- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-20
- تىزىملاش
- 2010-10-16
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 510سائەت
- جۇغلانما
- 9978
- نادىر تېما
- 1
- يازما
- 2472
- تېما
- 325
- توردا
- 510سائەت
- نادىر تېما
- 1
- دوست
- 69
- يازما
- 2472
- تېما
- 325
|
ھېكايە
ياسىنجان توخنىياز توغراق
جۈمە كۈنى ئىشتىن چۈشۈش ئالدىدا ئەبەي مۇئەللىم دەرس لايىھەسى تەييارلاش خاتىرىسىنى كۆتۈرگىنىچە سىنىپقا كىردى–دە، بىرىنچى رەت 3-ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدىغان ئامانگۈلنىڭ ئورنىغا سەپ سالدى. ئامانگۈلنىڭ ئورنى بوش ، باشقا ئوقۇغۇچىلار تولۇق بولۇپ ، مۇئەللىمنىڭ ئائىلىسىگە قويۇپ بېرىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ ئولتۇراتتى .ئەبەي مۇئەللىم بىر دەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئامانگۈلگە بىر سائەتنىڭ ئالدىدا ، يەنى چوڭ تازىلىق باشلىنىشتىن بورۇن رۇخسەت بەرگەنلىكىنى ئويلاپ ئۈلگۈردى .
ئەبەي مۇئەللىم دەرس لايىھەسىنى يازغۇزۇش ئۈچۈن ئامانگۈلدىن باشقا مۇۋاپىقراق بىر نامزات تاپماقچى بولدى . ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ خېتىنىڭ چىرايلىق–سەتلىكى ، ئىملاسىنىڭ توغرا–خاتالىقى ھەققىدە تەھلىل ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ، غوجامنىيازنى مۇۋاپىق تاپتى . سىنىپ بويىچە ئامانگۈل بىلەن غوجامنىيازنىڭ خېتى ھەممىدىن چىرايلىق ھەم ئىملاسىمۇ توغرا بولۇپ ، بىر-بىرىدىن قېلىشمايتتى . ھەم بۇ ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ خەتلىرىمۇ بىر قاراشتا ئەبەيدۇللا مۇئەللىمنىڭ خېتىگە سەل ئوخشىشىپ قالاتتى. ئادەتتىكى ئەھۋالدا غوجامنىيازنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە سىنىپتىكى ۋەزىپىسى سەل ئېغىر بولغانلىقتىن ، دەرس لايىھەسىنى كۆچۈرۈپ يېزىشتا ئامانگۈلنى كاتىپ قىلىۋالاتتى . ئەبەي مۇئەللىم بۇ قېتىم سىنىپتا غوجامنىيازنىڭ بولغاچقا، ئامانگۈلگە رۇخسەت بەرگەندە ئۇنىڭغا دەرس لايىھەسىنىمۇ قوشۇپ بەرمىگىنىگە قويمىغىنىغا ئانچە بەك پۇشايمان قىلىپمۇ كەتمىدى .
ئەبەي مۇئەللىمنىڭ مەكتەپنىڭ ئىجىتمائىي پەن ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى نۇرئەخمەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن يېقىن ئىدى . ئەبەي مۇئەللىم ئىككى ئايدىن بۇيان ، دەرس لايىھەسى تەييارلىق خاتىرىسىنى ئامانگۈلنىڭ ياردىمى بىلەن ، ئىلگىرىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس لايىھەسى خاتىرىسىدىن كۆچۈرگۈزۈپ جاھاندارچىلىق قىلىپ كەلگەنىدى . گۇرۇپپا مەسئۇلى نۇرئەخمەت دەرس لايىھەسى خاتىرىسىگە تەستىق سالغاندا ، رەسمىيەت ئۈچۈن مۇنداقلا بىر قاراپ قويۇپ ، يازغان خەتنىڭ مىقدارى كۆپ بولسىلا، مەزمۇنى بىلەن قىلچىلىك كارى بولماستىن ئىمزاسىنى قويۇپ بېرەتتى .
ئەبەي مۇئەللىم 3-يىللىق 2-سىنىپنىڭ سىنىپ مەسئۇلى بولۇپ ، سىنىپنىڭ بىر ھەپتىلىك ئومۇمىي ئەھۋالىدىن قىسقىچە خۇلاسە چىقارغاندىن كېيىن ، ئوقۇغۇچىلارغا ئىككى كۈنلۈك ئارام ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ، دەرس تەكرارلاپ كېلىش ۋە شەخسىي تازلىقنى ياخشى قىلىش ھەققىدە تاپشۇرۇق بەرگەندىن كېيىن ، ئۇلارنى ئائىلىسىگە قويۇۋېتىپ ، غوجامنىيانى ئېلىپ قالدى . غۇجامنىياز خېلىلا زېرەك بالا بولۇپ، ئەبەي مۇئەللىمنىڭ ئۆزىنى نېمە ئۈچۈن يالغۇز ئېلىپ قالغانلىقىنى بىلىپ بولغانىدى . ئۇ خېتىنىڭ نېمە ئۈچۈن چىرايلىق بولۇپ قالغانلىقىغا ئۆكۈنگەن بىلەنمۇ بەرىبىر كېچىككەنىدى .
