ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تاغدىن-باغدىن پولات ئەلەمدار كىم؟
كۆرۈش: 453|ئىنكاس: 11
go

پولات ئەلەمدار كىم؟  

توردا
164سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
169 
تېما
121 

شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز ئاكتىپ ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-10 22:54 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

پولاتئەلەمدار كىم؟


پولاتئەلەمدار ئابدۇقادىر شاشمازنىڭ ئوغلىبۇلۇپ، ھەقىقى ئىسمى مۇھەممەت نىجاتىشاشماز. 1971- يىلى15- دىكابىرداتۈركىيەنىڭ ئەلازىغ ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان.ئەسلى كەسپى ساياھەتباشقۇرۇش بۇلۇپ، ئالىي مەكتەپنى كانادادائوقۇپ پۈتتۈرگەن، كېيىن ئامىرىكىدا 6يىل ئىشلىگەن.2001- يىلى ئائىلىسنىزىيارەت قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىپ،قايتىش بېلىتىنى 11-سىنتەبىرگە ئالىدۇ.دەل 11-سىنتەبىر كۈنىئامىرىكىدىكى ئىككى بىناغا ئايرۇپىلانبىلەن ھۇجۇم قىلغان كۈنى بولغاچقا، بۇۋەقە سەۋەپلىك شۇ كۈنكى ئامىرىكائايرۇپىلانىغا چىقىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.كېىين ئائىلىسىنىڭچىڭ تۇرىشى بىلەن ئامىرىكىغا قايتىشتىنۋاز كىچىدۇ. نىجاتىشاشماز كېيىنىكى ھاياتىنى تۈركىيەدەداۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلىپ، ئەنقەرەدەسوغۇرتا شىركىتى قۇرىدۇ.ئۇزۇن ئۆتمەيئىستانبۇلدا ئوسمان سىناۋ ئىسىملىك كىنوسىنارىيە رىژىسورى بىلەن كۆرىشىدۇ.ئوسمان سىناۋ ئۆزىرىژىسورلۇق قىلماقچى بولغان “بۆرىلەرۋادىسى” فىلىمىدە نىجاتى شاشمازنىڭ باشرولچى بۇلۇشقا ئەڭ ياخشى نامىزاتئىكەنلىكىنى بايقاپ، ئونى بۇ فىلىمدەباش رولچى بۇلۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ.نىجاتى شاشماز بىرئايدىن كېيىن بۇ تەكلىپنى قۇبۇل قىلىپ،بۆرىلەر ۋادىسى فىلىمى بىلەن ئۆمىرىنىڭبۇرۇلۇش قەدىمىنى باشلايدۇ.

نىجاتىشاشمازنىڭ راجى شاشماز ۋە زۈبەيىر شاشمازدەپ ئىككى قېرىندىشى بار.راجى شاشماز بۆرىلەرۋادىسى فىلىمى سىنارىيەسىنىڭ يازغۇچىللىرىدىنبىرىدۇر. نىجاتىشاشمازنىىڭ 20 يېشىدايازغان ئاللاھنى كۈيلەيدىغان ۋە شۇ ياشلىقدەۋىرىدىكى ئاشقلىق ھاياتىنى ئىپادىلىگەن“ئاشىق” ئىسىملىك بىر شىئىر كىتابىبۇلۇپ، بۇ كىتاب ئەنقەرەدە نەشىر قىلىنغان.نىجاتى شاشمازنىڭبۇ شىئىر كىتابىدا ئاشقنىڭ نۆۋىتى، سەنۋە تىكەن، بېلىقلارنىڭ ھىدى، ئاۋازىڭقاتارلىق شىئىرلەر بار.

بۆرىلەر ۋادىسىفىلىمىدىكى باش رولچى پولات ئەلەمدارتۈركىيەدىكى قارا جەمىئىيەتلەرنىڭكاتىبېشى مەمەت قاراخانلىقنىڭ ئوغلىبۇلۇپ، تۈركىيە دۆلىتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكتەشكىلاتى مەخپى ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمىتەرىپىدىن بوۋاق ۋاقتىدا ئېلىپ كېتىلىپ،دۆلەتنىڭ يېتىشتۈرگەن مەخپى ئادىمىبۇلۇپ، چەتئەللەردە ئالاھىدە ھەرىكەتلەرگەقاتنىشىدۇ. كېيىنكى3 يىلداتۈركىيەدىكى قارا جەمىئىيەتلەرنىڭ ئىچىگەسىڭىپ كىرىپ، مەمەت قاراخانلىق قاتارلىققارا جەمىئىيەتلەرنىڭ بېشىدىكىلەرنىتازىلاپ چىقىدۇ. ئۇتۈركىيە دۆلىتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكتەشكىلاتى مەخپى ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمىدائالاھىدە تەربىيلەنگەن بولغاچقا، ئىنتايىنھۇشىيار، چاققان ۋە ھەر خىل ئېغىر – يىنىكقۇرۇللارنى ئىشلىتىشكە ماھىر.ئۇ يەنە ئىنگىلىزچە،فىرانسۇزچە، ئەرەپچە، كوردچە ۋە رۇسچىنىناھايىتى ياخشى بىلىدۇ.

