ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
كۆرۈش: 175|ئىنكاس: 7
go

توي كۆينىكى (5)

توردا
67سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
68 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-21 00:44 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

توي كۆينىكى

ئۈمەر ئىسمايىل

<5>


ئامانگۇلنىڭ ئاقار يۇلتۇزدەك كۆزئالدىمدا قايتا پەيدا بۇلۇپ كىتىپ قىلىشى ھەم خىتىنىڭ مەزمۇنى قاتتىق تەسىر قىلغان بولسا كىرەك خۇددى روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك ئولتۇرغان يىرىمدە خىيال دىڭىزىغا غەرىق بولوپ كىتىدىغان ،باشقىلار ئىككى ئۈچ قىتىم چاقىرمىغىچە ئىنكاس قايتۇرمايدىغان بولوپ قالدىم. بەزىدە كونىلارنىڭ ئادەمنىڭ مۇرىسىدە ئىككى پەرىشتە بولىدۇ،ئۇلار تەڭرىنىڭ ئىرادىسى بىلەن شۇ ئادەمنىڭ نىمە قىلىشى ،نىمە دىيىشىنى بەلگىلەيدۇ،پەرىشتىلەرنىڭ بىرلىككە كىلىپ چىقارغان ھۇكىمىنى ئورۇنداش شۇ ئادەمنىڭ پىشانىسىگە پۇتۇلگەن تەغدىرى ،تەڭرىنىڭ ئىرادىسىسىز قىل تەۋرىمەيدۇ دىگەن ئەپسانە سۆزلىرىنى راسمىكىن دەپ قالىمەن. مىڭەمدە كىچىكلىتىلگەن ئىككى ئادەم تۇختىماي مۇنازىرلىشەتتى، ئۇلارنىڭ بىرى ئامانگۇل ساڭا لايىق بۇلالمايدۇ،ئۇنىڭ بىلەن توي قىلساڭ كىيىن بىر ئۇمۇر ئازاپ تارتىسەن،ئۆز يىنىڭدا،قۇچىقىڭدا ياتقان ئادەمنىڭ ئىلگىرى باشقا بىرسى بىلەن بىر ئاخشام بىرگە بولغانلىقى يادىڭغا يەتكەندە قانچىلىك ئازاپلىنارسەن؟،بۇ دۇنيادا ئاشكارلانمايدىغان سىر يوق،كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئايالىڭنىڭ بۇرۇنقى ئىشلىرى خۇلۇم-خۇشنا،ئەل-جامائەت ئىچىگە ئاشكارلىنىپ كەتسە قانداق بىشىڭنى كۆتىرىپ يۇرۇيسەن؟، ئاتا-ئاناڭچۇ؟، سەن شۇ قىزنى ئەمرىڭگە ئىلىپ ئاتا-ئاناڭغا يۇز كىلەلەمسەن؟ ئەجىبا ساڭا مۇشۇنداق بىر كەڭرى جاھاندىن ئامانگۇلدىن باشقا بىر قىز تىپىلماسمۇ دىسە، يەنە بىرى ئامانگۇل بىر ياخشى قىز، ئۇ ئاقكۇڭۇل ،ئۇچۇق-يۇرۇق، جاسارەتلىك ،ئىچى-بىلەن تىشى شۇنداق گۈزەل،ھەقىقى پاك قىز، ئۇ ساڭا ھەقىقى ۋاپادار بولوپ بەخىت ئاتا قىلالايدۇ ،سىنىڭ قەدىرلىشىڭ، ھۆرمەتلىشىڭگە ،سۆيۇشۇڭگە ئەرزىيدىغان بىر ئۇمۇر سەن بىلەن مۇرىنى -مۇرىگە تىرەپ تۇرمۇشنىڭ ئىگىز داۋانلىرىدىن ئاشالايدىغان ئىسىل قىز، سەن ئۇنى تىپىشىڭ ،ئۇنى قايتۇرۇپ كىلىشىڭ كىرەك دەۋاتقاندەك بىلىنەتتى.

