ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى ۋە كەڭ مۇنبەر ئەھلىگ ...
كۆرۈش: 351|ئىنكاس: 22
go

مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى ۋە كەڭ مۇنبەر ئەھلىگە !!!!!!!!  

توردا
163سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
225 
تېما
49 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-2 23:42 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇنبەر بولسا مەۋھۇم دۇنيادىكى بىر باغقا ئوخشايدۇ. بۇباغنىڭ شۆھرىتى كەڭ ئەمگەكچان باغۋەنلەرنىڭ مۇشۇ باغقا ئىجتاھات بىلەن بىر -بىرلەپ سىڭدۈرگەن ئەمگىكى بەدىلىگە كىلىدىغان بولۇپ، ئەمگەك سىڭدۈرۈشتە بەزىلەر زىرائەت مايسىسى تىكسە بەزىلەر مېۋىلىك كۆچەت تىكىدۇ، يەنە بەزىلەر رەڭگا-رەڭ گۈل -گىياھلار بىلەن باغنى زىننەتلىسە بەزىلەر جاپالىق ئەمگىكى بىلەن ئېرىق-ئۆستەڭ ۋە دەريالارنى قېزىپ باغقا ئابىھايات-زەمزەملەرنى باشلاپ كىلىدۇ، ......
بىز بۇلاردىن تەڭ بەھرىلىنىمىز،قۇۋەت ئالىمىز ۋە شۇنداقلا بۇنىڭدىن ئۆزىمىزگە قانات ياساپ جاھاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى ئايلىنىپ، قەدىمى سودىگەر، كارۋان ۋە ئىلىم ئىزلىگەن جاھان كەزدىلەر نەچچە ئون يىلدا يىغقان قىمممەتلىك بىلىم -تەجىرىبىلىرىگە قەدەم سالماي تۇرۇپ ئىگە بولىمىز ۋە شۇنداقلا نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىمىز.

