ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر ئۈرۈمچى ئېلھاملىرى(دىلداش)
كۆرۈش: 96|ئىنكاس: 6
go

ئۈرۈمچى ئېلھاملىرى(دىلداش)

توردا
85سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
124 
تېما
60 

ئۈلگىلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 22:27 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

2011-06-17 22:24

(چاتما)
ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش)

ئۈرۈمچى


سېغىنىشتىن چاڭقىغان ھېسلار،
شاماللارغا كەتتى چىرمىشىپ.
پەرىزاتتەك گۈلگۈن سۈرىتىڭ،
خىيالىمغا قالغاچ ئىلنىشىپ.

يىراق جەنۇ،يىراق مەھەللەم،
باغاشلىغان ئېچىپ كەڭ قۇچاق.
سەندە قايتا تۇغۇلدۇم يەنە،
مەرىپەتكەباغلاپ ئىشتىياق.

نۇ سىياقى تاراپ بارىمەن،
كوچىلاردا نۇر كەبى ھامان.
چەكسىز بەخىت تىنىقلىرىدىن،
يۈرىكىمگە تۇلار ھاياجان.

بىنالىرىڭ مېنىڭدەك مەغرۇر،
ساما بىلەن تالىشىدۇ بوي.
قۇشلار بزمە قۇرغان چىمەنزار،
ئىپار كەبى چاچىدۇ خۇشبۇي.

خەير دېسەم ساڭا ھەر قاچان،
قىيالمايدۇ ھۆسنىڭدىن كۆزۈم.
مۇھەببەتلىك مىسرالىرىمدا،
تۈگىمەيدۇ مۇھەببەت سۆزۈم.

پەرىشتىدەك قوندۇڭ قەلبىمگە،
ئەي گۈلۈستان ئاۋات ھۆر شەھەر.
ئاشىقىڭمەن بىر ساڭا شەيدا،
ھايات شامىم ئۆچكەنگە قەدەر.

ئۈرۈمچى سەھرى

تاڭ ئەلچىسى تاراتقان نۇردىن،
باشلانغاندا يېڭى ھاياتلىق.
تەۋرىنىدۇ ئادەم دېڭىزى،
ئارمان تۇغۇپ دىللارغا تاتلىق.

ئاقباش تاغلار كەينىدىن سېنى،
كۆرمەك ئۈچۈن چىقىدۇ قۇياش.
ئىللىتىدۇ سانسىز يۈرەكنى،
زېمىندىكى ھەر بىر يالتىراش.

تاپتى سەندە ئالى شەرەپ -شان،
ھالال تەرى ئاققان ئىجاتكار.
سەن ياراتقان پارلاق سەھەردىن،
چىللاپ كەلدى مەڭگۈلىك باھار.

چوڭ بازار

شاۋقۇن -سۈرەن تولغان بازاردا،
ئايلىنىمەن چۈمۈلۈپ زوققا.
كۆرنىدۇ پۈتكۈل يەر-جاھان،
چۈمۈلگەندەك مەخمەل يۇپۇققا.

تەۋرىنىدۇ يىپيېڭى دۇنيا،
قەدەملىرىم ئاچار يېڭى بەت.
ھارغىنلىققا بىرەر تەسەللى،
قارچۇقلاردا نۇرلانغان سۈرەت.

ساڭا باسقان ھەر بىر قەدىمىم،
مۇساپەمگە بۇلۇدۇ گۇۋا.
سەندىن ئەنداز ئالغان جەنۇپمۇ،
خىيالىمدىن ئۆتىدۇ غۇۋا.

دۇكانلارنىڭ سانىنى ساناش،
مۇمكىن ئەمەس ئۇزاق كۆزىتىپ.
يىپەك يولى تاپقان جانلىنىش،
مۇشۇ يەردىن قۇتلۇق يول ئېچىپ.

يۈرىكىمدىن جاي ئالغان شەھەر،
ئۈزۈك بولسا ياقۇت كۆزىسەن.
جەننەت دېگەن خىيالى دۇنيا،
مەۋجۇت بولسا پەقەت ئۆزىسەن.

نىگارىمنى سۆيگەندەك سۆيدۈم،
ۋۇجۇدۇمدا قايناق بىر ئېلھام.
مىسرالاردا قاينايدۇ قۇياش،
ئارمانلىرىم تۇتسا ئالتۇن جام.

قىران بۈركۈت قۇنۇپتۇ ساڭا،
قىز مەڭزىگە چېكىلگەن خالدەك.
ئايمۇ باقار ئۈنسىز سامادا،
جامالىڭغا مەن كەبى لالدەك.

كەچلىك بازار

پانى دۇنيا جەننىتى بازار،
چاقىرىقسىز جەم بۇلار ئادەم.
قۇچىقىدا ھەر خىل مۇئەمما،
سىر قوينىغا ئۇرالغان ئادەم.

سودا -سىتىق چىقار ئەۋجىگە،
يەڭ ئىچىدە ياكى ئاشكارا.
ئىزدەپ يۈردىم كىمنىدۇر بۇدەم،
مىغىلدىغان ئادەملەر ئارا.


زوقلاندۇرار بازارنىڭ بەھرى،
ئوتلۇق ھېسلار تاشلاپ يۈرەككە.
جەننەت ھۇزۇر ئاداقى ئارمان،
تىۋىنىدۇ ھامان تىلەككە.