پولات ئەلەمدارھىسياتقا بېرىلىپ ئەمەس، ئەقىلگە،ئىقتىدارىغا ۋە تەجرىبىسىگە تايىنىپھەرىكەت قىلغانلىقى ۋە ئېگىلمەس ۋە سۇنماسئىرادىگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىنتايىنقىيىن ئەھۋاللاردىمۇ ھەر خىل خەتەرلەرگەتەۋەككۈل قىلىپ، ئۆز دۈشمەنلىرى ئۈستىدىنغالىپ كىلىدۇ. ئۇتۇغۇلۇشتىن بىر تەشكىلاتچى بۇلۇپ، ئۆزدۈشمەنلىرىگە قارىشى قىلچە رەھىم قىلمايدۇ،ئەمما ئىنسانلارغا بولغان مىھىر –مۇھەببىتى خۇددى ئۆز ئاشقىغا بولغانئىشقىدەك چۇڭقۇردۇر.پولات ئەلەمداربۆرىلەر ۋادىسى فىلىمىدە ماماتى، ئابدۇلەي،ئەرخان ۋە جاھىد قاتارلىق ئەڭ سادىق ۋەقابىل ئادەملىرى بىلەن تۈركىيە دۈشمەنلىرىگەقاھشاتقۇچ زەربە بەرمەكتە.پولات ئەلەمدارزامانىمىزدىكى ئادالەتنىڭ سىمۋۇلى،قەيەردە ناھەقچىلىك ۋە قىرغىنچىلىقبولسا، پۇلات ئەلەمدار شۇ يەردە كۈرەشقىلىدۇ. ئۇ5 يىلدىنبويان رول ئالغان بۆرىلەر ۋادىسى، بۆرىلەرۋادىسى ئىراق، بۆرىلەر ۋادىسى پەلەستىنۋە بۆرىلەر ۋادىسى تۇزاق فىلىملىرى تۈركدۇنياسى، ئەرەب دۇنياسى ۋە بالقانرايۇنلىرىدا ئاجايىپ ئالقىشقا ئېرىشتى.بۇگۈنكى كۈنلەردە،پولات ئەلەمدار ھەققانىيەتكە تەلپۈنگەنخەلقلەرنىڭ غايىۋى مىللىي قەھرىمانىبۇلۇپ قالدى.

ئەگەر بۆرىلەرۋادىسى فىلىمىنى كۆرمەكچى بولسىڭىزگوگولدىن KurtlarVadisi, Kurtlar Vadisi Pusu, Kurtlar Vadisi Irak, Kurtlar VadisiFilistin دەپ ئىزدىسىڭىزتاپالايسىز.

بۆرىلەر ۋادىسىفىلىمى كۆرۈش ئادىرىسى :

http://www.diziizleyelim.com/izle-seyret/yerli-diziler/kurtlar-vadisi

بۆرىلەر ۋادىسىتۇزاق فىلىمى كۆرۈش ئادىرىسى :

http://www.diziadresi.net/izle-seyret/kurtlar-vadisi-pusu.html

بۆرىلەر ۋادىسىئىراق فىلىمى كۆرۈش ئادىرىسى :

http://www.yenifilmizle.com/film-izle/58-Kurtlar-Vadisi-Irak-izle.html


بۆرىلەرۋادىسىدىكى مەنىلىك سۆزلەر

بۆرىلەرۋادىسىدىكى پېرىنسىپ، چۈشكەن ئولجىنىقاچۇرماي يېيىش.

ئىككى كىشىنىڭبىلگىنى سىر ئەمەس.

دوستۇڭدوستۇمدۇر، دۇشمىنىڭ دۇشمىنىم.

ئاقىۋىتىنىئويلىغانلار ھەرگىزمۇ قەھرىمان بولالمايدۇ.

دۇنيا بىركۈندۇر، ئۇ بولسىمۇ بۈگۈن.

دوستۇمبولالمىساڭ، دۇشمىنىم ھايات قالماس.

سەن، سەنبولغىن! قەتئىيبىز بولۇپ قالما.

ئاتا-بوۋىسىنى تونۇمىغانلار،ئېتنىڭ پېشدىن كەتمەس.

ئىنسان بالىسىغائېشەنمە ئۆلۈر، دەرەخكە يۆلەنمە قۇرۇر.

ھاياتتاھېچقانداق نەرسە تاساددىپى ئەمەستۇر.

