- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-27
- تىزىملاش
- 2011-5-25
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 126سائەت
- جۇغلانما
- 3039
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 713
- تېما
- 114
- توردا
- 126سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 20
- يازما
- 713
- تېما
- 114
|
يېقىندا بىر يېقىنىمنىڭ قىزىنىڭ تويىغا باردىم .غىزا تارتىلغاندىن كېيىن، تەكلىپ قىلىنغان سازەندىلەر نەغمە قېلىشقا باشلىدى. ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار بىر-بىرىنى ئۇسسۇلغا تارتىشىپ، سورۇننى راسا قىزىتتى. سازەندىلەر تانسا مۇزىكىلىرى چېلىشقا باشلىدى.
- تۇرۇڭە! تانسا ئوينايمىز،-دېدى يېنىمدا ئولتۇرغان 30 ياشلار چامىسىدىكى بىر چوكان ئورنىدىن تۇرۇپ، بۇيرۇق تەلەپپۇزدا قىلىنغان بۇ تەكلىپكە ئامالسىز ئورنۇمدىن تۇردۇم. تانسىغا چۈشكەنلەرنىڭ ھەممىسى ئاياللار ئىدى. ئاياللار بىر-بىرى بىلەن جۈپ بولۇپ، مۇزىكا ئۇدارىغا كەلتۈرۈپ ئايلىناتتى، چۆرگىلەيتتى. مۇزىكا ئاياغلىشىپ، ئورنىمىزغا كېلىپ ئولتۇرۇشىمىزغىلا، ناخشىچى«تېرەك بوستان» دەپ ئېيتقىلى تۇردى.
-تېز بولۇڭ، ۋالىس ئوينايمىز،- ئۇ قولۇمنى چىڭ تۇتۇپ مەيدانغا چۈشتى. سېمىز چوكان خۇددى ئەر كىشىدەك بىلىمنى تۇتۇپ پىرقىراتماقتا ئىدى، ئۆزۈم پىرقىراۋاتىمەن، خىياللىرىم ئاللىقاياقلارغا كەتتى. ۋالىس مۇزىكىسى ئاياغلىشىپ، ئۇلاپلا تاڭگو مۇزىكىسى باشلاندى. چوكاننىڭ مەيداننىڭ چۈشۈش خىيالى يوق ئىدى.
- ئېرىڭىز كەلمىدىما؟- دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن.
-كەلدى، ئەنە ھاراق ئېچىپ ئولتۇرمامدۇ، گرادۇسى توشقىچە ئېچىۋالمىسا، مېنى ھەرگىز تانسىغا تارتمايدۇ. شۇئان بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىل ئىلگىرىكى بىر ئىش ئېسىمدىن كەچتى.
«گۈزەل ھايات» رېستورانى يېڭىدىن ئېچىلغان چاغدا خىزمەتدىشىمىز ئوغلىنىڭ سۈننەت تويىنى شۇ رېستوراندا ئۆتكۈزگەنىدى، توي راسا ئەۋجىگە چىققاندا ئايرىمخانىدا ئولتۇرغان بىر نەچچە چەت ئەللىك زالغا تاماشا كۆرۈشكە كىرىپتىكەن. مەن ئايال خىزمەتدىشىم بىلەن ۋالسىقا پىرقىراپ، شۇلارنىڭ قېشىغا بېرىپ قاپتىمەن. بىر چەت ئەللىك بىزنى كۆرسىتىپ، يېنىدىكى تەرجىمانغا بىر نەرسىلەرنى دېگىلى تۇردى. تانسا تۈگىگەندىن كېيىن، تەرجىماننى تونۇغاچقا ئۇنىڭ بىلەن سالام-سەھەت قىلىش ئۈچۈن يېنىغا باردىم.
- ماۋۇ مېھمان سىلەرنى «ھەمجىنس»مۇ دەپ سوراۋاتىدۇ- دېدى ئاستاغىنە ماڭا. نومۇس قىلغىنىمدىن يەرگە كىرىپ كېتەيلا دېدىم.
- نېمىشقا شۇنداق ئويلىغاندۇ؟- دەپ سورىدىم تەرجىماندىن.
- چۈنكى، ئىككىڭلار ئايال تۇرساڭلار، تانسا دېگەننى ئەر-ئايال ئوينايدۇ-ئەمەسمۇ؟
شۇنىڭدىن باشلاپ، سورۇنلارغا بارسام، بەك دىققەت قىلىدىغان بولغان ئىدىم. بىراق گرادۇسى توشمىغان ئەرلەر خوتۇنلىرىنى تانىسىغا تارتىشماي، ھاراققا دۈم چۈشكەندىكىن، ئايال بىلەن ئايال ئوينايدىغان ئىشكەن.
