- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-24
- تىزىملاش
- 2010-10-16
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 520سائەت
- جۇغلانما
- 10188
- نادىر تېما
- 1
- يازما
- 2528
- تېما
- 330
- توردا
- 520سائەت
- نادىر تېما
- 1
- دوست
- 69
- يازما
- 2528
- تېما
- 330
|
مەۋلان نىياز 1971-يىلى7-ئاينىڭ28-كۈنى غۇلجا ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن بۇلۇپ دادىسى خەلق سوت مەھكىمىسىدە،ئاپىسى پوچتا-تېلىگىراف ئىدارىسىدا خىزمەت قىلاتتى. مەۋلان نىياز ئىئىلە مۇھىتىغا نىسىبەتەن غۇلجىنىڭ ئەمگەكچان، پاراسەتلىك يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا بار، سەنئەتخۇمار كىشىلىرىمىزنىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچرىغان، ئۇ 10ياشقا كىرگەندە ئۇسۇلغا قىزىققان ، دادىسىنىڭ خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئائىلسى ئاقسۇغا كۆچۈپ بىرىپ ئاقسۇدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. مەۋلاننىڭ دادىسى سازخۇمار كىشى بۇلسىمۇ مەۋلان دادىسىنىڭ بۇ خاراكتېرىنى دېگەندەك ئۆزىگە سىڭىدۈرمىگەن.ئۇنىڭىدا پەقەت ئۇسۇلغا ھەۋەس قىلىدىغان ھىسياتلار بۇلۇپ شوخ،كەپسىز،چاققان ۋە ئۆزگىچە خاراكتېر پىشىپ-يېتىلىپ، بارا-بارا پەقەتلا بىكار تۇرغۇسى كەلمەيدىغان ئادەت شەكىللەنگەن. 1983-يىلى مەۋلاننىڭ دادىسى قازا قىلىپ گۆدەك، سەبىي مەۋلانغا دادىسىنىڭ ۋاپاتى قاتتىق تەسىر قىلغان، بىر مەزگىل جىمىپ كىيىپ ئېغىر چۈشكۈنلەشكە. دەل شۇ يىلى يازدا ئۇنىوىغا ئامەت قۇچاق ئېچىپ. ئۇ بىر تويدا يالغۇز ئۇسۇل ئوينىغاندا خەلقىكە تونۇشلۇق سەنئەتكار ئابدۇرشىت ئىمىن ئاكا (ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىگىنىڭ سابىق ئۆمەك باشلىقى)ئۇنىڭىدىكى يۇشۇرۇن قابىلىيەتنى كۆرۈپ ئۇنى ئاقسۇ سەنئەت مەكتىپىگە ئىمتھان بىرىپ بېقىشىنى ئىيتىقان. مەۋلان ئابدۇرشىت ئاكىنىڭ تەۋسىيەسىنى ئاڭلاپ شادىلىققا چۆمۈپ، سەنئەت مەكتىپىگە ئىمتىھان بىرىپ ئۆتكەن، مەۋلاننىڭ سەنئەت ھاياتى شۇنىڭ بىلەن رەسىمىي باشلىنىپ، ئۆزىنىڭ تالانىتىنى نامايە قىلىدىغان شارائىتىقا ئىگە بولغاندىن كىين ئۆزىنى ھەر تەرەپلىمەن مۇكەممەللەشتۈرۈش يولىدا جاپالىق ئىزدەنگەن.