ياخشىلىقمەخپىي قىلىنىدۇ، مەخپىي قالمايدۇ.

ھەر قانداقنەرسىنىڭ بىر ۋاقتى بار… ۋاقتى بار…ياشاشنىڭ… سۆيۈشنىڭ … ئۆلۈشنىڭ.

سوقۇشۇشقارۇخسەت يوق، ئەمما سوقۇشۇپ يەڭسەڭ، مەغلۇپمۇئامىلىسىگە ئۇچرىمايسەن.

ياشاش ئۈچۈنھېچكىمگە يالۋۇرمىدۇق، ئۆلۈم ئالدىدىمۇھېچكىمگە يالۋۇرمايمىز.

بىز قورالنىبېلىمىزغا ئاستۇق، قۇرال بىلەن كۆكرىكىمىزگەئېتىلايلى دەپ.

ئۆلۈم، ئۆلۈمدەيسەن، ئۆلۈم دىگەن نېمىكىن ئۇ، جېنىم؟ھاياتىم پىدادۇر سەن ئۈچۈن مېنىڭ .

ئوخشاش تېلداسۆزلەشكەنلەر ئەمەس، ئوخشاش ئوي-پىكىردە بولغانلارئېتتىپاقلىشالايدۇ.

ئۆلگەنلەرنىڭئارقىسىدىن يېغلاپ قالما، ئۆلسەڭئارقاڭدىكىلەرنى يېغلىغان ھالدا قويما.

بوران قانچەكۈچەپ چېقسىمۇ، تېك قىيادىن ئالىدىغىنىئۈستىدىكى بىر قەۋەت توپىدۇر.

ئەگەر سېنىبىرى ئالدىغان بولسا بۇ ئۇنىڭغا گۇناھى،ئەگەر ئۇ كىشى سېنى داۋاملىق ئالدايدىغانبولسا بۇ سەندىكى گۇناھ.

ھەرگىزھېچكىشىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلما، بەلكىئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئەڭ ئاخىرقى چېقىش يولىدۇر.

ئاقىل كىشىلەريېڭىلىقلار ئۈستىدە پاراڭلىشىدۇ،ئادەتتىكى كىشىلەر ئۇنىڭ نەتىجىسىگەقىزىقىدۇ، پەسكەشلەر بولسا باشقاكىشىلەرنىڭ ھەققىدە پاراڭلىشىدۇ .


مەنبەسى:http://uyghuracademy.com/?p=16351

تەييارلىغۇچى:-ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىنئابدۇلھەمىد قاراخان

توردا
124سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
582 
تېما
57 

ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-10 23:07 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
پولات ھەققىدە قىسقىچە چۇشەنچىگە ئىگە قىلغىنىڭىزغا رەھمەت.

توردا
584سائەت 
نادىر تېما
دوست
42 
يازما
1579 
تېما
39 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-10 23:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەخمەت سىزگە....مەنمۇ بىلىۋالدىم.

توردا
236سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
2152 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-10 23:34 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت سىزگە، ھارمىغايسىز.

توردا
284سائەت 
نادىر تېما
دوست
49 
يازما
1354 
تېما
79 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-11 00:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت سىزگە.مەنمۇ بىلىۋالدىم.

توردا
114سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
283 
تېما
177 

شۆھرەت مۇكاپاتى تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-11 00:49 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
BARNA1 يوللانغان ۋاقتى 2011-5-10 23:07
پولات ھەققىدە قىسقىچە چۇشەنچىگە ئىگە قىلغىنىڭىزغا رەھ ...
مەنمۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۈشنىۋالدىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا eli0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-5-11 00:50

توردا
123سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
310 
تېما
24 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-11 11:18 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەخمەت سىزگە مەن بۇ كىنوغا بەك ئامراق.

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-11 13:17 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسلىدە،بىز ياقتۇرۇپ كۆرگەن كوردىلار ۋادىسىدىكى باش رولچى پولاتنىڭ تارىخى ئارقا كۆرنىشى مۇنداقكەندە. ئويلىنىپ قالدىم .ئۇ بىر ساياھەت كەسپىدە ئوقۇپ تۇرۇپ ، رولنى شۇنچىلىك ياخشى ئاپتۇ. قارغاندا تىرىشسا قىلالمايدىغان ئىش يوق ئىكەن .

توردا
0سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-11 14:24 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەخمەت سىزگە ! ئاللا بىزنى مۇقۇم بىر كەسىپ قىلىشقا بۇيرۇپ ياراتمىغاندىكىن ،باشقا ئىشلارنىمىۇ ئىشەنىچ بىلەن قىلىپ باقساق بولغىدەك ......

توردا
6سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
25 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-11 15:01 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت سىزگە!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-23 00:09

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.