ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى › مۇنبەر › شېئىر نەسىرلەر › بىلمىدىم (119)
كۆرۈش: 71|ئىنكاس: 7
go

بىلمىدىم (119)

توردا
1085سائەت 
نادىر تېما
2 
دوست
154 
يازما
1897 
تېما
414 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-24 01:41 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىلمىدىم



ئاپتورى؛ مۇھاممەتجان راشىدىن

نە نەسىھەت - ۋەز كېرەك ھەربىر بالامغا ، بىلمىدىم ،
بەش بالام بار ، كىم سالار چۆپنى كالامغا ، بىلمىدىم .
ھە شۇلاردىن كىم بارار ئەمدى سامانغا ، بىلمىدىم ،
نە ئۈچۈن يۈگۈرۈك ئۇلار تەييار تائامغا ، بىلمىدىم ،
يۈك يەنە قاي كۈنگۈچە قاتقان چانامغا ، بىلمىدىم .


چوڭىنىڭ تۇغدى ئايالى توي قىلىپ بىر ئايدا دەل ،
توققۇز ئاي ، ئون كۈن ئىدىغۇ ئەسلىي ئادەتتە قەرەل .
قىلسا بولمامدۇ ، دۆيۈزلەر ئۇشبۇ ئادەتكە ئەمەل ،
بۇ قەدەر چاققان كېلىنگە كۈندە بىر كۈلمەمدۇ ئەل ،
ئۇقتۇرارمەن نېمە دەپ بۇنى ئانامغا ، بىلمىدىم .


قويدى ئوڭدامغا چىكامنى يەپ - ئىچىپ ئىككىنچىسى ،
شۇڭا ئايدا كەتتى توقسان كوي قاۋاققا نەق - نېىسى .
نەدە قالدى قول سائەت ئۈنئالغۇلار ... يوقتۇر ئىسى ،
گەپلىرى ، گەپ سورىساڭ گويا پىچاق ، شەمشەرپىسى ،
قايسى كۈن ئاچقاي قۇلاق يۇمشاق پاراڭغا ، بىلمىدىم .؟!

بىرسىنىڭ تۇرقى ئەجەب ، دەلدۈش دېسەڭ ، دەلدۈش ئەمەس ،
چاچلىرى گەردەندە ، ئەمما ، تەرك يۇرت دەرۋىش ئەمەس .
كۈن بويى كىرمەس تالادىن ، ئۆيگە كۈچ بەرمىش ئەمەس ،
مەن ئۆزۈم شۇنداقمۇ ئەسلىي يا سۆڭەك ، يا گۆش ئەمەس ،
ئۇ قاچان ئادەتلىنۇر ئەھلى سالامغا ، بىلمىدىم .


قولىدا گېتار كېكەچ بار ، باخشىمىش توۋلاشلىرى ،
قوشنىلار ياپتى ئىشىك ، جاق تويدۇرۇپ ھۇۋلاشلىرى .
ئەلگە ياققايمۇ ئىرغاڭلاپ ، سىلكىنىپ ئويناشلىرى ،
يوق ئۇنىڭ ئۆز سەنئىتى ، ئۆز مۈلكىنى ئويناشلىرى ،
شۇمىكىن ياكى يىگىت باققان زامانغا ، بىلمىدىم .

قالدى بىرسى ئىمتىھاندىن ئاقىۋەت ئويناپ يۈرۈپ ،
ئەمما ، ئۆتكۈزدۈم يەنە يالغان نومۇر جايلاپ يۈرۈپ .
كەتتى مىڭ كوي بىرلىرىنىڭ ئاغزىنى مايلاپ يۈرۈپ ،
قاچتى مەكتەپتىن ئۇمۇ بىر يىلدا "ۋاي - ۋاي" لاپ يۈرۈپ ،
يۈك بولارمۇ مەڭگۈ ئۇ ئاجىز دولامغا ، بىلمىدىم .


