كىرمە ئەمدى كۆڭۈل كەينىگە

سۆيۈپ ياشاي دەپسەن سۆيگەننى، بەكمۇ ئازدۇر ئۇنداق ۋاپادار. بىلمەي قالما ۋاقتى كەلگەندە، ئىشق يولىدا ئازاپ، جاپا بار!
بىرسى" سۆيەر "يوقسەن قەلبىدە، ئادەت ئاڭا سەن بىر ئويۇنچۇق. بىرسى سۆيسەچىن دىلى بىلەن، بەخىت يولى داغدام بىل ئوچۇق.

سۆيەلمىسە قەدىرىڭ بىلمەستىن، زۆرۈر ئەمەس قىيناش ئۆزۈڭنى. قىلما ھەسرەت ئاھ دەپ ئارتۇقچە، ئەل ئالدىدا تۆكمە يۈزۈڭنى. 
ۋاپادار يار سۆيسە زوق بىلەن، ئىشقى ئوتىدا كۆيۈپ ئۆتىسەن. كىرسەڭ ئەگەر كۆڭۈل كەينىگە، ئۆمۈر بويى ئاچچىق يۈتىسەن.
مەنبە:يازمام بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yanbulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-5-4 21:43
|