تۈۋەندە مەن ئىز مۇنبىرى توغىرىسىدا بىر قانچە تۈرلۈك ئۆزۈمنىڭ شەخسى پىكىر-تەكلىپلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن، ھەرقايسى مۇنبەر ئەھلىنىڭ بۇجەھەتتە مىنىڭ ئويلىغانلىرىمنىڭ كېمى بولسا تۇلۇقلاپ، ئېشىپ كەتكىنى بولسا بۇجەتتە پىكىر تەكلىپلەرنى بىرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن :
1. نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مۇنبەرچىلەگىدە بىر مۇنبەرنىڭ تەرەققى قىلىپ ئىز مۇنبىرىدەك مۇشۇنداق ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشى ئۇنچىۋىلا ئاسان ئىش ئەمەس. بۇتەرەققىياتنى بارلىققا كەلتۈرۈشتىكى نەتىجىلەرنى مۇنبەردىكى بىر قىسىم ھارماس تۇلپارلارنىڭ كەڭ مۇنبەر ئەھلى ئۈچۈن جاپالىق ئىزدىنىشى ۋە تىنىم تاپماي ئۆزلۈكسىز ئالغا ئىنتىلىش نەتىجىسىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.شۇنداق بولغان ئىكەن شۇ ھارماس تۇلپارلارنىڭ جاپالىق ئەمگىكىنى مۇۋاپىق دەلىللەش ۋە ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى مۇنبەر تەرەققىياتى ئۈچۈن ھارماي تۆھپە قۇشۇش روھىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئورغۇتۇش ۋە ئىلھام بىرىش ئۈچۈن ھەر قايسى مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى ۋە كەڭ مۇنبەر ئەھلىنىڭ ئەتىراپلىق ئويلۇشۇپ ئىزمۇنبىرىدىكى بۇ ھارماس تۆھپىكار تۇلپارلارغا تۆھپە ئەھۋالىغا ئاساسەن مەلۇم دەرىجىدە تۆھپە يېزىشىنى، ۋە بۇنى ئەڭ يىڭى ئۇسۇل بىلەن ھەرقايسى مۇنبەر ئەھلىگە ئېلان قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
2. نۆۋەتتە ئىز مۇنبىرىمۇ باشقا مۇنبەرلەرگە ئوخشاش بىرقېلىپ ئۈستىدە تۇرۋاتىدۇ. بۇ دەل ھازىرقى ئۇيغۇر مۇنبەرچىلىگى دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئاساسى خەۋپلەرنىڭ بىرى. يەنى ئىز مۇنبىرىدە كەڭ ئۇقۇرمەنلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغۇدەك يېڭىلىق زوردەرىجىدە كەمچىل. بۇخىل ئەھۋال كىتاپ ئوقۇش ئادىتىنى يوقۇتۇپ قويغىلى خېلى ئۇزۇن بىرمەزگىل بولغان بىزدەك ئويغۇر مىللىتى ئۈچۈن تولىمۇ پايدىسىز. يېڭىلىق يارىتىشتا پەقەت مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىغىلا تايىنىۋېلىشقا بولمايدۇ. شۇڭلاشقا بۇجەھەتتە كەڭ مۇنبەر ئەھلىنىڭمۇ ئورتاق كۈچ چىقىرىپ مۇنبەردە يىڭىچە بىر ئۇسلۇپ يارىتىش ئۈچۈن قىممەتلەك پىكىر تەكلىپلەرنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمەن.
3.ھەر قايسى مۇنبەر باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭمۇ ئۆزىنىڭ تور باشقۇرۇش ۋە تۈرلۈك كەسپى جەتتىكى بىلىم ساپاسىنى تېخىمۇ يوقۇرى كۆتۈرۈپ، <قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن> دىگەن تەمسىل بويىچە، تۈرلەر بويىچە باشقۇرۇپ رەتلەشكە مەسئۇل بولۇشىنى ، رەتلەنگەن شۇنداقلا تەستىقلانغان تېمىلارنىڭ ئەتىراپلىق، مول مەزمۇنلۇق، ئەمىلى ، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى كۈچلۈك بولغان تېمىلار بولىشىنى ، نادىرلانغان، جەۋھەرلەنگەن تېمىلارنىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۆمىت قىلىمەن.
4. ھەر قايسى ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيلەرنى بىرلىك قىلغان ئاساستا، پەسىللەر بويىچە ئىز چۈشۈرۈش پائالىيىتى ئويۇشتۇرۇپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەر، تۆھپىكارلار ۋە باشقۇرغۇچىلار بىلەن يۈزتۇرانە پىكىر ئالماشتۇرش پۇرسىتى يارىتىشىنى، ئىمكان بولسا نوقتىلىق تەشكىللەشلەردە مىللىتىمىز ئىچىدىكى بىرقىسىم ئەدىپ-سەنئەتكارلارنى، ۋە ھەر قايسى پەن سېستىمىلىرى بويىچە نەتىجە قازانغان مۇتەخەسىسلىرىمىزنىمۇ بۇيىغىلىشلارغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇرۇپ، يىلىش مەزمۇنى ۋە ئەھمىيىتىنى بېيىتىشىنى ئۆمىت قىلىمەن.
( ئەلۋەتتە بۇنداق يىغىلىشلارنى شەھەر ناھىيەلەردىكى چوڭ زال، رېستۇران ئايرىم خانىلىرىدىلا ئەمەس، ھەر قايسى نوقتىلاردا ئالدىن پىلانلاپ ۋە يىغىلىپ تەشكىللىك ئاساستا يېزا قىشلاقلاردىكى ئەنئەنىۋى دېھقان مەھەللىرىدىمۇ ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش مەزمۇنىمىز بىلەن تېخىمۇ يېقىنلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. راسخوت مەسىلىسىدە توردا ئالدىن پىلانلاش ئېلىپ بېرىلسا بۇلىدۇ.)
مىنىڭ نۆۋەتتىكى تەكلىپلىرىمنى مەن مۇشۇنچىلىك يازاي، قالغان يىڭى-يىڭى تەكلىپ پىكىرلەر كەڭ مۇنبەر ئەھلىنىڭ داۋاملىق سۇنىشىغا قالدى..........
ئىز تورىدا ئىزىمىز قالىسۇن، ئىز خەلىقنىڭ قەلبىدە يول ئاچقان ئىز بولۇپ قالسۇن !!

