مەن كىم؟
سورۇغۇم بار سوغۇق شامالدىن،
سورۇغۇم بار ئاپئاق قارلاردىن،
سورىغۇم بار كەڭرى يوللاردىن،
« مەن كىم؟»دەپ،
مەھكەم تۇتسام قاۋۇل قوللاردىن...
پىچىرلىدى ئۆرۈلگەن تاملار،
ۋارقىرىدى قۇرىغان باغلار،
ھۆكىرىدى تاقىرباش تاغلار...
پۈتۈن جاھان ئويغۇنۇپ كەتتى.
بەلكىم ئۇمۇ ھالىمغا يەتتى.
ئەتلەس كەبى تۈس ئالغانمۇ يە؟
ئاۋۇ يەردە خارلانغان لاتا،
يىراقلاردىن بوران گۈركىرەپ،
ئۇچقار ياغلىق ۋە ئەخلەت چاۋا.
كىتاپ تىزغان يوغان رەستىدە،
تۇرار مەغرۇر لېنتا يا شاراپ.
قىزناقتىكى كونا چامداندا،
توپا بېسىپ تۇرىدۇ كىتاپ.
ئەمدى ساۋاد چىققان بىر بالا.
ناخشا ئوقار يارىغا ئاتاپ،
«پالۋان»ئۈچۈن توقۇلغان قوشاق،
يېتىمسىراپ تۇرىدۇ قاراپ.
چۈشتى كىتاپ ئالدىمغا شۇنداق،
ۋاراقلىرى جۇل-جۇل يىرتىلغان.
ئوقۇش ئۈچۈن ئاچتىم ۋاراقلاپ،
لېكىن بەتلەر كۆيۈپ سارغايغان.
تارىخ بەتلىرى!
مومام ئېيتقان سىرلىق رىۋايەت،
كۆيۈپ كەتكەن چىن بىر ھەقىيقەت،
قۇم ئاستىدا ياتقان مومىيا،
تارىخقا گۇۋاھ قۇياش،ئاي ،گىياھ...
كىتاپ بىلەن كۆيۈپ كەتتىمۇ؟
ۋە يا،
بارۇ ئادەم گاچا بولدىمۇ؟
ئۇنتۇلدى!
يۇلغۇن باغرىدا قان تۆككەن پالۋان،
پاكلىق بىلەن ئۆتكەن ناتىۋان...
مەن كىم؟
ھېچكىم بىلمەس بۇنى،
بەلكىم،
ئالبوملىرىم يۈتەر بىر كۈنى،
كىتاپلارنىڭ چىقمايدۇ ئۈنى...
ئەگەر ئۇلار سۆزلىسە ئىدى،
شۇ چاغدىلا كىملىكىم ئايان بولغىنى.
مەنبە:قەلىمىم |