ئەبەي مۇئەللىم غوجامنىيازغا ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنىڭ ئىنتايىن جاپالىق خىزمەت ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالغىنىغا ئىنتايىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ، ئۇنىڭ چوڭ بولغاندا ئەلگە ياراملىق ئوقۇتقۇچى بولۇش ئارزۇسىغا سوغۇق سۇ سەپكەندىن كېيىن ، گېلىنى قىرىپ تۇرۇپ كۈچەپ بىرنى يۆتىلىۋەتكەندىن كېيىن :
— ئۇكام غوجامنىياز ، بۇ ھەپتە بەك مۇھىم ئىشىم بار ئىدى ، ماڭا بىر ياردەم قىلىپ دەرس لايىھەسى تەييارلىق خاتىرىسىنى يېزىپ بېرەلەرسەنمۇ؟ — دېدى.
غوجامنىيازنىڭ ئىككى كۈنلۈك ئارام ئېلىشتا قىلىدىغان ئىشلىرى ئىنتايىن كۆپ بولسىمۇ، سىنىپ مەسئۇلىنىڭ گېپىنى يىرالماي ئامالسىزلىقتىن:
— ماقۇل، تەييارلاپ بېرەي، — دېدى.
ئەبەي مۇئەللىم غوجامنىيازنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تۈلكىدەك ھىجىيىپ ، ئالدىن قاتلاپ تەييارلاپ قويغان بەش سائەتلىك كونا دەرس لايىھەسى خاتىرىسىنى غوجامنىيازغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ :
— ئانچە كۆپ ئەمەس، مۇشۇ يەرگىچە يېزىپ بەرسەڭ بولىدۇ ، قەتئىي چاپاق بولۇپ قالمىسۇن ، بىرمۇ خەت قېلىپ قالمىسۇن ، — دەپ تاپىلىدى . غوجامنىياز بېشىنى لىڭشىتىپ چۈشەنگەنلىكىنى بىلدۈردى . ئەبەي مۇئەللىم خۇشال قىياپەتتە «قارا-قارا قاغىلار» دېگەن ناخشىنى غىڭشىغىنىچە مەكتەپنىڭ يىغىن زالىغا ماڭدى . غوجامنىياز ماتېرىياللارنى يىغىشتۇرۇپ ، مەيداننىڭ بىر بولۇڭ تەرىپىگە توختىتىپ قويۇلغان ۋېلسىپىتىنى ئېلىش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى .
بىر ئادەمگە بەرگەن ۋەدىسىنى ئورۇنلاپ بولمىغۇچە، باشقا ئىشلارنى قىلىشقا رايى بارمايدىغان غوجامنىياز شەنبە كۈنلۈك ئارام ئېلىشىدىن ۋاز كېچىپ ، ئىشنى ئەتىگەندىلا باشلاشنى نىيەت قىلدى –دە، ئانىسى قۇشقاچ تىلى قىلىپ كېسىپ ئەتكەن سۇيۇقئاشتا قورسىقىنى توقلىغاندىن كېيىن، دەرس لايىھەسى خاتىرىسنى كۆچۈرۈپ يېزىشقا باشلىدى . ھەر بىر سائەتلىك دەرس لايىھەسى تۆت بەتتىن بەش بەتكىچە بولۇپ، غوجامنىياز دەرس لايىھەسىنى يېزىپ بولغاندا ، كۈن غەربكە قىيسايغان بولۇپ ، قىزغۇچ شەپەق كۈننىڭ پېتىۋاتقانلىقىدىن نىشان بېرىپ تۇراتتى . ئۇنىڭ بارمىقى قاپىرىپ كەتكەنىدى . ئۇ، بۇ لايىھەنى كۆچۈرۈپ يېزىش جەريانىدا خېتىنىڭ چىرايلىق بولۇپ قالغىنىدىن مىڭ ئەپسۇسلاندى .
دۈشەنبە ئەتىگەندە بىر ھەپتىلىك ئەھۋالدىن قىسقىچە خۇلاسە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، مەكتەپ مۇدىرى ناھىيەلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مەخسۇس تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئوقۇتۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرگىلى كېلىدىغانلىقى ، شۇ سەۋەبتىن ئۆزىنىڭ كەسپى تىل-ئەدەبىيات بولغانلىقى ئۈچۈن ئىجىتمائىي پەن ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ دەرس لايىھەسى خاتىرىسىنى ئۆزى بىر قوللۇق كۆرىدىغانلىقى ، تەبىئي پەن ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس لايىھەسى خاتىرىسىنى مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى كۆرىدىغانلىقى ، گۈزەل-سەنئەت دەرسلىكى قاتارلىق ئالاھىدە پەنلەرنىڭ دەرس لايىھەسى خاتىرىسىنى ئىلمىي مۇدىر كۆرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى .