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-3 12:52 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىز تورىكى كەڭ دوسلارغا مۇشۇنداق قىممەتلىك پىكىر تەكلىپ بەرگىنىڭىزدىن شۇنداق سۆيۈندۈم . ئىز مۇنبىرىنىڭ خەلىقنىڭ قەلبىدە يول ئاچقان ئىز بولۇپ قالسۇن ئۈچۈن مەنمۇ بىر كىشلىك ھەسسەمنى قوشۇش ئۈچۈن تىرشچانلىق كۆرسىتىمەن .

توردا
203سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
797 
تېما
10 

تىرىشچان ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-3 13:17 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ پىكىرمۇ شۇ بۇ مۇنبەردە خىپ قالا ھە قاچان بىر تىما يولىساق بىر كۇندە ئاران تەستىقتىن ئۆتسە بۇ نىمە ئىش بۇلۇپ كەتتى ئەمدى

توردا
371سائەت 
نادىر تېما
دوست
73 
يازما
1423 
تېما
140 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-3 13:55 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
OTMUX0997 يوللانغان ۋاقتى 2011-5-3 13:17
بۇ پىكىرمۇ شۇ بۇ مۇنبەردە خىپ قالا ھە قاچان بىر ...

ئۇنداق دىمەڭ ، باشقۇرغۇچىلامۇ جاپا تارتىدۇ . ۋاقتى يىتىشمەي قالغاندۇ بەلكىم . توغرا چۈشىنەيلى دوسلا .

توردا
91سائەت 
نادىر تېما
دوست
14 
يازما
263 
تېما
42 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-3 14:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ بۇ پىكىرنى قوللايمەن

توردا
203سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
797 
تېما
10 

تىرىشچان ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-3 14:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش gulimire نىڭ يازمىسى

ئەجەپ باشقا تىمىلار ئاسانلا تەستىقتىن ئۆتىدىكەنغۇ

باھا سۆز

gulimire سىزنىڭ تىمىڭىزلا ئاشۇنداق تەستە ئۆتەمدىكەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟ يوللانغان ۋاقتى 2011-5-3 14:08

توردا
203سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
797 
تېما
10 

تىرىشچان ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-3 14:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
OTMUX0997 يوللانغان ۋاقتى 2011-5-3 14:04
ئىنكاس قايتۇرۇش gulimire نىڭ يازمىسى

ئەجەپ باشقا تىمىلار ...

مەن ئۇگەي بالسى ئوقشايمەن بۇ مۇنبەرنىڭ

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
688سائەت 
نادىر تېما
13 
دوست
30 
يازما
552 
تېما
71 

شەرەپلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-3 17:49 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىسىل يازما، تەكلىپ پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىمىز.
بۇ يىل ئەجەپ غەلىتە بىر يىل بولدى

توردا
163سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
225 
تېما
49 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-3 18:31 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى يوقارقى تەكلىپلەر ئۈستىدە مۇنبەر ئەھلىدىن كۈتىدىغىنىڭلار ،بولسا دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشۇڭلارنى، ھەممەيلەن ئورتاق ھەمكارلىشىپ ئۇرۇنداشقا تىگىشلىك ۋەزىپىلەرنى تولۇق ئۇرۇندىشىمىزنى ئۆمىت قىلىمەن!!!!!!!

Rank: 8Rank: 8

توردا
894سائەت 
نادىر تېما
دوست
74 
يازما
2029 
تېما
82 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-3 19:16 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
OTMUX0997 يوللانغان ۋاقتى 2011-5-3 14:11
مەن ئۇگەي بالسى ئوقشايمەن بۇ مۇنبەرنىڭ

تىمىلارنى يوللاپ بولغۇچە كەينىدىنلا تەستىقلايدىغان ئىش يوق، بىزنىڭمۇ باشقا ئىشلىرمىزمۇ باردە، شۇنداقتىمۇ تىمىلارنىڭ تىزراق تەستىقلىنىشىغا كۈچ چىقىرۋاتىمىز، بولسا تىما يوللاپ بولۇپ باشقۇرغۇچىلارغا ئۇقتۇرۋەتسەڭلا ياخشى بولاتتى.
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىقىمدىن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-21 13:49

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.