ئارىدىن ھەپتە ئۆتمەي، يېن بىر يېقىنىمنىڭ تويىغا باردىم. توي كەچ سائەت بەشكە ئېيتىلغان بولسىمۇ، مېھمانلار ۋاقىتقا رىئايە قىلىپ، بەشتىن بۇرۇن زالغا يىغىلىپ بولغانىدى. ۋاقىت كۆز قارىشىمىزنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىدىن سۆيۈنۈپ ئولتۇرسام، ئالتە بولماي تۇرۇپلا غىزا تارتىلدى. ۋاقتىدا باشلانغان توي، دەل ۋاقتىدا تارتىلغان غىزا مېھمانلارنىڭ كەيپىنى يۇقىرى كۆتۈرۈۋەتتى. قىز-يىگىتلەر ئۇسۇلغا چۈشۈپ، سورۇن بەكمۇ قىزىپ كەتتى. رىياسەتچىنىڭ «تانسا» دەپ ئېلان قىلىشى بىلەن تەڭ ئاكاردىئون ياڭرىدى. شۇ زامان قىز-چوكانلار گۈرۈلدەپ مەيدانغا چۈشتى. بىر-بىرىدىن چىرايلىق بەرنا قىزلار، تولغان چوكانلارنىڭ مەيداندا ئايلىنىشى مېنى ناھايىتى ئەپسۇسلاندۇردى. مەيداندا ئەركەك زاتى بولمىغىنى بىلەن، ئۈستەلدە بوتۇلكا ئالدىدا ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ئەر كىشى ئىدى. ئالدىمدىكى چايدىن بىر ئوتلىدىم-دە، خىيال كەپتىرىم ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىغا قاناتلاندى.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىگە خىزمەتكە چۈشۈپ بىر يىلدىن كېيىن، بىر خىزمەتدىشىمىز توي قىلماقچى بولدى. ئۇ چاغلاردا نەدە رېستوران، نەدە سازەندىلەر، شەھىرىمىزدىكى مەلۇم مەكتەپنىڭ ئاشخانىسىدا ئۇ تويغا ھەممىمىز قاتناشتۇق، قىزىنى كۆچۈرۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئۈنئالغۇدىن ياڭراۋاتقان ناخشا-مۇزىكىلارغا ئۇسسۇل ئوينىدۇق، تانسا ئوينىدۇق (قىز-ئوغۇل). بىر چاغدا ئۈنئالغۇدىن ۋالىس مۇزىكىسى ياڭرىدى. خىزمەتدىشىمنىڭ ئىشارىسى بىلەن ئورنۇمدىن تۇردۇم، ئەمدى مەيدانغا چۈشۈشىمىزگىلا ئىككى ئەر خىزمەتدىشىمىز يېنىمىزغا كەلدى-دە «ئەركەكلەرگە ھاقارەت كەلتۈرمەڭلار!» دېدى ۋە بىزنى ئايرىۋەتتى. شۇ چاغدا بۇ ئىككى يىگىت بىزنى ئايرىۋېتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ «ئەركەك» ئىكەنلىكىنى، ئەرلىك غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى كىچىككىنە ھەرىكىتى ئارقىلىق بىزگە ئەسكەرتكەنىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئاياللار بىلەن ئاياللار تانسا ئوينىمايدىغان بولدۇق، خوش، زامان تەرەققىي قىلدى. ئىقتىسادىي ئەھۋالىمىز ياخشىلاندى. توي-تۆكۈن، چاي-مەرىكىلىرىمىز كاتتا بېزەلگەن رېستورانلاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان، سازەندىلەر، ناخشىچىلار مەرىكىلىرىمىزگە ھۆسن قوشىدىغان بولدى. «ياخشى ئىشىنىڭ يامىنى بولدى» دېگەندەك ئەرلىرىمىزگە نېمە بولغاندۇ؟ ئايالى ياكى يۈرۈۋاتقان قىزى ئاياللار بىلەن تانسىغا چۈشسە « ھوي، مەن بۇ سورۇندا بار، كىمىڭنى كۆزگە ئىلمايسەن، مەن دېگەن ئەركەك، ئەركەك بىلەن ئوينا» دېمەي ھاراققا دۈم چۈشۈپ، غۇرۇرىنى يوقاتقىنىغا ھەيرانمەن.
مەلۇم بىر ماتېرىيالدا يېزىلىشىچە، « تانسا» ئەڭ ياخشى چېنىقىش ھېسابلىنىدىكەن. بەلكىم، مېنى تانسىغا تارتقان ھېلىقى چوكان يېگەنلىرىم ھەزىم بولسۇن، ئازراق بولسىمۇ چېنىقىۋالاي، دەپ ئوتتۇرىغا چۈشكەندۇ، يا بولمىسا ئېرىگە دوق قىلىپ، توختىماي مەن بىلەن تانسا ئوينىغاندۇ. كەچتىكى تويدا تانسا ئوينىغان قىز-چوكانلار كەچتە يېگەن غىزا سەمرىتىۋەتمىسۇن، تانسا ئويناپ سىڭدۈرەيلى دېگەندۇ. شۇ سورۇندا ئولتۇرۇپ مەيداندا ئايلىنىۋاتقان جۈپ-جۈپ قىز-چوكانلارغا، ئۆزلىرىنىڭ خوتۇنلىرىغا پەرۋاسىز قاراپ ئولتۇرغان ئەرلەرگە بەكمۇ ئېچىندىم.
ئىزتىراپلىق خىياللار ئىچىدە ماقالەمنى ئاياغلاشتۇرۇپ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 3-يۈرۈش قانىلىنى ئاچتىم. كىشىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ بېيىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرىۋېتىلىپتۇ. يېڭى ئولتۇراق رايوندىكى مەيداندا ياشانغان، ئوتتۇرا-ياش، ياش -ئەر ئاياللار تانسا ئويناۋېتىپتۇ. ئۇلار «ئەركەكلەرگە ھاقارەت كەلتۈرمەڭلار» دېگەن گەپنى بىلىدىكەن- دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.
مەنبە : ئىز باسار تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا raziya827 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-7-19 19:15
|
|