ۋە دەردىگە دەرمان بۇلۇش قاتارلىقىلارغا قارىتىلىغان، تەبئىي شەكىللەنگەن مېھىرىبانلىقىتىن ئىبارەتتۇر.
ھەممىمىزگە مەلۇم،جەمەتلىك توپلىنىش ۋە ئىرسىيەتلىك ئۆزگىرىشچانلىقىنىڭ داۋاملىشىشى تۈپەيلى ئەجدادتىكى ئۆگىرىشچانلىقىنىڭ داۋاملىشىشى تۈپەيلى ئەجدادتىكى بەزى بەلگە(جۈملىدىن مىجەز خاراكتېر)ئىرىسىيەت بۇلۇپ قالىدۇ.بالىلارنىڭ پىسخىك-خاراكتېرىگە مۇھىت،جەمئىيەت،ئائىلە،كەيپىيات ۋە ئوزۇقلىنىش ئامىللىرى تەسىر قىلىغاندىن باشقا،ئىرسىيەت ئامىلىمۇ بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ،بۇنىڭ ئىچىدە ئائىلە ئامىلى ئىنىتايىن مۇھىم بۇلۇپ،ئائىلە ئەزالىرى ئارسىدىكى مېھىرىبانلىق،كۆيۈنۈش،ياردەملىشىش بالىلارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى ئاشۇرۇشتا ئىنىتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.شۇڭا ئاتا -ئانىلار بالىلارغا ئۈلگە بۇلۇش بىلەن بىرگە،ئۇلاردا ياىشى پىسخىك خاراكتېرىنى يېتىلدۈرۈشگە ئاساس سېلىش لازىم.
مەنبە؛پەن ۋە تۇرمۇش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا aygul123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-27 18:26

توردا
91سائەت 
نادىر تېما
دوست
14 
يازما
263 
تېما
42 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-27 21:12 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئائىلە ئەزالىرى ئارسىدىكى مېھىرىبانلىق،كۆيۈنۈش،ياردەملىشىش،قوللاشلار بولمىغان بولسا بۇ جاھان ھەرگىزمۇ تەرەققى قىلمىغان، ئادەملەر ئادىمىيلىكتىن چىقىپ كەتكەن بولاتتى.

توردا
434سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
2444 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-28 10:57 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخىشى مەزىمۇنىمۇ بەك مۇل تەربىيىۋى ئەھىمىيىتى بار ئىكەن . بۇنىدىن كىينىمۇ داۋامىلىق يوللاپ تۇرۇڭ . نادىرلىرڭىز ئۇزىلۇپ قالمىسۇن .

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-28 13:48 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئائىلنىڭ ئىناقلىقى، ئىتپاق بولۇشى ،ئۆز _ ئارا كۆيۈمچان بولۇشى ،ئۇلاردا ياخشى پىسخىك خاراكتېرىنى يېتىلدۈرۈشگە ئاساس سالىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-23 02:30

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.