سەبىي چاغلارغاقايتقۇم كېلىدۇ (بالىلار بايرىمىغا بېغىشلايمەن) 
كۆز ئىچىپ دۇنياغا خىلى بىرمەھەل، ئانامنىڭ باغرىدا يايلىدىم تايدەك. سەبىيلىك چاغلىرىم ئۆتتىغۇ غەمسىز، غوبارسىز دىلىمنى يورۇتقاچ ئايدەك.  تايتاڭلاپ ماڭغاندا ئانام خوش بولۇپ، كەتكەندۇ" ماڭدى" دەپ زوقلۇنۇپ كۈلۈپ. كۆتەرسە " چۈشەر "دەپ،ئۇنىماي مىڭىپ، پۇتلۇشۇپ يىقىلىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ.  ئەتىدىن كەچكىچە تالادىن كىرمەي، چاپاتتىم تال چىۋىق ئېتىمنى مىنىپ. سۇ كېچىپ، لاي ئويناپ، كىيىمنى بۇلغاپ، غورىغا تاش ئېتىپ ،قوغلىسا قېچىپ....  ھە مانا مەكتەپكە قەدەممۇ باستىم، بوينۇمغا يىپ يېڭى رەخ سومكا ئېسىپ. "ئېلىپ"دىن باشلىدىم ئالماققا بىلىم، تۇرار ئاتام"بە"نى ئېسىمگە سېلىپ.  ئەر يىتىپ بولدۇممەن مەنمۇ بىر ئاتا، پەرزەنتىم كەينىدە يۈرۈمەن مانا. سەبىيلىك چاغلىرىم كەلمەسكە كەتتى، ۋەلېكىن كېلىدۇ ئەسلىگىم يانا.
بالىلار بايرىمى كەلسە ھەر قېتىم، دەيمەن" باللاردەك ئوينۇسام قېنىپ" قارىسام نەۋرەمگە قايتقۇم كېلىدۇ، شۇ سەبىي چاغلارغا قايتىدىن
يىنىپ... 
مەنبە:يازمام |