- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-19
- تىزىملاش
- 2011-4-23
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 103سائەت
- جۇغلانما
- 2253
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 553
- تېما
- 16
- توردا
- 103سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 18
- يازما
- 553
- تېما
- 16
|
راست گەپ قىلىش
چىنە؛ئاغاڭ خېلى بۇرۇنلا يىمەك-ئىچمەك مەسىلسىنى ھەل قىلغان،ماڭا ئەگەشسەڭ، يەيدىغنغا تاماق بولماسلىقىدىن ئەنسىرمەيسەن؛
تەخسە؛ئاغاڭنىڭ تۇرمۇشىىنى سورىساڭ، ھەرھالدا پاراغەت ،ھاللىق سەۋىيەگەيەتتىم،ماڭا ئەگەشسەڭ، گۈش يىيىشتىن غەم قىلمايسەن؛
چوكا؛مەيلى تاماق ،مەيلى قورۇما ۋە مەيلى گۈش بولسۇن، ھەممىگە ئېغىز تىگەلەيمەن، كۈنلىرىم ناھايتى بەخىتلىك؛
چىش كولىغۇچ؛تۇلىمۇ ئادالەتسىزلىك،ئوخشاشلا بامبوك ياكى ياغاچتىن ياسىلىمىز،چوكىغا سىلىشتۇرغاندا جۇغۇم كىچىكرەك،يىنىكرەك خالاس، نىمىشقا ئۇنىڭ تۇرمۇشى شۇنچە ئىسىل ئۈتىدۇ، مەن تازىلىق قىلىپلا ئۈتەمدىم؛
چىلكا؛مەن جەمەتتىن چىققان، شۇڭا غەرىپچە ئوزۇقلىنىشنى ياقتۇرىمەن.
لىۋىت؛مە دىگەن رەھبەر، ھەم چىقالايمەن ،ھەم چۈشەلەيمەن، ئالىيجاناپ ھەم پەزىلەتلىك.
قەغەز؛تۇغۇلۇشۇمدىنلا مۇشۇنداق پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان، بىراق يەنىلا دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەشكە تىرىشىمەن، شۇڭا دائىم قەلەمنىڭ ياردىمىدە ((گۈل))چەكتۈرىمەن.
تۈگمە؛دۇنيادا بىر جۈپلەر ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ ، گۈزەل نىكاھ تۇرمۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىنمۇ بەخىتلىك خىزمەت بولمىسا كېرەك،مەن دەل شۇ كەسىپنى قىلىمەن.
پىچاق؛مەنمۇ نىكاھقا ئالاقىدار خىزمەتنى ئىشلەيمەن ،لىكىن كىشىلەر مىنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ. قىلىدىغىنىم((ئادا-جۇدا قىلىش)) ،تىرىك تۇرغۇزۇپ ئايرىۋىتىش.
ئىستاكان؛ھەرگىزمۇ بىرلا قۇلىقى بار كەمتۈك ئىكەنلىكىمدىن مەيۈسلەنمەيمەن،ئەكسىچە قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ ، ئىش ئورنۇمدا ئىزچىل تىرىشىپ ئىشلەيمەن.
شەپكە؛ئەزەلدىن بىر كىمنىڭ مەندىن ئىگىز ئىكەنلىكىنى كۈرۈپ باقمىدىم .مەيلى ئۇ قانچىلىك ئىگىز بولسۇن يەنىلا ئۇنىڭدىن ئىگىزرەك تۇردۇم.
ۋوتو ئاپپارات؛مىنى ئەستە تۇتۇش جەھەتتىكى تالانت ئىگىسى دىسە بۇلىدۇ،ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىم كىشىنى لال قىلىدۇ. مەن كۈرگەنلا نەرسە بولسا، پەش چىكىتكىچە ئەستىن چىقارمايمەن.
ئىسىمنامە؛مىنى كەمچىلىكى بار دىسە ،مەنمەنچى بۇلۇشۇم مۇمكىن،چۈنكى ئادەملەر بىلەن ئادەتتە نوپوز،ئورۇن سورۇندا ئارلىشىمەن.
شوتا؛مەن شەخسىيەتسىزلىكنىڭ نامايەندىسى،دائىم رازىمەنلىك بىلەن باشقىلارنىڭ دەسسىشىگە،ئۈرلىشىگە يول قۇيىمەن.
مىكرو دۇلقۇنلۇق ئۇچاق؛ھېچقانداق جايدىن مىنىڭدەك شۇ ھامان ئىللىقلىق ئاتا قىلالايدىغان قەلبنى تاپالمايسىز.مەن يەنە باشقىلارنىڭ مىيىنى ((سىيرىپ))،((ئورۇقلىتىش))قا ئاجايىپ ماھىر.
قەلەم؛ھەممىسى مىنىڭ خاتالىقىم،ھە دىسىلا باشقىلارنىڭ يۈزىگە((قارا))سۈركەيمەن.
ياڭراتقۇ؛ئاۋازىم ھەقىقەتەن ئۈنلۈك،ئەزەلدىن پىچىرلاشنى بىلمەيمەن.
پىپىتكا؛مەنمۇ ئەمەليەتتە ((يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيول))خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىمەن، بىراق ھازىرغىچە يولدىن ئۈتۈش يىغىپ باقمىدىم.
يىڭنىمىخ؛مەن دىگەن ((ئاخىرغىچە قارىشلىق قىلىدىغان ئائىلىلىك)).
دەزمال؛مەندە پىداكارلارغا خاس قەلىب بار، قەيەر ئويمان-دۈڭ بولسا شۇ يەرنى تۈزلەيمەن.
قارتا؛نىمە سەۋەپتىن ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن، ئەزەلدىن يامان ئىش قىلىپ باقمىدىم ، بىراق كۈڭلۈمدە جىن باردەكلا ھېس قىلىمەن.
((نادىر ۋىليەتونلاردىن تاللانما))دىن ئىلىندى
مەنمۇ قۇشۇپ قۇياي؛
مۇھەببەت؛مەن شۇنداق رۇمانتىك ۋە شېرىن شۇڭا مىكىن جىنى بالىكى نەرسىلەر ماڭا بەك ئامراق مەن دىن ئايرىلمايدۇ،يەنە بىر تەرىپىم ،مەن شۇنداق ئەسكى ،كىشىلەرنى دەششەت ئازاپلايمەن شۇنداق بولساممۇ كىشىلەر مەندىن يەنىلا ئايرىلمايدۇ.بار قىلالايمەن ، ھەم يوق قىلالايمەن شۇ.
تەنھا قۇش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا usman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-6-4 13:53
|
|