ئۆيدىكىلەرگىمۇ قىز جىنى چاپلاشتىمىكىن دادام-ئاپاملار ئەتىدىن -كەچكىچە ئۇنىڭ قىزى مۇنداقيەي،پالانچىنىڭ قىزى ئانداقيەي، پۇستانچى ساڭا خۇددى ئالتۇن ئۇزۇككە ياقۇت كۆز قۇيغاندەك ماس كىلىدۇيەي دەپ تۇختىماي ماڭا ئۇنى -بۇنى تۇنۇشتۇراتتى،لىكىن ئۇلارنىڭ بۇ گەپ-سۆزلىرى قۇلىقىمغا كىرىپمۇ چىقمايىتتى، سىڭلىم بۇلسا بىر تەرەپتە تاماشا كۆرەتتى. ئاخىرى دادام يۇق چاغدا ئاپامغا لايىقىمنىڭ بارلىقىنى ،ئۇنىڭ تۇخسۇنلۇق ئىكەنلىگى ،پات ئارىدا ئۇنى ئۇلار بىلەن كۆرۇشتۇرۇدىغانلىقىمنى ئىيىتتىم، ئەتىسى دادام قايناپلا كەتتى.

_ ھىي بالام ،مەن ئەمدى قىرىغاندا يۇرت ئاتلاپ ساڭا قىز سۇراپ باشقىلارغا باش ئۇرامدىم؟ يا تىگى-تەكتىنى بىلمىسەك؟ ئەڭ ياخشىسى بىز تاپقاننى ئالىسەن.

_ بىر چاغلاردا كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن تۇخسۇنلۇق بۇۋايلارنىڭ ساقىلى بىر يانغا قىڭغىر (قىيپاش)تورىدۇ،كىنۇ قۇيماقچى بولسا ئىلانلىرىدا« بۇگۇن بوران چىقمىسا قۇيۇلىدىغان كىنو »دەپ يازىدۇ دەپ ئاڭلىۋىدىم، يا بىر قىزنىڭ تۇرىدىغان يىرىنىڭ ئۇيمان -دۇڭىنى بىلمىسەك . ئۇ خۇرسىنىپ قۇيۇپ سىرىتقا ماڭدى.

مىنىڭ ھىچقانداق ئىپادە بىلدۇرمەي جىم تۇرۇۋالغىنىمنى كۆرۇپ ئىككىسى مەسلىھەتلەشكەن بولسا كىرەك ئاخىرى ئامانگۇلنى ئۆيگە ئىلىپ كىلىپ ئۇلار بىلەن يۆز كۆرۇشتۇرۇشكە قۇشۇلدى،بىراق سەۋزىدىن خەۋەر يوق گۈرۈچ دەم يەپتۇ دىگەندەك ئامانگۇلدىن خەۋەر يوق ئىدى.

ئاخىرى قەتئى نىيەتكە كىلىپ ئامانگۇلنىڭ دۇستىدىن ئادرىسىنى سوراپ بىلىۋىلىپ ئۇنى ئىزلەپ تۇخسۇنغا باردىم،ماشىنامنى ھەيدەپ تىز سۆرئەتلىك تاشيولدىن ناھىيە بازىرىغا ئەمدىلا قايرىلىشىمغا ئالدىمنى بىر ئادەم توستى، مۇشۇ ئادەمدىن قانداق مىڭىشنى بىلىۋالاي دەپ تۇختىدىم.

_ توتەيگە ؟. ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئىچىپلا ئۆزىنى ئۇرۇندۇققا تاشلىدى.

_ ئاكا ،مەن بۇ يەردە كىرا تارىتمايمەن.ئۇنىڭغا چۇشەندۇرمەكچى بۇلدۇم.

_ بولە-بولە،ھىلى بىكار قاتناش شىركىتىڭلارغا ئەرىز قىلىمەن. ئۇ پەرۋاسىز ئولتۇراتتى.

_ ئۇنداق بولسا سەن يول كۆرسەت ،ئاپىرىپ قۇياي.

ئۇنىڭ دىگىنى بۇيىچە مىڭىۋەردىم، ئاخىرى يىتىپ كەلدۇق.