بىر تەرەپتىن ئۇسۇل كەسپىنى ئۆگىنىپ، ئۇسۇلىچىلاردا بۇلۇشقا تىگىشىلىك كەسىپى ماھارەتنى پىشىشىق ئىگەللىسە، يەنە بىر تەرەپتىن قانداق مۇزىكا ئاڭلىسا ئۇنىڭىغا ھەركەت سېلىپ مۇزىكىنىڭ ھىسياتىنى ،كەيپىياتىنى ماس ھەركەتلەرنى سېلىپ ئۇسۇل رىژىسورلىقىنىمىۇ ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگەن.1988-يىلى 17ياشقا كىرگەندە مەۋلان نىياز ئاقسۇ سەنئەت مەكتىپىدىكى ئوقۇشنى غەلىبىلىك تاماملاپ، ئەلا نەتىجە بىلەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمگىنىڭ كەسپىي ئۇسۇل ئارتىسى بۇلۇپ ئىشىلىگەن. دەل شۇ يىلى مەۋلاننىڭ ئىددىيىسىدە زور بۇرۇلۇش بۇلۇپ شىنىجاڭ ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىگىنىڭ ئارتىسىلىرى ئاقسۇغا بىرىپ ئويۇن قويغاندا، مەۋلان مەمەت، داۋۇت ئاكا ھەم كۆرەش رەجەپلەرنىڭ ئوينىغان ئۇسۇللىرىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا قايىل بۇلۇپ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ، ئاشۇلاردەك داڭلىق ئۇسۇلچى بۇلۇشىنى كۆڭلىگە پۈتكەن، بىراق ئارمانغا چۈشلۈق دەرمان يوق دىگەندەك ئۆز كەسپىي ئۈچۈن ئارزۇ-ھەۋەسلىرىدىن ۋاز كىچىپ تۆلىگە بەدىلىگە لايىق ئۆزىنىڭ تالانتىنى، ئىقىتىدارىنى نامايان قىلىدىغان سەھىنىگە ئىرىشەلمەي ئىچى سىقىلىغان، ئۆمەكىنىڭ شارائىتىدىن قانائەت ھېس قىلماي ئۆز كەسپىدىن سوۋۇشقا باشلىغان، ئۇ لېۋىنى-لېۋىگە چىشلەپ4يىل ئاقسۇ ئۆمەكتە ئىشىلەپ،1992-يىلى خىزمەتتىن چىكىنىپ ئۈرمچىگە كەلگەن، ئۆزى چوقۇنىدىغان مەشۇر ئۆمەك تەركىبىدە ئىچىكىرى ئۆلكىلەرگە بىرىپ ئويۇن قويۇپ قىزغىن ئالقىشلارغا ئېرشىكەن، مەۋلان نىياز 1991-يىلىغىچە ئۆزىنى ئۇسۇلچى ھىساپلاپ، ئۇسۇل كەسپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن تەر تۆككەن.1991-يىلى ئىدارە باشلىقى بىر قېتىمىلىق ئويۇن تەشكىلىگەندە ياشلاردىن (ناخشا ئىيتىدىغانلار بارمۇ)دىگەندە ئۆزىدە ئىشەنچ، ئىرادە يالقۇنجاپ تۇرغان مەۋلان تەۋەككۇلچىلىق روھىغا تايىنىپ(مانا مەن ناخشا ئېيتالايمەن)دەپ جاكارلاپ ناخشىلارنى رەپىتىس قىلىپ، سەھىنىدە تۇنجى قېتىم ناخشىچى سۈپتىدە پەيدا بولغاندا تاماششىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرشىكەن.4يىل جەرياندا ھارماي-تالماي ئۆگىنىش جەريانىدا دىراممىلاردا ھەر خىل پىرسۇناژلارنىڭ ئوبرازىنى غەلبىك ياراتقان، شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۇسۇلىچى بۇلۇپلا قالماي، ناخشا ئىيتالايدىغان، كۈلدۈرگە، ئىتوت ئورۇندىيالايدىغان سەۋىيەنى ھازىرلاپ، بىر قەدەر مۇكەممەللىككە ئىگە يۈزلەنگەن.
