- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-19
- تىزىملاش
- 2011-3-17
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 176سائەت
- جۇغلانما
- 7175
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 1753
- تېما
- 252
- توردا
- 176سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 41
- يازما
- 1753
- تېما
- 252
|
ئەتىگەندە ئورنىمىزدىن تۇرۇپلا ئاچ قورساققا بىر پىيالە سۇ ئىچسەك سالامەتلىكىمىزگە ئىنتايىن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمىز. ئەمما ، بۇ بىر پىيالە قايناق سۇنى قانداق ئىچسەك توغىرا بولىدۇ؟ قايناق سۇ، ھەسەل قۇشۇلغان سۇ،لىمۇن سۈيى ، تۇزلۇق سۇ،مىۋە شەربىتى،كالا سۈتى... بۇلارنىڭ ھەممىسى بولىۋىرەمدۇ؟ بۇلارنى بىلىۋىلىش ئۇچۈن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ .
قايناق سۇ؛ ئەتىگەندە ئورۇنىڭىزدىن تۇرغاندا ئەڭ ياخشىسى ئۆينىڭ تىمپېراتۇرسىدىكى قايناق سۇنى ئىچىپ بىرىڭ. بۇنىڭدا ئاشقازان ،ئۈچەينى غىدىقلاشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ .تەتققاتتىن مەلۇم بولۇشىچە ،20-25 سېلىتسىيە گىرادۇسقىچە سوۋۇتىلغان قايناق سۇ ئەڭ مۇۋاپىق كىلىدىكەن . چۇنكى ،ئۇنىڭدىن ئاكتىپ جانلىقلار ھۇجەيرە پەردىسىدىن ئۆتۇپ ماددا ئالمىششنى ئىلگىرى سۈرۇپ ، ئورگانىزىمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئىلىمان ياكى سۇۋۇتۇلغان قايناقسۇ ئىچىشكە ئادەتلەنگەنلەرنىڭ ماددا ئالمىششى ياخشى بولۇپ ،سۈت كىسىلتاسىنىڭ توقۇلمىلىردىكى يىغىلىشى كىمىيىدىكەن.شۇڭا، ھارغىنلىق ھىس قىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قايناق سۇ تەركىبىدىكى كالتسىيى ،ماگىنىي ئېلېمېنتلىرى ئادەم بەدىنىگە ئىنتايىن پايدىلىق ئىكەن . لىكىن شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ،ئەتگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرۇپلا سوغۇق سۇ ئىچىمەڭ. سوغۇق سۇ ئاشقازىنىڭىزنى غىدىقلايدۇ ھەمدە سۇ ئۈچەيگە يىتىپ بارالماي ، قورسىقىڭىزدا يەل پەيدا قىلىدۇ.
ھەسەل قۇشۇلغان سۇ؛ ئەتگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرۇپلا ھەسەل قۇشۇلغان بىر پىيالە سوغۇق قايناق سۇ ئىچسىڭىز تېخمۇ ياخشى .ئادەم كېچىچە ئۇخلاپ ئويغانغاندا بەدەندىكى سۇنىڭ كۆپ قىسىمى بەدەندىن چىقىرۋىتىلگەن ياكى بەدەنگە سۈمۈرۈلۈپ بولغان بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بىر پىيالە ھەسەل قۇشۇلغان قايناق سۇ ئىچسىڭىز ھەم سۇ تولۇقلىنىدۇ،ھەم قۇۋەت بولىدۇ.بۇ قايناق سۇنىڭ ئورننى تامامەن باسالايدۇ.
تۇزلۇق سۇ؛ نۇرغۇن كىشىلەر تۇزلۇق سۇسالامەتلىككە پايدىلىق دەپ قاراپ ،ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا تۇزلۇق سۇ ئىچىدۇ.بۇ خاتا قاراشتۇر . تەتققاتچىلارنىڭ قارشىچە، ئادەم ئۇخلاش جەريانىدا سۇ ئىچمەيدۇ، ئەمما نەپەسلىنىدۇ،تەرلەيدۇ،كىچىك تەرەت قىلىدۇ .دېمەك،بۇ فىزىئولوگيلىك پائالىيەتلەرگە نۇرغۇن سۇ سەرىپ بولىدۇ.ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا ئازراق قايناق سۇ ئىچىسە ،تىزلا قاننى سۇيۇلدۇرۇپ ،كىچىچە سەرىپ بولغان سۇننى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.لىكىن، تۇزلۇق سۇ ئىچىش سۇسىراشنى ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ.ئېغىزنى تېخىمۇ قۇرۇتىۋىتىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە سەھەر قان بىسىمى ئۆرلەشنىڭ تۇنجى يۇقىرى پەللە مەزگىلى بولغاچقا ،قان بېسىمنى تېخىمۇ ئۆرلىتىۋىتىدۇ.
مەنبە؛<<خانىم قىزلارنىڭ گۈزەللىك دەستۇرى >> ناملىق كىتاپتىن ئىلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazakat1212 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-2 13:27
|
|