ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئەدەبىي يازمىلار مۇھەببەتنىڭ مەنىسى

      

كۆرۈش: 124|ئىنكاس: 4
go

مۇھەببەتنىڭ مەنىسى

توردا
42سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
205 
تېما
112 
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-29 18:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىر كۈنى دوستۇمدىن: ئەگەر ساڭا ئۈچ كىشى بىرلا ۋاقىتتا مۇھەببەت ئىزھار قىلسا، بۇلارنىڭ بىرىنچىسى سېنى تاماققا تەكلىپ قىلىشقا ، ئىككىنچىسى ساڭا گۈل تەغدىم قىلىشقا، ئۈچىنچىسى سېنى مەدھىيلەپ شېئىر يېزىشقا ئامراق بولسا، بۇلارنىڭ ئىچىدە قايسىسى بىلەن مۇھەببەتلىشىشنى خالايسەن ؟ دەپ سورىدىم . -ھېچقايسىسى بىلەن مۇھەببەتلىشىشنى خالىمايمەن.
-ئەگەر بۇ ئۈچى بىر ئادەم بولۇپ قالسىچۇ؟
-ئۇنداقتا ئويلىشىپ بېقىشقا بولىدۇ .
-ئەمسە سېنى بۇ كىشىگە ماقۇل بولدى دەيلى ، بۇ كىشى بىلەن بىرگە 10 يىل تۇرمۇش كەچۈردىڭ دېسەك ، كېيىنچە ئۇ ساڭا گۈل سوۋغا قىلىپ ، ساڭا ئاتاپ شېئىر يېزىشنى ، سېنى دائىم تاماققا تەكلىپ قىلىشنى ئارتۇقچە ھېس قىلىپ ، بۇ ئىشلاردىن بىرىنى قىسقارتىشنى ئويلاشسا ، سەن ئۇنىڭ قايسى تۈرىنى قىسقارتىشنى خالايسەن ؟
دوستۇم بىر ئاز ئويلىنىپ تۇرۇپ :
-سىرىتتا يېمىسەمغۇ بولار،- دېدى . 
-يەنە 10يىل ئۆتۈپ كەتتى دېسەك، ئۇ كىشىگە قېرىلىق يەتتى ، دائىم گۈل تەقدىم قىلىش ، شېئىر يېزىش ئۇنىڭغا ئېغىر كېلىدىغان بولۇپ قالدى . ئۇ يەنە بىر تۈرنى قىسقارتىشنى ئويلىدى ، ئۇنىڭ قايسى تۈرنى قىسقارتىشىنى خالايسەن ؟-دەپ سورىدىم .
-ئۇنداقتا شېئىر يازىدىغاندىن ۋاز كېچەي .
-ئۇنداقتا سەن ئىككىنچى كىشىنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلدىڭ ، سەن ئاۋۋال بۇ ئۈچ ئادەمنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىمەن دېگەن بولساڭمۇ ، ئاخىردا يەنىلا گۈل تەقدىم قىلىشقا ئامراق كىشىنى تاللىدىڭ .
مەن ئۇنىڭغا شۇنداق دېدىم –يۇ ئويلىنىپ قالدىم .
بۇ ئەسلىدە مۇھەببەتنىڭ كۈچى ئىكەن ، بىر كىشىگە نىسبەتەن سىزدە مۇھەببەت بولغانسېرى ئۇنىڭدىن تەلەپ قىلىدىغىنىڭىز شۇنچە كۆپ بولىدىكەن . ئۇنىڭ قەلبىڭىزدىكى ئورنى مۇستەھكەملىنىپ ، ئۆزىدىن باشقا تەرەپلىرىگە پىسەنىت قىلمايدىغان بولىدىكەنسىز .
ھەممىمىزنىڭ مۇھەببەت كەچۈرمىشى بولىدۇ ، دانالىرىمىز ئېيىتقاندەك، مۇھەببەت بىر ئىستاكان سۇ . ئويلاپ باقسام مۇھەببەت چوڭقۇر مەنىلەرگە ئىگە ئىكەن ، مۇھەببەتلا مەۋجۇت بولىدىكەن ، كىممۇ باشقا نەرسىلەر بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرىدۇ دەيسىز .

توردا
584سائەت 
نادىر تېما
دوست
42 
يازما
1579 
تېما
39 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-29 18:48 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى يىزىپسىز ،مەنمۇ ئويلىنىپ قالدىم مەن بولغان بولساممۇ ئاشۇنى تاللىغان بولاتتىكەنمەن....

توردا
434سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
2444 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-29 21:50 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋاي نىمانىداق ئېسل ، مەزىمۇنى شۇنىداق مول . ئادەمىنى ئويىغا سالىغدەك بەك ياخىشى بىر لىرىكا ئىكەن ، بۇنىدىن كىيىنمۇ ھارماي يوللاپ تۇراسىز . تىمىڭىزغا تەشەككۇر .

توردا
236سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
2152 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-29 23:28 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ئىكەن يەنە بولسا ئايىماي يوللاپ تۇرغايسىز.

توردا
7سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
22 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-30 01:52 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ھەممىسى مۇھاببەتنىڭ كۇچى شۇنداكمۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-23 02:40

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.