مۇنبەردىكىلەرگە چاقچاق(ئەقىدە)
مەمەتجان005 غا... 
مەمەتجانكەن ئىسمىڭىز، قاغلىقكەن يۇرتىڭىز. ئەركىنجاننى چىقىرىۋىلىپ، ئامانشاھ دەپ يۈرسىڭىز...
مۇنبەر ئارا چاقچاقنى، سىزدىن باشلاي دېدىمغۇ. ئۇچۇر يازسام يازمىدىڭىز، ئۈمۈدسىزلا قالدىمغۇ.... 
فاتىمەگە...

ئىسمىڭىز شۇنداق گۈزەل، قەلبىڭىز ئۇندىنمۇ ھەم. شئېرلار تۆكۈلۈپ تۇرامىش، يازسىڭىز شئېرلار بۇ دەم... نەسىر مەلىكىسى دەي دېسەك، شئېرغا ئۇستا ئۇنىڭدىن.... قانداق تەسۋىرلەي سىزنى، بىلەلمەيمەن بۇرۇندىن..... 
بىردانەگە... 
يازىسەن شئرنىمۇ شۇنچىلىك ياخشى، پاك ئىدى قەلبىڭمۇ شۇنچىلىك زادى. بىلمەيمەن رەھىمسىز شۇنداقمۇ دۇنيا، ئاغرىنىپ كۆڭلۈڭمۇ نەلەرگە باردى... 
بىردانە ئىدىڭغۇ ئۇنىڭ قەلبىدە، سۆيۈشكە ئەرزىيتى قەلبىڭنى سېنىڭ. بولغىن سەن بەخىتلىك بىر ئۆمۈر كۈلگىن، ئارزۇسى ئىدىغۇ بۇ بىرلا ئۇنىڭ..... 
ئەسكى 520 غا... 
مۇنبەردە بار ئۆزىڭىز، شۇنداق مۇلايىم سۆزىڭىز.... ئىسمىڭىزنى بىلەلمەي، ئەسكى 520 دەپ يۈرۈيمىز... 
ئۆزىڭىز شۇنداق خۇشخۇي، دائىم قىلىسىز چاقچاق.. كۈندە شۇنداق خوشال يۈرۈڭ، دېمەيمىز ئەسكى بۇنداق... 
دەرتمەن119غا... 
دەردمەن يىگىت ئۆزىڭىز، قانداق تۈگەر دەردىڭىز... مۇنبەر ئارا قارىسام، ھەممە يەردە سۆزىڭىز... 
مۇسىلىمەگە.... 
شۇنداق گۈزەل يۇرتىڭىز، مۇسىلىمە ئىكەن ئىسمىڭىز. ئىپتىخارلىنىمىز بىز سىزدىن، مۇشۇنداقلا يۈرسىڭىز.... 
سەۋدايىغا.... 
سىزبەك يۇمۇر چاقچاقچى، كۈلدىرىسىز بىزنى.... شۇڭا ئۇنتۇپ قالمايمىز، سەۋدايى دېيىش سىزنى...
باشقىلار قىلسا ھەسەت، كۈلۈپ يۈرۈڭ كۈلكىنى، چۈشىنىدۇ ئۇلارمۇ، اللاھ خالىسا بىر كۈنى.... 
شەنبە گە.... ئاق تاش، كۆك تاش ،سېرىق تاش، سىزدە بارغۇ رەڭلىك تاش.... بىلىۋالدىم يۇرتىڭىز ، خوتەندىكەن قارىقاش.... شەنبە كۈنى سېتىۋېتىپ، ئىتتىك مۇنبەرگە قاچ..... 
گۈلمىرەگە.... 
يېشىڭ كىچىك بولسىمۇ ، تېشىپ تۇرار ئەقلىڭ بار.. سۆزلىرىڭ شۇنداق ئورۇنلۇق، گۈزەلىك ساڭا بولسۇن يار.... 
گۈلمىرە دەپ ئىسمىڭمۇ، زەپ ياراشقان ئۆزەڭگە. تىنماي تېما يازىسەن، ئىنكاس بىلەن مۇنبەرگە... 
رەسىم(ئەزىمەت)كە... 
تور بېتىڭىزنى ئاچمىساق، بىلەلمەيدىكەنمىز سىزنى. ئەزىمەتجانكەن ئىسمىڭىز، خەۋەرلەندۈرۈڭ بىزنى.... 
بىلمەي ئۆتۈپ كەتمەيلى، يىڭى كىرگەن بولسىڭىز... تېما، ئىنكاس يېزىپ قويۇڭ، ئىز مۇنبىرىغا ئۆتسىڭىز.... 
ۋاي دەردىم گە.... 
مۇنبەر ئىچىدەيۈرسەم، دەردى بارلار كۆپ ئىكەن.... سىز دىگەندەك دىلبىرىدىن، ئايرىلشمۇ قىيىنكەن....... 
راسچىلمەن دەپ يۈرۈپسىز... شۇنداق ئوبدان يىگىتسىز... ئالدىرىماي ساخلاڭ يەنە، ياخشىدىنمۇ-ياخشىسىنى تاپىسىز.... 
رىشتە0998 غا.... 
باشقىلار تېما يازسا ھەركۈنى، شۇنداق ئورۇنلۇق يازىسىز ئىنكاس. ئىزدەپمۇ قويامسىز دوستۇم، يوقاپ كەتسەم مۇنبەردىن بىر كۈنى تىمتاس...
رىشتە دەيدۇ تەخەللۇسىڭىزنى، شۇنداق چىرايلىق......... ئۇزۈلمىسۇن كۈلكە سىزدىن، شۇنداق يېقىملىق....... 
رۇستەمگە.... 
نەپرەتلىنىپ يۈرۈمسىز مۇھەببەتكە قىزلارغا، بېشىڭىزغا چۈشكەن مۇھەببەتكە سەۋداغا. خوشال يۈرۈڭ ئۇنتۇيسز دېگەن ئىدىم مەن سىزگە، ئىشەنمەي دەيسىز تېخى بارىمەن دەپ داۋاغا... 
مۇسۇلمان خېنىم غا... 
شۇنداق گۈزەل مۇسۇلمان خانىمى سىز، قەلبىڭىزدە كۆرۈنۈپ تۇرار ئەخلاق ھاياسى. قىلغان تېما ئىنكاسلىرىڭىز شۇنچە ئورۇنلۇق، قەلبىمىزگە ئوزۇق دىلنىڭ داۋاسى.... 
138 غا... 
شۇنچىلىك ساپ دىل كۆرىمەن سىزنى، بىر لەۋەن رەنادەك بىلىمەن سىزنى... تىكىلىپ تۇرغاندۇ مۇنبەردە سىزگە، بىلەمسىز قانچىلىغان شۇ بىر جۈپ كۆزنى.... 
مەنبە:قەلىمىم.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-5-12 19:02
|