- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-23
- تىزىملاش
- 2011-3-11
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 237سائەت
- جۇغلانما
- 8667
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 2156
- تېما
- 263
- توردا
- 237سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 33
- يازما
- 2156
- تېما
- 263
|
1.كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەل-ئاغىنە ، خىزمەتداش ۋە ساۋاقداشلار بىلەن ئۇچراشقاندا ، ئۇلارنىڭ قايسى مىللەت بولىشىدىن ، ياش ياكى ياشانغان بولىشىدىن قەتتىينەزەر ، مىللىتىمىزنىڭ ياخشى ئەنئەنىسىگە ھۆرمەت قىلغان ھالدا سالاملىشىشنى ئەستىن چىقارماڭ.
2.تونۇش-بىلىشلىرىڭىزنىڭ ئائىلىسىدە كىسەللىك ۋە باشقا سەۋەپلەردە قىيىنچىلىق يۈز بەرسە ، ئىمكانىيىتىڭىزنىڭ بارىچە ياردەم قىلىشنى ئەستىن چىقارماڭ.
3.ئۆز ئارا ئالغۇ-بەرگۈ قىلغاندا، ئۆي سايمانلىرىنى ئارىيەتكە ئالغاندا ، ئىگىسىنى ماڭدۇرماي ئۆز ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بىرىڭ. باشقىلار سىزدىن بىر نەرسە سورىسا ئايىماي بىرىڭ.
4.بىرەر نەرسىڭىز يوقاپ كەتسە ، ئىنىقلىماي تۇرۇپلا سەبداشلىرىڭىز ئالدىدا گۇمانىڭىزنى ئاشكارە سۆزلەپ يۈرمەڭ، ياكى يولسىزلىق قىلىپ ، باشقىلارنىڭ ھويلا-ئاراملىرىنى ئاختۇرماڭ.
5.مەيلى قانداق كىشى بولىشىدىن قەتتىنەزەر ، ھەممىسىگە ئوخشاش ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىڭ ، كەمتەر ، ئىھتىياتچان بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ھاكاۋۇرلۇق قىلماڭ.ھەر خىل سورۇنلاردا كىشىلەرنىڭ ئەيىپىنى سۆزلەپ يۈرمەڭ.
6.ئەل -ئاغىنە ياكى تونۇشلىرىڭىزنىڭ ئارىسىدا ئۆز ئارا ئىختىلاپ يۈز بەرگەندە ئوتتۇردا سۇخەنچىلىك قىلىپ، <<ئوت ئۈستىگە ياغ چاچماي>> ئۆز-ئارا ياراشتۇرۇش پوزىتسىيەسىدە بولۇڭ، <<ياخشى نىيەت بىلەن قىلغان يالغانچىلىق ساۋاپ>> دىگەن سۆز بار.
7.ۋەزىپىڭىز ئۆستۈرۈلگەن ياكى تۇرمۇشىڭىز بىر قەدەر ھاللىنىپ قالغاندا ، ئالاھىدە بولىۋالماڭ، باشقىلارغا قىلغان ياخشىلىقىڭىزنى سورۇنلاردا سۆزلەپ يۈرمەڭ.
8.ئەگەر تۇرمۇش ياكى خىزمەتتىكى بەزى ئىشلاردا باشقىلاردىن ئاغرىنغان بولسىڭىز ، ئۇنىڭدىن تىخىمۇ رەنجىپ يىراقلىشىپ كەتمەي، ئۇنىڭغا نىسپەتەن قىزغىن ، سىلىق مۇئامىلى قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى تەسىرلەندۈرۈشكە تىرىشىڭ، ئەگەر بىرەر ئاغىنىڭىز ياكى سەبدىشىڭىز مىھمان چاقىرىپ ، بىرەر قىتىم سىزنى ئەستىن چىقىرىپ قويسا ، ئۇنىڭدىن رەنجىپ سۆز-چۆچەك قىلىپ يۈرمەڭ.
مەنبە؛<<ئائىلە ۋە مۇۋاپىقىيەت>>
|
|