ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى › مۇنبەر › شېئىر نەسىرلەر › گۇمانلانساڭ سۆيگۈمدىن ئەگەر
كۆرۈش: 94|ئىنكاس: 4
go

گۇمانلانساڭ سۆيگۈمدىن ئەگەر

توردا
42سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
6 
يازما
205 
تېما
112 
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-29 18:18 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

يازغاندىمەن قانچە لىرىكا ،
سەن ئۈچۈنلا پەقەت سەن ئۈچۈن.
بۇ يۈرەكنى ئوتقا سېپ قويۇپ،
پەرۋاسىزلا يۈرىسەن نېچۈن؟

سۆيگۈ تىلەپ تەلمۈرەر ساڭا،
مىسرالىرىم مىسكىن بىچارە.
ساڭا بولغان ئوتلۇق سۆيگۈمنى ،
چۈشەنمىسەڭ مەندە نە چارە؟

شئىر يازدىم شائىر ئەمەسمەن،
بەلكى كۆيچىڭ مەن سېنىڭ پەقەت.
يوللۇرۇڭغا چېچىلغان تۇيغۇم،
ئايىقىڭغا باش قويار ئەبەت.

شائىرلىقنى تۇغار ئاشىقلىق،
شۇ سەۋەپتىن ئالدىم قەلەمنى.
ھېچكىشىگە سالمىسۇن تەڭرىم،
ماڭا سالغان بۇ دەرىت-ئەلەمنى.

ھىجرانىڭنىڭ دارىدا تۇرۇپ،
بىر ئازاپتىن ئىڭرايدۇ يۈرەك.
بۇ يۈرەكنىڭ دەرىتلىك ھالىنى،
كىم چۈشىنەر سېنىڭدىن بۆلەك؟

قەلىمىمدىن تۆكۈلگەن ھەرگىز،
سىياھ ئەمەس تومۇردىكى قان.
بىلسەڭ نىگار غەمكىن بىر يۈرەك،
ھېجرانىڭدا تەسلىم قىلار جان.

سەن مىسالى بىر مەشۇق سەنەم،
ئاشىقىڭمەن يىگانە غېرىپ.
گۇمانلانساڭ سۆيگۈمدىن ئەگەر،
بۇ يۈرەكنى كۆرۈپ باق يېرىپ.

مىسرالارغا بېرەلمەي بەرداش،
ئۇپراپ كەتتى سەبى يۈرىكىم.
مەيلى نەدە بولساڭ بول ئامان،
شۇدۇر مېنىڭ كۆڭۈل تىلىكىم.

مەنبە: خاتىرەمدىن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iziz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-29 18:46

توردا
85سائەت 
نادىر تېما
4 
دوست
9 
يازما
124 
تېما
60 

ئۈلگىلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-29 18:52 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
خاتىرىڭىزدىكى شېئىرلىرىڭىزنى ئۈزۈلدۈرمەي يوللاپ تۇرغايسىز

توردا
371سائەت 
نادىر تېما
1 
دوست
73 
يازما
1423 
تېما
140 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-29 19:42 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىسىل شىئىرلارنى ساقلىۋالدىكەنسىز ھە . يەنە بولسا ئايىماي ھە .............

توردا
432سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
47 
يازما
2440 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-29 21:47 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
پاھ ........... كۆڭىلىڭىزدىكىنى تۆكۈپىلا تاشىلاپىسىزىغۇ . بۇ مۇھاببەت لىرىكىزىدىن شۇنىداق تەسىرلەنىدىم . داۋامىلىق يوللاپ تۇرۇڭ . نادىرلىرڭىزغا تەشىنا بىز !

توردا
236سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
33 
يازما
2152 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-29 23:26 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھارمىغايسىز، نادىرلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-21 13:49

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.