_ مانا قۇيۇپ قۇيدۇم ھە. ئۇ بىر يۇەن پولنى ماشىنامنىڭ ئالدى ئۇرۇندىقىغا تاشلاپ قۇيۇپ چۇشۇپ كەتتى. باشقىلاردىن تۇخسۇندا كىراتارىتسا بىر ئادەم بىر يۇەن دەپ ئاڭلىۋىدىم،بۇگۇن بۇ ئىشنى كۆرۇپ بۇ يەرنىڭ شوپۇرلىرىغا ئىچىم ئاغرىپلا كەتتى،شۇ كۈنى كەچقۇرۇن ئامانگۇلنىڭ ئۆيىنى ئاخىرى ئىزلەپ تاپتىم،لىكىن ئۇ ئۆيدە يوق بولوپ غۇلجىدىكى تۇققانلىرىنىڭكىگە كەتكەنلىكىنى بىلدىم.

تۇخسۇننىڭ كەچلىك بازارلىرىغىمۇ كۇڭلۇم تاتمىدى،پۇتۇن خىيالىم ئامانگۇلنى ئىزدەپ تىپىشتىلا ئىدى، لىكىن بۇ يەردە ساقلاۋەرسەممۇ بولمايىتتى،دوكاندا خىرىدارلارغا ۋەدە قىلىپ قۇيغان كىرىشتۇرىدىغان لىنتىلار خىلى بار ئىدى،ئاخىرى ئامانگۇل نەگىلا بارمىسۇن ئۆيىگە قايتىپ كىلىدوغۇ دەپ ئۆيلاپ ئۇنىڭغا خەت يىزىپ قۇيۇپ ھازىرچە قايتىپ تۇرۇشنى لايىق كۆردۇم.

« ئامانگۇل، مەن بۇ خەتنى سىزنىڭ ئۆيىڭىزنىڭ يىنىدىكى بىر مىھمانخانىدا يىزىۋاتىمەن،سىز نەگىلا بارماڭ مەن ھامىنى سىزنىڭ كەينىڭىزدە ،بۇ يولنى تاكى سىزنى تاپقىچە،سىز ماڭا كۆلۇپ تۇرۇپ قۇچاق ئاچقىچە داۋاملاشتۇرۇمەن. سىز ماڭا نىسپەتەن مەڭگۇ پاك ،غۇبارسىز ئاق چىچەك. مەن سىزنىڭ ئۆز يىنىمدىكى مەڭگۇلۇك تۇرغۇن يۇلتۇز بۇلىشىڭىزنى چىن قەلبىمدىن ئۇمىت قىلىمەن. ئىلگىرى مىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ئىيىتقانىدىڭىز،ئەگەر مەن ئۈچۈن كۆيگەن يۇرەك بەخىتلىك بولسۇن دىسىڭىز مىنى قايتا ئۇيلىشىپ بىر قىتىم پۇرسەت بىرىشىڭىزنى ئۇتىنىمەن، ئۆيدىكىلەردىن خاتىرجەم بولۇڭ، دادام-ئاپاملار يولىڭىزغا تەلمۇرۇپ تورىدۇ،ھە راس، بۇگۇن بۇلغۇسى قىينانام بىلەن خىلى ئوزۇن پاراڭلاشتىم ( قىينانام دىيىشىمگە رۇخسەت قىلىڭ) سىز چۇڭ بۇلغان ئۆيدىن ،ھۇيلىدىن ھىدىڭىزنى ئىزلىدىم. سىزنىڭ ئالدىمىزدىكى ئۇمۇر مۇساپىمىزدە ماڭا ياخشى ھەمرا بۇلىشىڭزنى ئۇتۇنىمەن.

دەپ يولىڭىزغا تەلمۇرگۇچى مىسكىن دۇستىڭىز : شىرزات »

ئەتىسى خەتنى ئامانگۇلنىڭ ئاپىسىغا بىرىپ قۇيۇپ قايتىپ كەتتىم، مۇماينىڭ ئىللىق مۇئامىلىسىدىن بولسا كىرەك ئۇنى قەۋەتلا ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم.