مەۋلان نىياز ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بىرىپ ئايلىنىش جەريانىدا نەزەر دائىرىسى كىڭىيىپ، ئۆز ۋوجۇدىدىكى ئىقىتىدارنى قىزىپ، بايقاش ئارقىلق ئۇنىڭىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، جاپا-مۇشەققەتلەرگە چىداپ ياخشى ئارتىس بۇلۇش ئۈچۈن تىنىمىسىز ئىزدەنگەن، مەۋلاننىڭ بۇ خىل قابىلىيىتىنى بايقىغان ئەركىن قۇتنىدىن (شىنىجاڭ ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىگىنىڭ سابىق ئۆمەك باشلىقى )ۋە كۆرەش رەجەپ ئاكا ئۇنى ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكىگە تەكلىپ قىلغان. بىر يىلىدىن كىيىن مەدەنىيەت نازارىتى تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنىپ سىناق بىلەن ئىشلەپ تۇرغان. مەۋلان نىياز ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان سەنئەتكارلار بىلەن بىللە خىزمەت قىلىغانلىقى ئۈچۈن چەكسىز سۆيۈنۈش ۋە ئىپتىخارلىق ئىچىدە قايتىدىن جانلىنىپ، ئۇستازلاردىن قىتىرىقىنىپ ئۆگىنىپ، قايناق ھاياتى كۈچكە تولغان جەڭگىۋار ناخشىچىللىرى بىەلن تالانىتىنى نامايان قىلغان. ئۇ 1995-يىلى (پەرياد)نامدىكى قاپلىق ئۈنئالغۇ لىنىتىسىنى ئىشلىگەن. ئارقىدىنلا(شىنىجاڭ ئوغلانى)ناملىق ئۈنئالغۇ لىنتىسىنى ئىشىلەپ تېخىمۇ شۆھرەت قازانغان. شۇ يىلى ئۇ يەنە بىيجىڭ كىنو سىتودىيىسى بىلەن تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسى بىرلىشىپ ئىشلىگەن(باياۋاندىكى باتۇرلار)فىلىمىدە سادىقىلىقىنىڭ ئوبرازىنى غەلبىلىك يارىتىپ جۇڭگۇغا تۇنۇلغان يېقىنىقى زامان ئارتىسلىرىمىزنىڭ بىرى بۇلۇپ قالغان، شۇنىڭىدىن كىيىن 1-ۋە2-دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا نائىل بولغان.تېلىۋىزىيە ئىستانسى ئۇيۇشتۇرغان كىچىلىكلەردە(توي ناخشىسى)قاتارلىق بىر تۈركۈم ناخشىلارنى ئورۇنلاپ، خەلىقىنىڭ قەلبىدە بارغانسىرى چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىقا باشلىغان، مەۋلان نىياز شۇنىڭىدىن كىيىن مۇزىكا ئىشىلەش ۋە ئۇسۇل رېژىسورلىقى جەھەتلەردىمۇ ئۆزىنىڭ تالانىتىنى نامايان قىلىپ، دىلىنار ئابدۇللا بىلەن ئەسقەت رىقىپ ئورۇنلىغان (سۆيگۈ)ناملىق لەپەرنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلىگەن .(پىغانلىق ناخشا)فىلىمىدىكى(ھىجران)،(مۇھەببەت مېنىڭ ھاياتىم)ناخشا كىچىلىكلىرىدىكى (شىرىن چۈش)،(تاتلىق)ناملىق لەپەرنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلىگەن. بەزى ناخشىلارنىڭ تىكىسىتىنى يازغان.
ائرقىدىنىلا ئۇيغۇر فىلىمىلىرىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىشى بىلەن تۇنجى بۇلۇپ ئىشلەنگەن (قىرلىق ئىستاكان)فىلىمىدە تۇرسۇن تىكىنىڭ ئوبرازىنى غەلبىلىك ياراتقاچقا نۇرغۇن كىشىلەرنڭى قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتلارنى قالدۇرغان، ئارقىدىنلا(قاراقچى ھەمرا).(ئۆچكەن يۇلتۇز)،(سەرسان روھ)(پىغانلىق ناخشا)،فىلىمىلەردە ھەر خىل پىرسۇناژلارنىڭ خاراكتېرىنى پەرقلىق ئىپادىلەپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تېلىۋىزىيە فىلىمىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىپ، كەسىپداشلارنىڭ، ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭقوللىشىغا ئىرىشىكە. مەۋلان نىياز ئاخىرى نۇرغۇن تەييارلىقىلارنى قىلىپ جاپالىق ئىزدىنىش ئارقىسدا 30ياشقا توغان نەۋقىران ياشلىق باھارىنىڭ بەرىق ئۇرۇپ تۇرغان سىماسىنى ئەل قەلبىگە قايتىدىن ئورنۇتۇپ، بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئەل قەلىبىدىكى ئورننى بىلىپ بىقىش، يەنە بىر تەرەپىتىن ئۆز-ئۆزىنى دەڭسەپ ۋە ئۆزىنى قوللىغان، ،ياخشى كۆرگەن تاماششىبىنلارغا رەھمەت ئېيىتىش يۈزىسىدىن ناخشا كىچىلىكى ئۆتكۈزگەن.
