ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر بار دۇنيادا شۇنداق ئادەملەر
كۆرۈش: 85|ئىنكاس: 4
go

بار دۇنيادا شۇنداق ئادەملەر

توردا
271سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
904 
تېما
149 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-25 15:39 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

كۆكتىن چۈشكەن ئاپئاق قار كەبى،

تۇغۇلۇشتا ئەسلى پاك، سەبىي،

كىيىن نامەرد،رەزىل، ئەسەبىي...

بار دۇنيادا شۇنداق ئادەملەر.

باھار كەلسە يازنى ئارزۇلار،

يازدا،كۈزگە،قىشقا ئالدىرار،

شۇنداق پەسىل قوغلىشىپ بارار،

بار دۇنيادا شۇنداق ئادەملەر.

كاللىسىدا ھەر خىل ئوي-ھەۋەس،

تولۇپ كەتكەن شۇملۇقلار پەۋەس،

ياۋۇزلۇقنى چىللار ئۆزى،بەس،

بار دۇنيادا شۇنداق ئادەملەر.

ئەخمەق كۆرەر ھۆرمەتلىسە بەك،

مەغرۇر يۈرسە دەيدۇبۇ سويمەك...)

ھەر باھاردا نى سىرتماق، ئورەك،

بار دۇنيادا شۇنداق ئادەملەر.

قىلىساڭ ئاڭا قانچە ياخشىلىق،

سېنى سېتىپ يەيدۇ ناشتىلىق،

كىمىدىن قالغان بۇ مىراس قىلىق؟

بار دۇنيادا شۇنداق ئادەملەر.

قۇللۇق قىلار تۆرىنى كۆرسە،

مەيدە كېرەر چۆرىنى كۆرسە،

جېنى چىقار(بۆرىنى)كۆرسە،

بار دۇنيادا شۇنداق ئادەملەر.

ھەممە يەردە چوڭلۇق تالىشىپ،

گاھ چىشلىشىپ، گاھى يالىشىپ،

بىر-بىرنى خارلار پالىشىپ،

بار دۇنيادا شۇنداق ئادەملەر.

بولىۋېلىپ جاھان رەپتارى،

قورساق تويسا، يوق ئىشىتىن كارى،

بۇنداقلارنىڭ نە ئېتبارى؟...

بار دۇنيادا شۇنداق ئادەملەر.

مەنبە: دەرىسىلىك كىتابىم

توردا
371سائەت 
نادىر تېما
دوست
73 
يازما
1423 
تېما
140 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-25 18:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ئىسىل شىئىر بۇ ، مەنمۇ بۇ شىئىرنى ياقتۇرۇپ ئوقاتتىم .

توردا
236سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
2152 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-25 18:45 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى چىقىپتۇ، رەھمەت سىزگە ، نادىر تىمىلرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-25 19:22 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ شىئىر تولىمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ . بۇ شىئىرنىڭ مۇشۇنداق خىلدىكى كىشىلىرىمىزگە تەربىيۋى ئەھمىيتى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .تىما يوللىغۇچىغا كۆپ رەخمەت .

توردا
434سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
2444 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-25 19:56 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن مەزىمۇنىغا باي شئر ئىكەن . ئەجىرڭىزىگە كۆپ رەخىمەت داۋامىلىق يوللاپ تۇرۇڭ . مەن سىزىگە ئامەت تىلەيىمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-23 00:09

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.