ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر فوتو-سۈرەتلەر ئېرىڭىزنىڭ «قىز دوست» تۇتالىغانلىقىدىن پەخ ...
كۆرۈش: 341|ئىنكاس: 6
go

ئېرىڭىزنىڭ «قىز دوست» تۇتالىغانلىقىدىن پەخىرلىنەمسىز [باغۋەن]

توردا
187سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
486 
تېما
132 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-21 21:39 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش



يېقىندا ئايالىمدىن بىر خىزمەتدىشىنىڭ ئېرىنىڭ قىز دوستلىرىنىڭ كۆپلىكى، كۈندە توردا يېڭى-يېڭى قىز دوستلارنى تاپىدىغانلىقى، قىز دوستلىرىنىڭ ئەرگە ناھايىتى ئامراقىلىقى، تېخى بىر نەچچىسىنىڭ ئۇنى يۇرتلىرىغا تەكلىپ قىلغانلىقىنى پەخىرلىنىپ سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.
ئايالىمنىڭ خىزمەتدىشىنىڭ: «ئېرىمنىڭ قىز دوست تۇتالىغانلىقى ئېرىمنىڭ ياخشىلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ» دېگەن گېپىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قىز-ئاياللار ئارىسىدا تارقىلىپ، مودىغا ئايلانغان «ئۆزۈڭ ياخشى بولساڭ، ئاشناڭ بولمامتى» دېگەن گەپكە يېقىنراق كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى تەھلىل قىلساق، «ئەرلەرنىڭ ياخشى-يامانلىقى ئاشنىسىنىڭ بار-يوقلۇقى، ئاز كۆپلۈكى بىلەن ئۆلچىنىدۇ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
گەرچە ئۇ ئايالىنىڭ ئاغزىدىن «ئاشنا» سۆزى چىقمىغان بولسىمۇ، توقلۇقتىن شوخلۇق چىقىۋاتقان، بۈگۈنكىدەك مەدەنىيەت ئەخلاق يالىڭاچلىنىۋاتقان دەۋىردە ھېچكىممۇ «قىز دوست» نى «ئاشنا» لىققا تەرەققىي قىلمايدۇ، دەپ ئېيتالمايدۇ. جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن ئائىلىلەر 3-شەخسنىڭ ئارلىشىشى، بىر كۆرۈشكەندە دوست، ئىككى كۆرۈشكەندە ئاشنا ياكى توقالغا ئايلىنىش سەۋەبىدىن بۇزۇلۋاتىدۇ.
ئەگەر سىز جەلپكار، ئېرىڭىز چىن يۈرىكىدىن ياخشى كۆرگۈدەك ئايال بولسىڭىز، ئېرىڭىز قىز دوست تۇتۇشقىمۇ، قىز دوست ئىزدەشكىمۇ قىزىقمايدۇ. سىزدىن تەپ تارتماي، سىزنى قارىتىپ قويۇپ قىز دوست تېپىشقا ئۇرۇنغانىكەن، دېمەك، ئېرىڭىزنىڭ نەزىرىدە سىز پەقەت «خوتۇنلا» ئىكەنسىز، خالاس. شۇڭا «ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن» دېگەننى ئۇدۇم بىلىپ، «جەلپكار» ئېرىڭىزنىڭ «قىز دوست» تۇتالىغانلىقىدىن پەخىرلەنمەي، سىزگە بولغان ساداقىتىدىن، مېھىر-مۇھەببىتىدىن پەخىرلىنىڭ.


ــــــ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xatay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-5-21 22:09

توردا
284سائەت 
نادىر تېما
دوست
49 
يازما
1354 
تېما
79 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-21 23:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەگەر سىز جەلپكار، ئېرىڭىز چىن يۈرىكىدىن ياخشى كۆرگۈدەك ئايال بولسىڭىز،
بۇ سۆز ماڭا ياقتى.مەنمۇ شۇنداق قارايتىم.ئايال ياخشى بولسا ئەر تالاغا قارىمايدۇ دەپ ئويلايمەن.

توردا
97سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
151 
تېما
23 

تىرىشچان ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-22 00:00 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مىنىڭچە كىشنىڭ ھەققى كىشىدە قالمايدۇ،شۇ ئەر ئاشنا ئوينىسا ئۇنىڭ خۇتىنىمۇ ئەلۋەتتە قاراپ تۇرمايدۇ،مىنىڭچە ئەر بۇزۇلمىسا،ئايال ئالدىراپ بۇزۇلمايدۇ..

توردا
584سائەت 
نادىر تېما
دوست
42 
يازما
1579 
تېما
39 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-22 14:08 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەرگىزمۇ «ئېرىنىڭ قىز دوست تۇتالىغانلىقى ئېرىنىڭ ياخشىلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ» دېگەن گەپكە ئىشەنمەيمەن ،ئەگەر شۇنداق دىگۈچىلەر بولسا سوراپ باققۇم كېلىدۇ،ئەگەر سىزنىڭ يولدىشىڭىز سىزنىڭ ئويىڭىزدىكىدەك ياخشى بولسا سىزگە بولغان سۆيگۈسى چىن،ھەقىقىيمۇ؟
ئەگەر سىز جەلپكار، ئېرىڭىز چىن يۈرىكىدىن ياخشى كۆرگۈدەك ئايال بولسىڭىز، ئېرىڭىز قىز دوست تۇتۇشقىمۇ، قىز دوست ئىزدەشكىمۇ قىزىقمايدۇ. سىزدىن تەپ تارتماي، سىزنى قارىتىپ قويۇپ قىز دوست تېپىشقا ئۇرۇنغانىكەن، دېمەك، ئېرىڭىزنىڭ نەزىرىدە سىز پەقەت «خوتۇنلا» ئىكەنسىز، خالاس. شۇڭا «ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن» دېگەننى ئۇدۇم بىلىپ، «جەلپكار» ئېرىڭىزنىڭ «قىز دوست» تۇتالىغانلىقىدىن پەخىرلەنمەي، سىزگە بولغان ساداقىتىدىن، مېھىر-مۇھەببىتىدىن پەخىرلىنىڭ.
مانا بۇ گەپ ئ.ەڭ قايىل قىلارلىق سۆز بوپتۇ ،ئەگەر يولدىشىڭىزنىڭ ئاشۇنداق ئىشلىرىدىن ماختىنىپ يۈرسىڭىز سىز دۇنيادىكى ئەڭ بىچارىلەرگە ئوخشىماي نىمىگە ئوخشايسىز......تېما ئىگىسىگە رەخمەت...

توردا
0سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-22 15:20 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

توردا
236سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
2152 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-23 15:49 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن شۇنداق، ئەگەر ئىرىڭىزنىڭ كۆڭلى سىزدىن، ئۆيدىن سۇ ئىچسە، ھەرگىزمۇ سىرىتقا قارىمايدۇ، ئاشنا تۇتمايدۇ، ... تىمىڭىزغا تەشەككۈر، ھارمىغايسىز....

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-24 12:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مىنىڭچمۇ ،ئەرنىڭ كۆڭلى خوتۇنىدىن ،ئۆيدىن سۇ ئىچسە ئۇ ئەر ھەرگىزمۇ سىرتتىن ئاشنا تۇتۇش تۈگۈل قىز لارغىمۇ يىقىنلاشمايدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-23 02:39

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.