<6>


ئىسسىقنىڭ سەۋەبىدىنمىكىن توي-تۇكۇنلەرمۇ ئازىيىپ تىجارىتىم دىگەندەك ئاقمايۋاتاتتى،بۇ يەرنىڭ بازار بۇلىشىغا قارىماي تەرەققىياتىنىڭ تىزلىكىگە ھەيران قالدىم.چاقىرغۇنى ئاخىرغىچە ئىشلەتكۇچىنىڭ مەن بولوپ قىلىشىمنى خىيالىمغىمۇ كەلتۇرۇپ باقماپتىمەن. كىرا ماشىنلىرنى دىمەيلا قۇيۇڭ،ئۇرۇمچى،تۇرپانلاردىمۇ شىيالى،فۇكاڭ ماركىلىق ماشىنلارغا ئادەملەر چىقىۋىرىدۇ،لىكىن بۇ يەردە سانتانانى 2000مۇ 3000مۇ دەپ سۇراپ يۇرۇيدۇ بۇ خەق،ئاخىرى ماشىننى سىتىۋىتىش خىيالىغا كەلدىم،شۇ كۈنلەردە تۇخسۇنلۇقلار ھەدەپ كونا شىيالى ماشىنلارنى سىتىۋالغىلى توردى،لىكىن كەلگەنلەر قۇيغان باھايىمغا چىقمىدى،كۆپ ئويلىنىپ ئۆزەم تۇخسۇنغا ئاپىرىپ قانچىگە يارىسا شۇنچىگە سىتىۋىتىش قارارىغا كەلدىم.

خەيىرلىك بىر كۈننى تاللاپ ،تۇخسۇنغا قايتا يول ئالدىم،ناھىيە بازىرىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى توت كۇچىدا تۇرۇۋالغان ياش قاتناش ساقچىسىنىڭ، كۆرسەتكۇچ چىرىقىڭنىڭ بىرسى يانماپتۇ دەپ 50يۇەن جەرىمانە ئالغىنى ھەم تالۇن كىسىپ بىرىشنى ئىيىتسام ،تالۇن كەسسەم كىنىشكاڭنى 3ئاي تۇتۇپ قالىمەن دەپ ئەرۋايىمنى ئۇچۇرغىنىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئىشلىرىم خىلى ئۇڭۇشلۇق بولوپ ماشىنىنى ئالىدىغان ئادەم بىلەنمۇ كۆرۇشىدىغان جاينى كىلىشۋالغانتىم ( باشقىلار كىلىشتۇرگەن).خىيالىم يەنىلا ئامانگۇلدە ئىدى ،بۇ قىتىم ئۇ نەدە بولوشىدىن قەتئىينەزەر شۇ جايغا بىرىش،ئۇنى ئىزدەپ تىپىش نىيىتىگە كەلگەن ئىدىم.

مەن دىيىشكەن جايغا بارغاندا خىرىدار ئاللىقاچان كىلىپ ساقلاپ تۇرغانىكەن،ئۇلار ماشىنىنى كۆرۇپ باھاسىنى پۇتۇشتۇق ھەم ئەتە ئەتىگەن بىر قۇلدا پۇلنى ،بىر قۇلدا ماشىنىنى بىرىدىغانغا كىلىشىپ خۇشلاشتۇق.چۇگىلەپ يۇرۇپ يەنە ھىلىقى قاتناش ساقچىسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ قاپتىمەن،ئۇنىڭغا راسا بىر ئۆزەمنى كۆرسىتىپ ئاچچىقىمنى چىقىرۋىلىش ئۈچۈن ماشىنىنى پوتۇن سۇرئەت بىلەن ھەيدىدىم،دىگەندەك ھىلىقى ئۆز چۇنتىكىنى تۇملايدىغان ئەبلەخمۇ ئىزىمغا چۇشتى،ماي پىدالىنى كۇچەپ دەسسىدىم،ئاخىرقى قىتىم ھەيدىۋالاي ،ئۇچە ماشىنام، ئۇچ.

_ ئامانگۇل! .ماشىنامنىڭ تۇرمۇزىنى قاتتىق دەسسىدىم...............

_ ئۇيغاندى،ئۇيغاندى..ھۇشىغا كەلدى. بىشىمدا سىمىز بۇرۇتلۇق بىر ئاداش ئاق خالات كىيىپ تۇراتتى.

