- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-19
- تىزىملاش
- 2011-3-11
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 234سائەت
- جۇغلانما
- 8625
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 2146
- تېما
- 263
- توردا
- 234سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 32
- يازما
- 2146
- تېما
- 263
|
ئالدىراش كىتىۋاتقان بىر يولوچى سىرلىق بىر ئىشىكنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختاپ ئىشىكنى قىقىپتۇ، ھايال بولمايلا ئۆينىڭ ئىچىدىن بىرسى چىقىپتۇ؛
_ كىمنى ئىزدەيسىز؟
_ ھەقىقەتنى ئىزدەيتىم.
_ سىز خاتا كىلىپ قاپسىز، مەن دىگەن خاتالىق،_ھىلىقى كىشى شۇنداق دەپلا ئىشىكنى <<گۈپپىدە>> يىپىۋاپتۇ.
يولوچى يەنە داۋاملىق ئىزدەشكە مەجبۇر بوپتۇ ، ئۇ ئۇزۇن يوللارنى يۈرۈپ، تاغ -دەريالارنى كىزىپتۇ، لىكىن، ھەقىقەتنى زادىلا تاپالماپتۇ، ئاخىر ئۇ ؛<<ھەقىقەت بىلەن خاتالىق ئۆز ئارا رەقىبلەر ، خاتالىق ھەقىقەتنىڭ نەدىلىكىنى چوقۇم بىلىدۇ>> دەپ ئويلاپتۇ-دە، دەرھال ئارقىسىغا يىنىپ، يەنە خاتالىقنىڭ قىشىغا بىرىپتۇ.
_ مەنمۇ دەل ھەقىقەتنى ئىزدەۋاتاتتىم،_ خاتالىق ئىشىكنى يەنە يىپىۋاپتۇ.
يولوچى نىيىتىدىن زادىلا يانماپتۇ، ئۇ ئايلىنىپ-ئايلىنىپ يەنىلا خاتالىقنىڭ قىشىغا كىلىپ قاپتۇ، لىكىن خاتالىق زادىلا ئوچۇق چىراي ئاچماپتۇ.
ئىشىكنىڭ توختىماي قىقىلىشىدىن خاتالىقنىڭ قوشنىسى ئويغىنىپ كەتكەنىكەن ، يولوچى ئۈمۈتسىزلەنگەن ھالدا خاتالىقنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئۇياقتىن-بۇياققا مىڭىپ يۈرگەندە ، ئىشىك ئىچىلغان ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ، يولوچى قايرىلىپ شۇنداق قارىسا، ھەقىقەت تۇرغۇدەك!
ھەقىقەت خاتالىقنىڭ خوشنىسى. كىشىلەر ھەقىقەتنى خاتالىقنىڭ ئىشىكىنى نۇرغۇن قىتىم ئۇرغاندىن كىيىنلا تاپالايدۇ.
مەنبە؛<<مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى>>
|
|