ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئەدەبىي يازمىلار كاززاپلىق دىگەن نىمە؟؟؟

      

كۆرۈش: 47|ئىنكاس: 2
go

كاززاپلىق دىگەن نىمە؟؟؟

توردا
236سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
2152 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-14 11:33 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى تىكىسىتنى ئوقۇپ بولۇپ، ئوقۇغۇچىلاردىن بۇ تىكىسىتتە ئۇلار چۈشەنمەيدىغان يىڭى سۆز ئاتالغۇنىڭ بار-يوقلىقىنى سوراپتۇ.
شۇئان بىر ئوقۇغۇچى ئورنىدىن تۇرۇپ؛
_ مۇئەللىم<<كاززاپلىق>> دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز،_ دەپتۇ.
ئوقۇتقۇچى سەل ئويلىنىۋىلىپ؛
_ بولىدۇ، بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈشتىن ئاۋال سىلەردىن مۇنداق بىر مەسىلىنى سوراپ باقاي.... بىرسى ئىنتايىن پاكىز،يەنە بىرسى ئىنتايىن قاسماق ۋە توڭرا بىسىپ كەتكەن ئىككى ئادەم مۇنچىخانىنىڭ ئالدىغا كەلدى دىسەك، سىلەرچە بۇلاردىن قايسىسى مۇنچىدا يۇيۇنىشى مۇمكىن؟_ دەپ سوراپتۇ.
_ ئەلۋەتتە قاسماق ئادەم يۇيىنىدۇ._ دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ ئوقۇغۇچىلار بىردەك..
_ ئۇ ئادەم ئەزەلدىن مۇنچىدا يۇيۇنۇپ باقمىغان ھەم ئاشۇنداق يۈرۈشكە ئادەتلىنىپ كەتكەن تۇرسا بۇ قىتىم نىمە دەپ يۇيىنىدۇ؟_ دەپ سوراپتۇ ئوقۇتقۇچى.
بۇ گەپ بىلەن ئوقۇغۇچىلار گاڭگىراپ قاپتۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرسى؛
_ئۇنداقتا ھىلىقى پاكىز ئادەم يۇيىنىدۇ،_ دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.
_ ئۇ ئادەم ناھايىتى پاكىز تۇرسا يەنە نىمە ئۈچۈن يۇيىنىدۇ؟_ دەپ سوراپتۇ ئوقۇتقۇچى.
ئوقۇغۇچىلار بۇ سوئال بىلەن تىخىمۇ گاڭگىراپ قاپتۇ ۋە ؛
_ ھەر ئىككىلىسى يۇيىنىدۇ، _ دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.
_ بۇلاردىن بىرسى ئىنتايىن پاكىز ، شۇڭا ئۇنىڭ يۇيىنىشىنىڭ ھاجىتى يوق ، يەنە بىرسى يۇيۇنۇپ كۆنمىگەن ، شۇڭا ئۇنىڭ يۇيىنىش ئىھتىمالى يوق ، ئەمدى ئويلاپ بىقىڭلار ، سىلەرچە بۇلاردىن قايسىسى يۇيىنىشى مۇمكىن _دەپتۇ ئوقۇتقۇچى.
ئوقۇغۇچىلار نىمىدەپ جاۋاپ بىرىشنى بىلەلمەي ئولتۇرۇپ قاپتۇ ۋە ئاخىرىدا ئۇلاردىن بىرسى ؛
_ ھەر ئىككىلىسى يۇيۇنمايدۇ،_دەپتۇ.
باشقىلارمۇ ئۇنىڭ پىكىرىنى توغرا تىپىپتۇ.
_ ئۇنداقتا بۇ ئىككى ئادەم مۇنچىخانىنىڭ ئالدىغا نىمە ئۈچۈن كەلدى؟_ دەپ سوراپتۇ ئوقۇتقۇچى.
ئەمدى بۇ سۇئالغا جاۋاپ چىقماپتۇ. ئوقۇغۇچىلار گاڭگىراپ ئولتۇرۇپ قاپتۇ.
ساۋاقداشلار<< كاززاپلىق >> دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى ئەمدى چۈشەنگەنسىلەر؟_ دەپ سوراپتۇ ئوقۇتقۇچى.
بۇ گەپ بىلەن تەڭ سىنىپ ئىچىدە كۈلكە كۆتۈرلۈپتۇ.
مەنبە؛<<شىنجاڭ مائارىپى>>

توردا
36سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
416 
تېما
35 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-14 12:29 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن چۈشەنمىدىم

زادى كىم كاززاپلىق قىلدى ؟

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-14 18:22 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇنداق ،شۇنداق مەنمۇ بۇنى تازا ئىنىق چۈشىنەلمىدىم . ئۇلاردىن قايسىسى زادى كازاپتۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-21 13:50

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.