ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى › مۇنبەر › شېئىر نەسىرلەر › سەھرالىق ئانا (باھادىر)
كۆرۈش: 123|ئىنكاس: 8
go

سەھرالىق ئانا (باھادىر)

توردا
944سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
23 
يازما
1232 
تېما
123 

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-25 22:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئەسسالامۇ __ ئەلەيكۇم تورداشلار!!!

تەرىپىڭنى كۈيلىسەم ئەگەر ،

ئاددىي كىلەر <<پەرى>> دەپ ئاتاش .

نېچۈن ساڭا باقمايدۇ بەخىت ،

سەن جاپانى تۇتقانمۇ ئانا ؟

مېھرىڭ بىلەن بېخلىنىپ ئەمما ،

نۇر چاچىدۇ دىلىقدا قۇياش .

شۇسەۋەبتىن تىزلىنىپ مانا ،

سالام بەردىم سەھرالىق ئانا .

سۆزلەپ باقاي: كۈلۈپ باقمىدىڭ ،

ئۇز ياسىنىپ كۈلۈپ باقمىدىڭ .

<<ئىلچى>>دىگەن ئاۋات شەھەرنى ،

چۈشۈڭدىمۇ كۇرۈپ باقمىدىڭ .

خاپىچلىق چىرمىغاچ سىنى ،

ھايات پەيزى سۈرۈپ باقمىدىڭ .

سىنىڭ ئۈچۈن تىزلىنىپ مانا ،

سالام بەردىم سەھرالىق ئانا .

ھويلاڭغىمۇ تېرىپ ئوسمىنى ،

سېتىپ ، تىكىپ ھەتتا پوسمىنى .

ئېتىزلاردا بۇلۇپ پايپىتەك ،

ئۆزۇڭ ئەتتىڭ قىر ۋە توسمىنى .

غەيرىتىڭدىن بارچە ئادەمنىڭ ،

يۇرۇپ كەتتى كۆڭۈل ئاسمىنى .

ئايىغىڭغا تىزلىنىپ مانا ،

سالام بەردىم سەھرالىق ئانا .

كېۋەز تېرىپ ، پاختىسىز رەخىتنى ،

ئۆزۈڭ كىيىپ ، خوش قىلىپ خەقنى .

يانچۇقۇڭغا سېلىپ باقمىدىڭ ،

بانكىلاردا پۇل قويغان چەكنى .

قىلار كۆڭلۈڭ يەنە قانائەت ،

ئۈزۈم يېمەي ، كۆمىسەڭمۇ تەكنى .

ئاھ ، يىراقتىن تىزلىنىپ مانا ،

سالام بەردىم سەھرالىق ئانا .

ئەللىك بەشكە بارسىمۇ يېشىڭ ،

تەييار ئەمەس يېيىشكە ئېشىڭ .

قاتتىق زاغرا تۇيۇلار تاتلىق ،

قۇرت بېقىپ قايغاندا بېشىڭ .

تەڭلىكىڭگە بۇلالماس دالدا ،

يۇرۇڭقاشتىن تاپقان قاشتېشىڭ .

سىنىڭ ئۈچۈن ياش تۈكۈپ مانا ،

سالام بەردىم سەھرالىق ئانا .

جۇلدۇر _ كېپەن بولساڭمۇ ئۆزۈڭ ،

تۈن قوينىدا چىراقتۇر كۆزۈڭ .

شىۋىرغاندا تۇرساڭمۇ يېلىڭ ،

ۋايسىراشتىن يىراقتۇر سۆزۈڭ .

چىچەكلىگەچ قۇلىدا ھايات _

ئەل ئالدىدا يۇرۇقتۇر يۈزۈڭ .

شۇ ئەجرىڭگە تىزلىنىپ مانا ،

سالام بەردىم سەھرالىق ئانا .

ئەنۋەر ھىدايەت شىئىرى . مەنبە : قاراقاش تەنتەنىسى .

Rank: 8Rank: 8

توردا
763سائەت 
نادىر تېما
10 
دوست
70 
يازما
1474 
تېما
231 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-25 22:27 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تۇلىمۇ يارقىن مىسرالار بىلەن يېزىلغان شېئىركەن.ئانىلارنى قانچىلىك كۆيلىسەكمۇ بىزگە سىڭدۈرگەن ئەجرىنى قايتۇرۇپ بۇلالمايسىز.

توردا
371سائەت 
نادىر تېما
1 
دوست
73 
يازما
1423 
تېما
140 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-25 23:14 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
توغرا ئىيتىسىز ئانىلارنى ھەرقانچە كۈيلىسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ ............كۆڭلۈمنى يىرىم قىلىپلا يۈرگەن ، ئاپامنى سىغىنىپ ئۆزۈمنى ئاران تۇتىۋىلىپ يۈرسەم

توردا
431سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
47 
يازما
2429 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-26 09:41 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخىشى يىزىپىسز . ھەم ھەقىقى چىن ھېسىياتىڭىز بىلەن يىزىپىسز . سىزىگە باركاللا ھەقىقەتەنىمۇ ئانىلارنى قانىچە مەدىھىي لىسەكىمۇ ئازىلىق قىلىدۇ . ئۇلارنىڭ ئەجىرنى قايىتۇرۇپ بولالمايىمىز . ............... ئەجىرڭىزىگە كۆپ رەخىمەت داۋامىلىىق ياخىشى ئەسەرلىرڭىزىگە تەشىنا ئىز . ..........مەن سىزىگە ئۇتۇق تىلەيىمەن ، داۋامىلىق تىرشىڭ .

توردا
584سائەت 
نادىر تېما
2 
دوست
42 
يازما
1565 
تېما
39 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-26 10:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەنمۇ ياخشى يىزىپسىز، ئانا دۇنيادىكى ئەڭ شەخسىيەتسىز، ئەڭ ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ بىرى.........

توردا
234سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
32 
يازما
2146 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-26 10:53 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئانىلارنى قانچە كۈيلىسەكمۇ بىر كۈن بەرگەن سۈت ھەققىنى قايتۇرۇپ بولالمايمىز، ئانا ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ئىنسان... تىما ئىگىسىگە رەھمەت.

توردا
91سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
14 
يازما
263 
تېما
42 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-26 16:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئانا ئۇلۇغ، ئانا مۇقەددەس،
ئانا ئەجرىنى قايتۇرماق ھەقىقەتەنمۇ تەس.

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-26 18:33 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇنداق بىر گەپ بار .‹‹ ئانىنى جەننەتكە يۈدۇپ ئىلىپ بارسىمۇ ،بىر بالنىڭ قەرىزى تۈگىمەيدۇ››. شۇ ڭا ئانىدىنمۇ قەدىرلىك ئىنسان بولمىسا كېرەك.

توردا
431سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
47 
يازما
2429 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-26 19:48 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش nazakat1212 نىڭ يازمىسى

ناھايىتى توغىرا ئېيتىڭىز . دوسىتۇم .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-20 13:42

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.