ئەبەي مۇئەللىم سىنىپقا يۈگۈرۈپ كىرىپ ، غوجامنىيازدىن دەرس لايىھەسى خاتىرىسىنى ئالغاندىن كېيىن، تەستىق سالغۇزۇش ئۈچۈن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىشخانىسىغا ئالدىراپ ماڭدى . ئۇ غوجامنىيازنىڭ «تولۇق يېزىپ بولدۇم» دېگەن گېپىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغانىدى .
ئەبەي مۇئەللىم مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرگەندە ئۇ ئىبادەت مۇئەللىمنىڭ ھەپتىلىك دەرس لايىھەسى خاتىرىسىنى كۆرۈۋاتاتتى . ئەبەي مۇئەللىم ئۆچرەت ساقلاپ تۇرۇشقا باشلىدى . ئىشخانا شۇنداق پاكىز تازىلانغان بولۇپ، مۇدىرنىڭ ئىش ئۈستىلىمۇ خۇددى ئەينەكتەك پارقىراپ تۇراتتى . دېرىزە تەكچىسىگە رەتلىك تىزىپ قويۇلغان ھەرخىل گۈللەر ئىشخانىغا باشقىچىلا گۈزەللىك ئاتا قىلىپ تۇراتتى . ئالدىنقى كۈنى تاڭ سۈزۈلگىچە قارت ئويناپ ئۇيقۇسىغا تۈزۈك قانمىغان ئەبەي مۇئەللىم مۈگدەشكە باشلىدى . ئۇ تۇرۇپ-تۇرۇپ مۈگدەپ ئالدىدىكى ئۈستەلگە ئۈسۈۋالاتتى.
— ئەبەي مۇئەللىم، ئەمدى سىزگە نۆۋەت كەلدى، — دېگەن بوغۇق ئاۋاز ئۇنى چۆچۈتۈۋەتتى. ئەبەي مۇئەللىم ئورنىدىن دەرھال تۇردى–دە، دەرس لايىھەسى خاتىرىسىنى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئالدىغا قويدى. ئىبادەت مۇئەللىم ئاللىقاچان چىقىپ كەتكەنىدى . مەكتەپ مۇدىرى ئۇنىڭ خاتىرىسىنى ۋاراقلاپ كۆرۈپ ھەيران قالدى . چۈنكى بۇ دەرس لايىھە خاتىرىسى تەستىقلىنىپ بولۇنغان بولۇپ ، ئالدىنقى يىلنىڭ چېسلاسى يېزىقلىق ئىدى . تەستىقلىغۇچىنىڭ پوچۇركىسى بىلەن دەرس لايىھەسى خاتىرىسىنى يازغان ئادەمنىڭ خېتى بىر ئادەمنىڭ بولۇپ ، تەستىق سالغۇچىنىڭ ئىمزاسى دېگەن يەردە بۇ يىل ئەتىيازدا ئارام ئېلىشقا چىقىپ كەتكەن پەرىدە مۇئەللىمنىڭ ئىمزاسى تۇراتتى . ھەتتا ئۆتمىگەن دەرسنىڭمۇ دەرستىن كېيىنكى ئويلىنىش پىكىرلىرىدىن تارتىپ يېزىپ بولۇنغانىدى. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ چىرايى بىردىنلا تۈرۈلۈپ كەتتى. ئۇ:
— ئەبەي مۇئەللىم بۇ بۇلتۇرقى دەرس لايىھەسى ئىكەنغۇ، — دېدى . ئەبەي مۇئەللىم مۇدىرنى چاقچاق قىلىۋاتقان چېغى دەپ ، ئۇنىڭ ئالدىغا ئاستا بېرىپ دەرس لايىھەسىنى ۋاراقلاشقا باشلىدى . مۇدىر راستتىنلا چاقچاق قىلمىغانىدى . ئۇنىڭ يۈزى قىزىرىپ ، ئۆزىنى قۇيىدىغان يەر تاپالماي قالدى . مەكتەپ مۇدىرى تەكشۈرۈش خاتىرىسىگە ‹‹ئەبەي مۇئەللىم دەرس لايىھەسى خاتىرىسى تەييارلىمىغان››، دەپ ئەنگە ئالدى.
ئەبەي مۇئەللىم غوجامنىيازدىن تۈزۈك ھېساب ئالماقچى بولۇپ، سىنىپنىڭ ئالدىغا يېقىن بارغاندا ئۆزىنىڭ غوجامنىيازغا دېگەن «بىرمۇ خەتنى قويۇپ قويماي يازغىن» دېگەن گېپى ئېسىگە كېلىپ تۇرۇپلا قالدى .
مەنبە:تەڭرىتاغ تورى
|
|