ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ھىكايە،رومان،پوۋىستلار مەخپىي نومۇردىكى مۇھەببەت
كۆرۈش: 306|ئىنكاس: 15
go

مەخپىي نومۇردىكى مۇھەببەت  

توردا
7سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
37 
تېما
33 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-5 19:53 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ ئالى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر سىتۇدېنت قىزنىڭ ھېكايىسى. ئەمدىلا ئالى مەكتەپكە كىرگەندە دادىسى ئۇنىڭغا بىر بانكا كارتىسى بېجىرىپ بېرىپ، ئۇنىڭ بىر ماۋسۇملۇق خىراجەتلىرىنى كارتىدا ئامانەت قويدى. مەكتەپكە مېڭىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى كەچتە كارتىنىڭ مەخپى نومۇرىنى ئېيتىپ بەردى ھەمدە مەخپى نومۇرنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشنى، ھەرگىزمۇ قالايمىقان خاتىرلىمەسلىكنى، ئۇنداق بولمايدىكەن، مەخپى نومۇرنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قالىدىغانلىقىنى جېكىلىدى. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ روھى ھالىتى كۆتۈرەڭگۈ، كۆڭلى بەكلا خۇشال بولغاچقا، دادىسىنىڭ سۆزلىرى پەقەت قۇلىقىغا كىرمىدى. ئۇ مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن 6000 يۈەن ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرۇش ئۈچۈن كارتىنى ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىغا سالدى. لېكىن ھەرقانچە قىلىپمۇ مەخپى نومۇرنى ئەسكە ئالالمىدى. ئامالسىزلىقتىن دادىسىغا تېلفۇن بىرىپ، مەخپى نومۇرنى سورىدى. دادىسى سەۋرچانلىق بىلەن مەخپى نومۇرنى بىر قانچە قېتىم تەكرارلىدى ھەمدە ئۇنىڭ ئەستە ساقلىشىغا قۇلايلىق بولۇشى ئۈچۈن«مەخپى نومۇر ئاناڭنىڭ توغۇلغان كۈنى، ئېسىڭدە چىڭ ساقلا جۇمۇ» دەپ ئەسكەرتتى. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن ئۇ پۇل ئالماقچى بولدى، لېكىن مەخپى نومۇرنى يەنىلا ئېسىگە ئالالمىدى. ئۇ بۇ بىر گۇرۇپپا سانلارنىڭ ئانىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە دادىسىدىن سوراشقا خىجىل بولدى، ئانىسىدىن سۇراشقا تېخىمۇ خىجىل بولدى، پۇلىنى ئېلىشقا ئامالى بولمىغاچقا ساۋاقداشلىرىدىن پۇل ئۆتنە ئېلىپ خەجلىدى.
يازلىق تەتىلدە ئۆيگە قايتقاندا دادىسى ئۇنىڭدىن پۇلنى قانداق خەجلىگەنلىكىنى سورىۋىدى، ئۇ يىغلاپ كەتتى. دادىسى ئۇنى ئەيىپلىمەستىن ھېچقىسى يوق، دەپ ئۇنىڭغا تەسەللى بەردى. لېكىن ئۇ بىر ئاز خاپا بولۇپ، دادىسىدىن نىمىشقا ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى مەخپى نومۇر قىلمىغانلىقىنى سورىدى. دادىسى: سىنى قوغداش ئۈچۈن تۇغۇلغان كۈنۈڭنى مەخپى نومۇر قىلمىدىم. ئادەتتە كىشىلەر بانكا كارتىسى بىلەن كىملىكنى بىللە ئېلىپ يۈرىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئەگەر ئىككىلىسى بىرلا ۋاقىتتا ئوغۇرلانسا ئاقىۋىتىنى پەرەز قىلغىلى بولمايدۇ،-دېدى. يازلىق تەتىلدىن كىيىن قىز مەكتەپكە قايتىپ كەتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ئانىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئەستە تۇتۇۋالدى. ئانىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئانىسىغا چىرايلىق تەبرىك كارتىسى ئەۋەتكەنىدى، ئاتا-ئانىسى قەۋەتلە خوش بۇلۇپ كەتتى.
ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇنىڭ يۇرتىدىن ئاتا-ئانىسىنىڭ بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە ۋاپات بولغانلىق توغرىسىدىكى شۇم خەۋەر كەلدى. بەختلىك كۈنلەر ئاخىرلاشتى. ئۇ يۇرتىغا قايتىپ بېرىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ جەسىتى ئالدىدا ھۇشىدىن كىتىپ يېقىلدى. ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرىرىنىڭ ياردىمىدە ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى تۈگىتىپ، ئاتا-ئانىسىدىن مىراس قالغان نەرسە-كېرەكلەرنى رەتلەۋاتقاندا بىر ئامانەت كارتىنى بايقىدى، قىزنىڭ كۆڭلى بۇزۇلۇپ يىغلاپ كەتتى. ئاتا-ئانىسى ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ئۆيىدە يەنە بىر كارتا بارلىقىنى، كارتىدا ئۇنىڭ تۆت يىللىق ئوقۇش ۋە تۇرمۇشىغا لازىملىق خىراجەتلىرىنىڭ ئامانەت قۇيۇلغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئۇ بۇ پۇلنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆپ يىللىق قان -تەرى بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى بىلەتتى.
قىز كارتىنى ئېلىپ مەكتەپكە قايتىپ كەتتى. كۈنلىرى يىغا-زار ئىچىدە ئۆتتى، لېكىن ئۇ ئاتا-ئانىسىنى شۇنچىلىك سېغىنسىمۇ، كۆڭلى قاتتىق يېرىم بولسىمۇ يەنىلا ياشىشى كېرەك ئىدى. ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كۆيۈنىشى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ ياردىمىدە ئۇنىڭ روھى كەيپىياتى ئاستا-ئاستا ياخشىلاندى.
ئۇ ئۆزىنىڭ كاتىسىدىكى پۇلنى ئىشلىتىپ بولۇپ، ئاتا-ئانىسى مىراس قالدۇرغان كارتىنى ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىغا سېلىپ، مەخپى نۇمۇرنى كىرگۈزۈش ئورنىغا ئانىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى كىرگۈزىۋىدى، ئېكراندا «خاتا» دىگەن ئۇچۇر كۆرۈندى. دادىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى كىرگۈزىۋىدى، يەنىلا «خاتا» دىگەن ئۇچۇر كۆرۈندى. قىز كارتىنى چىقىرۋالدى. ئۇ بەكمۇ جىددىلىشىپ«كارتىنىڭ مەخپى نومۇرى زادى قايسى سان بولغىيدى؟» دەپ ئويلىدى.ئۆيدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى ئۇ ئاتا-ئانىسى مىراس قالدۇرغان بارلىق نەرسىلەرنى ئاختۇرۇپمۇ مەخپى نومۇرغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق ئۇچۇرنى بايقىمىغانىدى. ئۇ كارتىنى يەنە بىر قېتىم ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىغا سېلىپ، ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى كىرگۈزىۋىدى، ئېكراندا«ئالماقچى بولغان پۇلنىڭ سوممىسىنى كىرگۈزۈڭ» دېگەن ئۇچۇر كۆرۈندى.
قىزنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلۇپ كەتتى. ئاتا-ئانىسى كارتىنىڭ مەخپى نومۇرى قىلغان سان ئەلۋەتتە ئۇلار ئەڭ ئاسان ئەستە ساقلىيالايدىغان ھەم ئۇلار ئەڭ ئامراق سان ئىدى.ئۇ پۇلنى ئېلىپ بولغاندىن كىيىن مەخپى نومۇرنى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن كۈنىگە ئۆزگەرتىۋەتتى.
«ئادەم بولۇش ۋە جاھاندارچىلىق» ژۇرنىلى. «خوتەن گېزىتى»

