دىدارىڭنى سېغىندىم ئەجەپ 
ناخشا توۋلاپ كىلەر تاڭ سەھەر، ئۆركىشىگە ئوراپ قۇياشنى. ھەر خىل- خىيال ئۈنسىز پىچىرلاش، ئارام بەرمەي قىينار دىلىمنى. 
گۈگۈم قوينىغا چۈمدى بۇ يول، تەشۋىشىنى يۈدۈپ ئىزلارنىڭ. ئارمانلاردىن كۆيدۈم كۈل بۇلۇپ، كۈلپەتلىرنى يۈدۈپ سىرلارنىڭ. 
مىسكىن غېرىپ شۇنچە بۇ خانەم، ئۆچكەن ئىشەنچ ئۈمۈت يۇلتۇزۇم. تارتالمىدىم خىيالدىن ئۈزۈمنى، سورايمەن جېنىم مەن كىم ئۈزۈم. 
تىمتاسلىقنىڭ كۈينى ياڭرىتىپ، ئۇپۇق تامام بارماقتا ئۇزاپ. خۇشال كۈنلەر كەتتى بەك يىراق، ئۈمۈتلىرىم قالدى ھالسىراپ. 
ئاپپاق لىباس كەيگەن زىمىستان، كەتتى باھارنىڭ تەپتىدە ئۇزاپ. سېغىنغاندەك گۇيا ئۆلۈمنى، دىدارىڭنى سېغىندىم ئەجەپ. 
پاك قەلبىم بىر سىنى كۈتۈدۈ ئەبەت 
گۈلزارلىقتىن باھار ھىدى كەلگەندە، تەلمۈردۈم سەن ئۈچۈن گۈللەرگە قاراپ. يوللىرىڭغا مىھرىم بولسۇن مەدەتكار، ئىشقىمدىن ھەردەم پايانداز ياساپ. 
كۈلكەڭ ئۈچۈن سۆيگۈم بولسۇن باھار-ياز، يۈزلىرىمدە قۇياشلىق تاڭلار بالقىپ. يۇلىڭغا بۇلىمەن شۇنچە تەقەززار، جىمجىت يوللار جىمجىت كىچىگە قاراپ. 
قەلبىمدىكى جۇشقۇن شاتلىق ھىسلىرى، كۆندۈرگەن مىنى پىراققا قىلىپ يەم. تۈنلەر ئۆتەرمىسكىنلىكتە مۇڭلۇنۇپ، سېغىنىشنىڭ دەردىدە ياستۇقلار نەم. 
يوللار ئۇزۇن بولسىمۇ يۈرەك ئۇخشاش، جۇدالىق ھىسلىرى سالغان ھەسرەت. بەلكىم سەن ھىسلىرىڭدە سەزدىڭ مىنى، پاك قەلبىم بىر سىنى كۈتۈدۈ ئەبەت. 
مەنبە قەلىمىم |