- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-22
- تىزىملاش
- 2010-7-20
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 187سائەت
- جۇغلانما
- 2718
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 486
- تېما
- 132
- توردا
- 187سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 9
- يازما
- 486
- تېما
- 132
|
كىم كۆكلىسە ياشنىسا كۆرەمەيسەن توقماقچى ،
كۈلۈپ يۈرسە باشقىلار كۈلەلمەيسەن توقماقچى .
ئەل مىللەتنىڭ ئىشقىدا كۆيەلمەيسەن توقماقچى ،
قۇچقاچقىمۇ بىر تال دان بېرەلمەيسەن توقماقچى ،
ھەتتا تاتتلىق خىيالمۇ سۈرەلمەيسەن توقماقچى .
قولوڭدىن يا كەلمەيدۇ ئەسكى كەپە ياساشمۇ ،
ساڭا ئازاپ بەزىدە ئوڭدا يىتىپ ئۇخلاشمۇ .
كۆزۆڭگە سەت كۆرىنەر ھەتتا نۇرلۇق قۇياشمۇ ،
بىلەلمىدۇق كېچىسى ساڭا ھۇقۇش سېرداشمۇ ،
شۇملۇق تېلەپ ھۇۋلىماي يۈرەلمەيسەن توقماقچى .
كىم ياراتسا نەتىجە توقماقلايسەن پۇتلايسەن ،
گۇنا ئارتىپ ئۇنىڭغا سەن ئۆزۆڭچە سوتلايسەن .
ئازاپ تارتسا باشقىلار خوشال شەربەت ئوتلايسەن .
شەرەپ قۇچسا دوستوڭمۇ ئازاپ بىلەن داتلايسەن،
ناھەق نىمە ھەق نىمە بىلەلەمەيسەن توقماقچى .
ساڭا تاغدەك بىر ئازاپ دوستوڭ سالغان ئىمارەت ،
مۇبارەكلەپ قويمايسەن ياغدۇرۇسەن ھاقارەت ،
ئېچېڭ قوتور بولغاچقا ھەر قەدىمىڭ جىنايەت ،
پىنھانلاردا ئۆزۆڭچە كۆرسىتىسەن كارامەت ،
مىھمانغىمۇ چاي قۇيۇپ كۈتەلمەيسەن توقماقچى .
كۈندە قۇسۇر ئىزدەيسەن خەقلەر يازغان ئەسەردىن ،
تېلىڭ ئاچچىق بەزىدە ئوغا بىلەن زەھەردىن .
تاشنى ئەزىز چاغلايسەن ئالتۇن بىلەن گۆھەردىن.
سەھراغىمۇ باردىڭ سەن قوغلانغاندا شەھەردىن ،
خوشال كۈلۈپ بىر كۈنمۇ ئۆتەلمەيسەن توقماقچى .
چىقىدىكەن خۇمارىڭ يۈرسەڭ خەقنى توقماقلاپ ،
شۇنداقتىمۇ ھەر يەردە سەن يۈرۈسەن ئاقساقلاپ .
تەما قىلىپ شۆھرەتتىن ئۆتەر كۈنۈڭ قان يىغلاپ .
پىنھانلاردا يۈرۈسەن ئورا كولاپ پالاقلاپ .
رەزىللىكتىن شۇملۇقتىن كېچەلمەيسەن توقماقچى
مەنبە:سەنەم مۇنبىرى
|
|