مەۋلان نىياز ئوت يۈرەك سەنئەتكار . ئۇ ئۆزىنىڭ يۈرىگىدىن ئېتىلىپ يىنىۋاتقان ئاتەش گۈلخانلىرى بىلەن باشقىلارنىڭ كۆڭلىدىكى غەم-تەشۋىش تۇمانلىرىنى سۈرگۈن قىىلپ ئۇنىڭ ئورنىغا شادلىق ئاتا قىلالايدۇ. ئۇ بارغان ھەر قانداق يەر قىزغىن ھاياتى كۈچكە تولغان ئۈمىدۋالىق، ئىرادە، سەممىيلىك گۈلدەسىتلىرى بىلەن بىزىلىپ رەڭدارلىشىدۇ، ئۇنىڭ ھەركىتىدىكى چاققانلىق، يۇمۇرلۇق خۇسۇسيەت كىشىنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدۇ. مەن مەۋلان نىيازدىن (ئارتىس بۇلۇپ قالغىنىڭىزغا پۇشايمان قىلامسىز)دەپ سورىغىنىمىدا مەۋلان نىياز (مەن خەلق سەنئەتكارى بولغىنىمىدىن پەخىرلىنىش بىلەن بىرگە مىنىڭ ناخشا ئسۇللىرىمىدىن خەلىقىم ھورۇلىنىپ ، مىسىڭىن كۆڭلىگە تەسەللىي تاپالسا مەن خەلقىم ئۈچۈن مەڭگۈ چاكار بۇلۇشقا رازى)دەپ جاۋاب بەردى.
سەنئەتكاردىكى تالانىت ئىقىتىدار خەلىقىتىن كەلگەنكەن، ئۇنى خەلق ئۈچۈن بىغىشلاش ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىنىڭ بۇرچى.
مەلان نىياز قىسىقىغىنا ھاياتىدا نۇرغۇن ياخىشى ئىشىلارنى قىلدى. ئەل قەلبىدە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغان يىگانە سەنئەتكارغا ئايلاندى. ئۇنام چىقىرىپ (چولپان)ئاتالغاندىمۇ كەمتەرلىكىنى ھەر زامان ئكزىگە يار قىلىپ، ھاياتىغا ۋە دۇنياغا باشقىچىلا قىزغىن مۇئامىلىدە بولدى. ھاياتتىكى تولۇپ تاشقان قىزغىنىلىق ۋە ئىشەنچ مەۋلان نىيازنىڭ قىشىدا، ئۇنىڭ يۈرىكىدە، ئۇنىڭ قەلبىدە يىلىنجاپ تۇرغان گۈلجخاندا. ئۇشۇنداق گۈلخانكى ئۇچقۇنداپ تۇرغان ھارارىتى بىلەن كىشىنى سەمىمىيلىككە، ئىناقلىققا، مىھىر-مۇھەببەتكە،ساداقەتكە ئۈندەيدۇ. كىشىلەرنىڭ كۆڭلدىكى ئۈنسىز غەم-تەشۋىشلەرنى قەلبىدىن سۈرگۈن قىلىپ ئادەمگە بىر قىيىم كېلىدىغان ھاياتنى مەنىلىك ھەم ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشكە، خەلقى، ۋەتىنى، ئابام تۇپرىقى ئۈچۈن تۆھپە قۇشۇشقا ئۈندەيدۇ. مانا بۇ ئوت يۈرەك سەنئەتكار مەۋلان نىيازىنىڭ دۇنياسى. مانا بۇ مەنىلىك ياشاۋاتقان تۆھپىكار، ياش سەنئەتكارنىڭ دۇنياسى، ھەممىمىزنىڭ ئىزگۈ، نىيەت، ئىزگۈ تىلەكلىرىمىز بىلەن بۇ سۆيۈملۈك ئوغلانىمىز مەۋلان نىيازنىڭ دۇنياسىدا ئەدىي ئۈزۈلمەي ياڭراۋاتقان يىقىمىلىق بىر كۈيگە ئايلانسۇن.
مەنبە؛ (شىنىجاڭ ئىچىشىلار ھەركىتى)ژۇرنىلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iziz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-25 18:10
|
|