توردا
517سائەت 
نادىر تېما
دوست
69 
يازما
2517 
تېما
330 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-5 19:59 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك تەسىرلىكىكەنئاتا-ئانىلارنىڭ مۇھەببىتى دۇنيادىنىمۇ چەكسىز كېلىدۇ...تىمىڭىزغا رەخمەت

توردا
250سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
377 
تېما
29 

ئاكتىپ ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-5 20:03 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن بۇنى بىر قىتىم ئوقۇپ بولغانكەنمەن، يەنە ئوقۇدۇم شۇنچە تەسىرلىك!!!

توردا
36سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
119 
تېما
59 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-5 20:14 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تەسىرلىك ئىكەن. ئاتا-ئانا ئەڭ ئۇلۇقدۇر.

توردا
36سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
119 
تېما
59 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-5 20:25 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سىز مۇشۇ تەرەپلەرگە يەنىمۇ بەكرەك تىرىشىپ بېقىڭ، سىزدە بىر تالانىت بار،ئۇنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرىشىڭىز لازىم، تىرىشىڭ.

توردا
17سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
66 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-5 20:27 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
دۇنيادا ئاتا - ئانىلار بىز بالىلار ئۈچۈن ھەر قانچە مۈشكۈل بولسىمۇ چىداشقا رازى . پەقەت بالىلار ئۈچۈن ئۇلار ھەممىگە رازى . لىكىن بىز بالىلار باللىرىمىز ئۈچۈن ھەممىگە رازى . ئاتا - ئانىمىز ئۈچۈنچۇ ... ؟ ئەلۋەتتە ئۇلارغىمۇ قولىمىزدىن كىلىشىچە رازى . ئەمما بالىمىز ئالدىنقى ئورۇندا . بەلكىم مانا شۇ باللىرىمىزمۇ بالىللىرى ئۈچۈن ھەممىگە رازى بولار ......... ھايات مانا مۇشۇندا بىر خىل رىتىمدا كىتىۋاتىدۇ . « بۇ جاھان ئۆتنە جاھان » دىگەن شۇدۇ .......... ئاللا ئىگەم پەرزەتلەرگە كۆپ ئىنساپ بەرسۇن .... (ئامىن)

توردا
159سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
777 
تېما

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-5 21:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
0998cn يوللانغان ۋاقتى 2011-7-5 19:59
بەك تەسىرلىكىكەنئاتا-ئانىلارنىڭ مۇھەببىتى دۇنيا ...

يىغلىماڭ بولدى كۆڭلىڭىزنى يىرىم قىلماڭ

توردا
169سائەت 
نادىر تېما
دوست
14 
يازما
876 
تېما
26 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-5 21:29 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تەسىرلىككەن

توردا
53سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
729 
تېما
23 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-5 22:18 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تەسىرلىك ئىكەن. ئاتا-ئانا ئەڭ ئۇلۇقدۇر.

توردا
57سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
267 
تېما
18 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-5 23:03 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مانا بۇ ئىسمى - جىسمىغا لايىق ئاتىلار روھى .

ھەممە شائىرلار ئانام لا دىدى ،
ئاتىلىرى يوقمىكىن ئەستە .
ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى ،
يولۋاسنىمۇ قويغان ھەۋەستە .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-23 20:39

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.