ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مۇھەببەت ئۈنچىلىرى مۇھەببەت لىرىكىسى(فاتىمە)
كۆرۈش: 196|ئىنكاس: 7
go

مۇھەببەت لىرىكىسى(فاتىمە)

Rank: 8Rank: 8

توردا
763سائەت 
نادىر تېما
10 
دوست
70 
يازما
1474 
تېما
231 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-24 01:47 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

مۇھەببەت لىرىكىسى

مەن سېنىڭ ئىشقىي ئوتلىرىڭنى ھېس قىلغان چېغىمدا سەن بىلەن ھەمنەپەس ئىكەنلىكىمنى بىلدىم،سېنىڭ مەشۇقۇڭ بۇلۇپ تۆرەلدىم.

سەن يولۋاستەك باتۇر،شۇنداق قاسارەتلىك، قاماتلىك!مەن يېتىلمىگەن مۇڭلۇق،ئېگىز تاغلاردەك سۈكۈتكە چۈمگەن!مەن بۇ يولدا كىتىۋاتقان ئادەملەر ئارسىدىن تەشنالىق ۋە ئۈمىدكە تولغان كۆزلىرىم بىلەن ساڭا سەپسالمەن.سەن خىيال ئىلكىدە پەرۋاسىز ،ھەتتا مېنىڭ ئىزىڭنى ئىزلاپ يۈرگەنلىكىمدىنمۇ خەۋەرسىز....

مەن ئادەملەر ئارسىدىن گاھى سەن بىلەن يالغۇز ماڭغان چېغىمدا،سېنى چاقىرىشتىن قورقىمەن،ساڭا ناخشا ئېيتىپ بېرىشتىن ئۇيلىمەن،خىيالىم قاناتلىنىدۇ.شېرىن ۋە ئازاپلىق تۇيغۇلىرىم سېنى سېغىندۇرىدۇ،ئەمما سەن كۆز ئالدىمدا پەرۋاسىز ھەتتا مېنىڭ سېنى خىيال قىلىپ يۈرگەنلىكىمدىنمۇ خەۋەرسىز...

مەن بىر توپ شوخ بالىلار بىلەن سېنى ئۇرۋېلىپ ،چۇقىراشلار ئىچىدە ساڭا مۇڭلۇق تىكلىپ قېتىپ قالىمەن،كۆزلىرىم خۇمالىق كۆزلىرىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قالغاندا،گۇناھكاردەك ئىتتىكلا يەرگە قارىۋالىمەن.سەن شۇنداق چاغلاردىمۇ مېنىڭ خۇمارلىق كۆزلىرىڭگە تەشنا بۇلۇپ تۇرۋاتقىمدىن خەۋەرسىز....


سەن ئىسسىق دەستىدىن ھالسىراپ ،سايە ئاستىدىكى چۆپلۈكتە ئۇيقۇغا كەتكەن چاغدا،مەن ياغلىقىم بىلەن سېنى يەلپۈپ،پاششىلارنىڭ چېقىشىدىن قورۇيمەن.سەن سالقىن ئەندىكىپ تەۋرەنسەڭ ،يۈگۈرۈپ بېرىپ بۈك-باراقسان دەرەخ ئوت چۆپلەر ئىچىگە يۇشۇرنىمەن...سەن ئۇيقۇ لەززىتىدە پەرۋاسىز ،ھەتتا راھىتىڭ ئۈچۈن مىنىڭ ئۇيقۇدىنمۇ كەچكەنلىكىمنى بىلمەيسەن...

سەن گۈگۈم پەردىسى يېيىلغان مەيىن شامال راھەت بەخىش ئەتكەن چاغلاردا مەن بىلەن يىراقلىشىپ ئاستا-ئاستا رەتلىك ئورمانلار بىلەن تۇتاتشان ئۇزۇن چېغىر يوللىرىڭغا راۋان بۇلدۇڭ...