_ ئامانگۇل!.

_ شۇنداق، مەن. ئاخماق، ساراڭ. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش سىرغىپ مەڭزىنى بۇيلاپ چۇشۇۋاتاتتى.

_ بۇلار راسلا مەن ئۈچۈنما؟ . ئۇنىڭغا قاراپ بىشىمنى لىڭشىتتىم.

_رىنتىگىن تەكشۇرۇش نەتىجىسى چىقتى ،چۇڭ چاتاق يوقكەن ، سۇنغان جاي يوق، تاڭمىساقمۇ بولىدۇ.دختور شۇ گەپلەرنى قىلىپ بولوپ ئىككىمىزگە قاراپ قۇيۇپ كۆزلىرىنى پىقىرىتقىنىچە چىقىپ كەتتى.

_ تۇرۇڭە؟. چۇش كۆرىۋاتامدىم نىمە دەپ ئۆزەمنى چىمدىپ باقتىم.

_ نىمە قىلىمىز؟ .

_ ماڭىمىز.

_نەگە ؟

_ ئىككىمىزنىڭ ئۆيىگە ،دۇت.

ھە!،ئۇرنۇمدىن سەكرەپ تۇرۇپ كەتتىم، قۇلىقىمغا ئىشەنگۇم كەلمەيىتتى.


«تۇگىدى»


مەنبە: ئىجادىيەت.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tarjiman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-5-21 00:45

توردا
203سائەت 
نادىر تېما
دوست
44 
يازما
515 
تېما
33 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-21 09:57 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاخىرى تۈگىتىپسىزدە؟!
ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ!بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن!

توردا
51سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
142 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-21 11:34 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاخىرى ئۇتىۋالىدىغان بولدىڭىز ھە،سىزنى تەبرىكلەيمەن،

توردا
298سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
798 
تېما
49 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-21 13:39 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

توردا
67سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
68 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-21 14:27 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
13369988177 يوللانغان ۋاقتى 2011-5-21 09:57
ئاخىرى تۈگىتىپسىزدە؟!
ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ!بۇندىن ك ...

رەخمەت

توردا
273سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
918 
تېما
150 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-21 18:08 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن ھەممە قىسمىلىرىنى ئوقۇپ بولدۇم... تەسەۋۇرغا ھەقىقەتەنمۇ بايكەنسىز،بۇ تىمىدا ئېيتىلىغاندەك ئىشىلار رىئانلىقىمىزدىمۇ يۈز بەرگەن بولسا، يولدىن چىقىپ كەتكەن،چوڭقۇر ئاڭغا پېتىپ كىتىۋاتقان قىزلىرىمىزنىمۇ قۇتۇلدۇرىدىغان بىرەر ئەركەك زاتى چىقىسا، ئۇلارغا چىن مۇھەببەت،ساپ كۆڭۈل ئاتا قىلالايدىغان،ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى زەھەرخەندىلىكىنى تازلاپ چىقىرالايدىغان يەنىلا بىزنىڭ ئۇيغۇر يىگىتلىرىمىزدۇر....
ئامانگۈل تېخى ئۇنداق قىزلاردىن ئەمەسكەن

توردا
67سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
68 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-21 18:49 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
aygul123 يوللانغان ۋاقتى 2011-5-21 18:08
مەن ھەممە قىسمىلىرىنى ئوقۇپ بولدۇم... تەسەۋۇرغا ھەقىقە ...


مەن ئەسلى بۇ ئەسەرنى يەنە ئۇزارتىپ يىزىشنى ئويلىغان ئىدىم،لىكىن ھەجمى چوڭ مەنىسىز بولوپ قىلىشىنى ئۇيلاپ مۇشۇنداق ئاخىرلشتۇردۇم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tarjiman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-5-21 18:49

توردا
273سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
918 
تېما
150 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-21 18:53 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش tarjiman نىڭ يازمىسى

بۇنداق ئاخىرلاشقىنىمۇ بوپتۇ،مۇشۇنداق قىلىماقمۇ ئاسان ئەمەس
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-23 20:39

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.