- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-20
- تىزىملاش
- 2010-5-12
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 431سائەت
- جۇغلانما
- 2282
- نادىر تېما
- 1
- يازما
- 548
- تېما
- 166
- توردا
- 431سائەت
- نادىر تېما
- 1
- دوست
- 8
- يازما
- 548
- تېما
- 166
|
زېرەكلىكتە نامى جاھانغا مەشھۇر قېرى تۈلكە سەكراتقا چۈشۈپ قالدى. بىر ئۆمۈر جاھان كېزىپ توپلىغان قىممەتلىك ھاياتلىق تەجرىبىلىرىنىڭ يوقىلىپ كەتمەسلىكى، تېخىمۇ مۇھىمى ئەۋلادلىرىنىڭ ھاياتلىق ئەقىل-پاراسەتلىرىنى بېيىتىپ، ئۇلارنى ئەجدادتىن-ئەۋلادقا بەختلىك ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، قېرى تۈلكە قاتتىق ئاغرىق ئازاۋىغا بەرداشلىق بېرىپ، تۆۋەندىكىدەك ۋەسىيەتنامە يازدى:
1. توخۇ ئوغرىلىغىلى چىقىشتىن ئىلگىرى يېنىڭلارغا بىر تىڭشىغۇچ سېلىۋېلىشنى ئۇنتۇماڭلار. بەختكە قارشى توخۇ كاتىكىدە تۇتۇلۇپ قالساڭلار، ئۆزۈڭلارنى: «توخۇلارغا دىئاگنوز قويۇپ كېسىلىنى داۋالىغىلى كىرگەن» دەپ قەسەم ئىچىڭلار ھەمدە شۇئان تىڭشىغۇچىڭلارنى چىقىرىپ نەقمەيداندا يالغاندىن بىر-ئىككى توخۇنىڭ كېسىلىنى كۆرۈپ قويۇڭلار. بۇ ھاياتىي بىخەتەرلىكىڭلارغا مۇناسىۋەتلىك، ھەرگىز ئەستىن چىقارماڭلار.
2. يولۋاس پادىشاھنىڭ ھەيۋىسىدىن بارلىق ئامال-چارىلەرنى قوللىنىپ پايدىلىنىڭلار. جامائەت پىكرىنىڭ «يولۋاسنىڭ ھەيۋىسىدىن تۈلكە كۆرەڭلەپتۇ» دېگەندەك پىتنە-ئېغۋالىرىنى بىر تىيىنغا تەڭ قىلماڭلار. بىلىشىڭلار كېرەككى، بۈگۈنكى دەۋردە يولۋاس پادىشاھتەك ھوقوقدار كىشىلەر بىزگە تىرەك بولمىسا، ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمايسىلەر. ئەلۋەتتە، يولۋاس پادىشاھ بىلەن بولغان مۇئامىلىدە ئېلىمنى بىلىپ بېرىمنى بىلمەيدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلماڭلار. يولۋاس پادىشاھنىڭ ياخشىلىقىغا ئەڭ زور دەرىجىدە جاۋاب قايتۇرۇڭلار.
3. كۆپرەك دوست تۇتۇپ، مۇناسىۋەتنى ياخشلاڭلار. بولۇپمۇ توخۇ فېرمىسىغا قارايدىغان ئىت بىلەن ئەپ-ئىناق ئۆتۈڭلار. ئۇنىڭغا خۇشامەت قىلىپ، ياخشىچاق بولۇپ، يىمىرىلمەس دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىڭلار. بۇ ئىشنى پۈتتۈرەلىسەڭلار، يەيدىغان ئوزۇقتىن بىر ئۆمۈر غەم قىلمايسىلەر.
4. ئويۇن كۆرسىتىشنى ئاز-تولا ئۆگىنىپ قويۇڭلار. توشقانلارنىڭ ماتەم يىغىنىدا، كۆز يېشىڭلارنى تۆكۈپ، قايغۇلۇق سۆزلەرنى قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭلار. يالغاندىن ئۆزۈڭلارنىڭ ئاجىزلار توپىغا تولىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىڭلارنى، ھېسداشلىق قىلىدىغىنىڭلارنى ئىپادىلەڭلار. بىراق، شۇ نۇقتا ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سەھنىگە چىقىپ پىكىر بايان قىلىشتىن ئاۋۋال، ئېغىزىڭلاردىكى توشقاننىڭ مويلىرى ۋە قېنىنى پاكىزە سۈرتۈۋېتىڭلار. بولمىسا، ئۇستىلىق قىلىمەن دەپ چاندۇرۇپ قويىسىلەر.
5. قاغىنىڭ ئېغىزىدىكى گۆشنى ئامال قىلىپ ئولجاڭلارغا ئايلاندۇرۇڭلار. بىراق، تاكتىكىغا دىققەت قىلىڭلار. بۇيەردىكى ئاچقۇچ---ھەر قېتىم قاغىنىڭ ئاجىزلىقىنى تۇتۇۋېلىشقا ماھىر بولۇپ، ئۇنى ئېغىز ئېچشىقا مەجبورلاشتا.
6. باشتىن-ئاخىر بىر ئىزدا تۇرىۋەرمەڭلار. پاراسەتلىك، زېرەك بولۇپ مەڭگۈ ھوقوقدار شەخسلەرنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئېلىڭلار. يولۋاس ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرسا يولۋاسنىڭ بۇرۇتىنى تاراپ، شىر ھاكىمىيەت بېشىغا چىقسا شىرنىڭ قوڭىنى يالاپ، تۈلكىلەرنىڭ تۇغما تالانتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇڭلار. ھوقوققا مەڭگۈ سادىق بولۇڭلار.
7. ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىڭلار. بېيىغاندىن كېيىن خۇشاللىقتا ئۆزۈڭلارنى يوقىتىپ قويماڭلار. باشتىن-ئاخىر ئۆزۈڭلارنى باشقىلارغا نامرات كۆرسىتىڭلار. ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈشكە ماھىر بولۇڭلار. خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئاز-تولا مەبلەغ سېلىڭلار. بۇنى چىڭ كۆڭلۈڭلاردىن خالاپ قىلمىساڭلارمۇ، كۆرۈنۈشتە شۇنداق بولۇۋېلىڭلار.
8. جامائەت پىكرىگە مۇئامىلە قىلىشتا، تاكتېكىدا ئېتىبارسىز قارىساڭلارمۇ جەڭ ماھارىتىگە ئەھمىيەت بېرىڭلار. تورغاي، سوپسوپىياڭ قاتارلىق ئورمان مۇخبىرلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن ياخشىلاڭلار. ئۇلارغا پۇل خەجلەپ بولسىمۇ «ئورمان گېزىتى» گە مەخسۇس ماقالە يازغۇزۇپ، تۈلكە جەمەتىنىڭ سەمىمىي، ئىشەنچلىك، ۋەدىسىدە تۇرۇشتەك ئېسىل ئوبرازىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىڭلار.
......
قېرى تۈلكە داۋاملىق يېزىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئەجەل ئۇنىڭ ئارزۇسىغا باقمىدى.
«ھېكمەتلىك سۆزلەر »ژۇرنىلىنىڭ 2007-يىللىق8-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
ئاپتۇرى:-ۋۇ جۈن |
|