كەتتى ئۇ ئۆيدىن چىقىپ ، كار قىلمىدى يالۋۇرغىنىم ،
يوق ئىدى ئەسلا ئۇنىڭغا بىر كاتەك سالدۇرغىنىم .
نەگە ماڭسا ياكى يوق پۇلسىز ئۇنى ماڭدۇرغىنىم ،
بوپتۇ ئوغرى ئاڭلىسام ، شولدۇر مېنىڭ ئاھ ئۇرغىنىم ،
تۇز سېپەرمۇ ئۆلگۈچە ئەمدى يارامغا ، بىلمىدىم .


كۈتمىگەندە ، چوڭ قىزىم بىرسى بىلەن كەتتى قېچىپ ،
ئانىسى ئەخمەق ئاۋرە ئۇنى دەپ ھەريان چېپىپ .
قوغلىغانچە قاچتى قاچقۇنمۇ يەنە پەشنى قېقىپ ،
بۇ ئەلەملەر ۋەجىدىن ئاھ ، كەتتىغۇ جانلار ئېقىپ ،
باققىلى بولغايمىكىن سولاپ دالانغا ، بىلمىدىم .

رەڭگى ئوخشار ، خۇي - مىجەزى ھېچ ئۆزۈمگە ئوخىشماس ،
ئاشقا ئامراق ، ئىشقا ئۆچ ، ئەسلا ئېتىزدا توختىماس .
كۈندە پۇل غوۋغاسىدىن پېقىر نېمىشقا قاقشىماس ،
"يوق !" دېسەم ، قوپتى دېۋەيلەپ ، ئۇرغىلى ھەم قالدى تاس ،
كۈندە بىر ۋاڭ - چۇڭ ئۆيۈم ، بارغاي قاچانغا ؟ بىلمىدىم .

چاچ ياساپ ، قاشلىق ئېتىپ ، قىزلار ھەۋەسنىڭ كەينىدە ،
يۇرۇيدۇ تاڭ ئاتقۇچە ئويناپ ۋىچىركا ، سەيلىدە .
مۇشتلىشىپ قۇترار جىنايەت گاھ ئوغۇللار پەيلىدە ،
بولمىغاي مۇنداق بالىلار بالىلىرىمدىن غەيرىدە ،
نېمە قىلغان بولغىيدىم مەنمۇ دادامغا ، بىلمىدىم ؟


مەنبە: ئېنتىرنىت دۇنياسى .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dartman119 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-6-24 01:53

توردا
584سائەت 
نادىر تېما
2 
دوست
42 
يازما
1565 
تېما
39 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-24 08:33 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى شېئر ئىكەن ،رەخمەت سىزگە........مەنمۇ ساقلىۋالدىم ھە........

Rank: 8Rank: 8

توردا
366سائەت 
نادىر تېما
6 
دوست
19 
يازما
955 
تېما
323 

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-24 10:16 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش dartman119 نىڭ يازمىسى

قالتىس شېئىركەن. تۇرمۇشتىكى ئەشۇ خىل ئىللەتلەرنى شۇنداق رۇشەن يورۇتۇپ بېرىپتۇ.

توردا
234سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
32 
يازما
2146 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-24 10:45 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تىمىڭىزغا تەشەككۈر، بولسا يەنە يوللاپ تۇراسىز.....

توردا
201سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
22 
يازما
1159 
تېما
247 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-24 11:00 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى شېئر ئىكەن .............. بولسا يەنە يوللاپ تۇرغايسىز................

توردا
284سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
49 
يازما
1354 
تېما
79 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-24 11:05 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تىمىڭىزغا تەشەككۈر، بولسا يەنە يوللاپ تۇراسىز.

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-24 19:46 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
راسىت ،تۇرمۇشنى ئەينەن يارتىپ بىرىپتۇ . ئەجىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت .

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-24 19:46 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
راسىت ،تۇرمۇشنى ئەينەن يارتىپ بىرىپتۇ . ئەجىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-20 13:46

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.