ۋىسال بىلەن بولغاندا ئەسر،
ئارمانلىرىم چۈمۈلەر زەرگە.
ئىزدىگىنىم خىزىركەن بىلسەم،
كەلدىمىكىن دەپ مەن بۇ يەرگە.

يوللار

كېسىشكەندەك نۇرلار بىلەن نۇر،
گىرەلەشكەن،تۇتاشقان يوللار.
خىيالىمغا كىردى جەنۇپنىڭ،
چىغىر يولى-ئاداشقان يوللار.

توپا-چاڭلىق شۇ يول بويىدا،
خىياللىرىم ئۈزەر شامالدەك.
سېلىشتۇرما خىلمۇ-خىل سېيما،
بۇ شەھەر بىر ساھىپجامالدەك.

ۋۇجۇدۇمغا بەردى زەپ ھۇزۇر،
نەمىۇش ھاۋا بەڭۋاش ئاق تۇمان.
جەنۇپتىكى يالپۇز ھېدىدەك،
دىل يايرىدى باقسام ھەر قايان.


نۇر قوينىدا چۈش كۆرەر شەھەر


خاسىيەتلىك شۇنداق شەھەر بۇ،
بىھۇش بۇلۇپ نۇرغا ئورالغان.
جەنۇپ قانداق،بۇشەھەر قانداق،
كۆكتىن يۇلتۇز يەرگە تارلغان.


يۇلتۇز بىلەن چىرماشقان سەھەر،
جۇلالىنىپ چاقنار شۇ قەدەر.
بىھۇشلۇقتا تلغىنىپ لەۋەن،
نۇر قوينىدا چۈش كۆرەر شەھەر.

نۇر قوينىدا چۈش كۆرەر شەھەر،
كېچىسىمۇ ئوخشاش زەر -گۆھەر.
زۇلمەت تۈنلەر قىسار بوينىنى،
كۆكتە يۇلتۇز كۆز ئاچسا قەمەر.


تۈگەنچ

ساراڭمىكىن دېمىگىن مېنى،
ھامان ئويغاق سۆيگۈ -نەپرىتىم.
سۆيگۈ بىلەن نۇرلىنار دۇنيا،
ئاشۇ نۇردىن چاقنار خىسلىتىم.


قارچۇقلارد يارقىن سۈرەتتەك،
شائىر قەلبى قالدى يادىكار.
ھاياتلىقتا خىلمۇ-خىل تەشۋىش،
نېمە قىلىش ھامان ئىختىيار.


يازغانلىرىم ئويغاق قەلبىمنىڭ،
سۆيگۈسىدىن پەقەت بىر تامچە.
پۈتمەس چۈنكى سېنىڭ خىسلىتىڭ،
كۈيلىسەممۇ سېنى ھەر قانچە.




ئاپتۇرنىڭ ئەسكەرتمىسى - مىنىڭ تىمىلىرىمنى رۇخستىمسىز باشقا مۇنبەرگە كۈچۈرۈشكە،خالىغانچە ئۆز نامىدا كۈچۈرۋىلىشقا بولمايدۇ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-6-17 22:43

Rank: 8Rank: 8

توردا
765سائەت 
نادىر تېما
10 
دوست
71 
يازما
1482 
تېما
232 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 22:45 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۈرۈمچىنى كۆيلەپ يازغان مەددىيەلىرڭىزدىن تۇلىمۇ سۈيۈندۈم...يۇقاپ كەتمەي ئىسىل تېتىملىق لىرىكىلىرڭىزنى ھوزورىمىزغا سۇنۇپ تۇرغايسىز.

توردا
434سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
2444 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-18 10:25 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن بەك ياخىشى يىزىپىسز . ئىلھام دىگەن تۆكۇلۇپىلار تۇردىكەن سىزىدىن . مەن بەك قايىل بولىدۇ. بۇنىدىن كىيىنمۇ يوقاپ كەتىمەي . داۋامىلىق تىرشىڭ . ئىز مۇنىبىردا بۇنىدن كىيىنمۇ سىزنىڭ نادىر تىملىرڭىز ئىز قالىدۇرغۇسى .تىمىڭزغا رەخىمەت .

توردا
236سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
2152 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-18 10:29 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى تەسۋىرلەپسىز، ئۈرۈمچىگە بىرىپ باقمىغان ئادەم بۇ شېئىرىڭىزنى ئوقىسا چوقۇم بىر بىرىشنى نىيەت قىلغۇدەك.... تىمىڭىزغا تەشەككۈر ، ھارمىغايسىز....

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-18 10:38 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۈرۈمچىدە ئوقۇغان ۋاقىتلىرىم ئىسىمگە كىلىپ قالدى .

توردا
1سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-18 11:14 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شىئېرلىرىڭىزنى بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن .

توردا
284سائەت 
نادىر تېما
دوست
49 
يازما
1354 
تېما
79 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-18 16:18 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ سىزنىڭ شىئىرلىرىڭىزنى شۇنداق ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن.ئىسىل تىمىلىرىڭىزنى دائىم كۆرۈپ تۇرۇشنى ئۈمۈت قىلىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-23 02:40

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.