مەن ساڭا ئەگىشەلمىدىم،ئەمدىلا چىققان تۇلۇن ئايغا قاراپ ئۈنتىنسىز دەرىت-پىغانغا مۇپتىلا بولدۇم...مېنى خىياللىرى بىلەن پەپىلەپ تۇيغۇلىرى بىلەن زەنجىرلەپ قويغان ،قاراڭغۇ كېچىلەرگە يېگانە سەرسان ئەيلىگەن سۆيگۈم كۆزلىرىمدىن ياش بۇلۇپ يامغۇردەك ئېقىپ يۈزلىرىمگە چۈشمەكتە!!!بۇ ياشلارنىڭ سىرغىشىدىن ئاھۇ-پەريادىم ئارام تاپتى.ھەممە شېرىن ئۇيقۇدا ،پەقەت سېنى ئۆز قوينىغا ئالغان ئورمانلاردىن ئۈزۈك-ئۈزۈك تىۋىشلىرى ئاڭلىناتتى.تاڭ سەھەر ناخشا ئېيتىپ يولغا چىقتىم.ھەممە ماڭا ئەجەپلىنىش كۆزلىرى بىلەن تىكىلدى.تىكلىشلەردىن مەنمۇ ھەيران قالمىدىم،ناخشامنىڭ ساداسى كۆككە تۇتشىپ كەتكەن نەپەسلىرى خۇمالىق قاپقارا كۆزلىرىڭ ھەيرانلىقىنى تەبەسسۇملار بىلەن نۇرلاندۇرغان دەملەردە ئېگىز تۆپلىكتىكى چېكى يوق ئورمانلىقتىن كەلگەن ئەكىس ساداغا قۇشۇلۇپ ،سەپەردىشىمگە قول پۇلاڭلاتتىم.ئاھ،رەنجىمە ،سەندىمۇ رەنجىمەيمەن،ئاشىق يوللىرى ئېگىز-پەس،ئەگرى-تۇقاي،شۇڭا ئۇ ئىنتايىن مەنىلىك ھەم شېرىن بەك سىرلىق،قانچىلىك ئاشىق بۇ مەن باسقان ئېگىز داۋان تۆپلىكلەردىن ئاشالماي ھالسىراپ جىمىپ كەتتى،بۇ ماڭا نامەلۇم،مەن پەقەت ئۇ يەردە ھۆكۈم سۈرگەن جىمجىتلىقتىن سەن ئۈچۈن تۆككەن ياشلىرىمغا ئوخشايدېغان ياشلارنىڭ تېۋىش-سادالىرنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم.ئەمما مەن ئالدىمدا قەت كۆتۈرۈپ تۇرغان ئېگىز-تاغ ئورمان ئىچىگە ئىچكىرلەپ كىرىپ يۇلۇمغا قاراپ،ناخشىنى تېخى تاماملاپ بۇلالمىغان دىلكەش خۇمار كۆزلىكىمگە چەكسىز ئىنتىزارلىق بىلەن مۇھەببەت ناخشىسىنى ئېيتىپ بۇ يولۇمنى داۋاملاشتۇردۇم.


دەت-ئەلەمگە مۇپتىلا بولغان كېچە،

شىۋىرلايدۇ شامال يۇلتۇزغا بېقىپ.

تىمتاسلىق كۈيىنى كۆيلەپ تۇلۇن ئاي،

چاقنايدۇ كۆكتە ئاشىققا كۆز قىسىپ.

ئاشىق ئېيتىدۇ مۇھەببەت ناخشىسى،

يۈرەكتىن چىققان مۇڭ كۈيلىرى بىلەن.

خىياللىرى ئۇچار قۇشتەك پەرۋاز قىپ،

ئارزۇ-ئۈمۈدلەرنى قىلار گىرىسمەن.

كۆزلىرىدە ياپ-يېشىل باھار نازى،

قەلبىدە مۇڭلۇق شېرىن چۈشلەر كۆرۈپ.

ئاخشىمى ئاي-يۇلتۇزغا تۆتىدۇ دەت،

مۇڭلىنىپ ئېيتىپ مۇھەببەت ناخشىسى .

مەنبە قەلىمىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-24 01:49

توردا
42سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
203 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-24 02:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەكمۇ يىقىملىق مۇھەببەت لىرىكىسىىكەن ، بەكمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم !

توردا
12سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
15 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-24 02:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالام پاتىمە ھەدە سىزنى شىئىر مەلىكىسى دىگەندىن كۆرە نەسىر مەلىكىسى دىگەن تۈزۈكتەك قىلىدۇ! ئەجەپ .... يېزىپسىزا.

توردا
201سائەت 
نادىر تېما
دوست
44 
يازما
514 
تېما
33 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-24 09:52 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سىزگە قايىلمەن!
بولسا يەنە يوللاپ تۇرار سىز!
يەنە بىر تەھرىرلىۋەتكەن بولسىڭىز تىخىمۇ،،،،،،،،،،،،،،،،،،

توردا
24سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
120 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-24 11:45 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاچا مۇشۇ كۇنلەردە بارغانچە ياشلىشىپ كىتىپ بارسىز جۇما داۋاملىق تىرشىڭ سېزگە ئۇتۇق تىلگىلى مەن با ياخشى تۇرۋاتقانسېز ؟خىلى بولدى كورۇشمىگلى ؟شۇڭا ئەھۋال سورشۇم

Rank: 8Rank: 8

توردا
763سائەت 
نادىر تېما
10 
دوست
70 
يازما
1474 
تېما
231 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-24 12:10 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش kapsez0903 نىڭ يازمىسى

سىلەردىن ئۆلگە ئېلىپ ياشرىپ كەتتىمغۇ؟ رەھمەت ئۇماق ئۇكام، ئاللاغا شۈكرى ياخشى تۇرۋاتىمەن. سىزمۇ ياخشى تۇرغانسىز.ئۇيۇننى كۆپ ئوينىماي ياخشى ئۇقۇڭ جۇمۇ بولمىسا قۇلاقنى سۇزۇيمەن.

Rank: 8Rank: 8

توردا
385سائەت 
نادىر تېما
دوست
27 
يازما
546 
تېما
273 

تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-24 19:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ مۇھەببەت لىرىكىسى بەك ياخشى چىقىپتۇ... كېيىنچە ئاۋازلىق قىلىپ، تورغا يوللىساق بولغۇدەك...
ئىز تورى سىزنى ھەر ۋاقىت قىزغىن قوللايدۇ~!

توردا
186سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
482 
تېما
129 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-25 00:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سىزگە قايىلمەن!
بولسا يەنە يوللاپ تۇرار سىز!
يەنە بىر تەھرىرلىۋەتكەن بولسىڭىز تىخىمۇ،،،،،،،،،،،،،،،،،،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-20 13:48

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.