ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى نىمە ئۈچۈن يازىمىز؟
كۆرۈش: 83|ئىنكاس: 6
go

نىمە ئۈچۈن يازىمىز؟

توردا
371سائەت 
نادىر تېما
دوست
73 
يازما
1423 
تېما
140 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-7 16:45 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
نىمە ئۈچۈن يازىمىز؟


دۇنيادىكى يازغۇچىلارنىڭ «سىز نىمە ئۈچۈن يازىسىز؟» دىگەن سۇئالغا بەرگەن جاۋابى ھەر خىل.

جۇڭگۇ يازغۇچىسى باجىن:
«مەن ئەدەبىيات ئارقىلىق ھاياتىمنى، مۇھىتىمنى، روھىي دۇنيارىمنى ئۆزگەرتىمەن».

تەيۋەن يازغۇچىسى چېن يىڭچېن:
«خورلانغۇچىلارنى قايتىدىن ئەركىنلىككە ۋە قەدىر-قىممەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن يازىمەن».

فىرانسىيە ئايال يازغۇچىسى ساگان:
«چۈنكى مەن يېزىشنى ياخشى كۆرىمەن».

نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كولومبىيە يازغۇچىسى ماركوس:
«مېنىڭ يېزىقچىلىق قىلىشىم دوستلىرىمنىڭ مېنى تېخىمۇ ئۇزاق سۆيۈشى ئۈچۈن».

ئەنگىلىيە يازغۇچىسى گېرىن:
«جاراھىتىم چوڭايسا، پىشسا، مەن ئۇنى سىقىۋىتىمەن. يېزىقچىلىق دەل مۇشۇنداق ئىش».

ئامىرىكا يازغۇچىسى ئاسىموۋ:
«مېنىڭ يېزىقچىلىق قىلىشىم نەپەسلىنىشىمگە ئوخشاش بىر ئىش. مەن بۇنداق قىلمىسام ئۆلۈپ قالىمەن».

سوۋىت شائىرى كوچىنا:
«مېنىڭ يېزىقچىلىق قىلىشىم ئۇنىڭدىن زوق ئېلىش ۋە شادلىق تېپىش ئۈچۈن... ھەسەل ھەرىسى ھەر خىل گۈللەرنىڭ شىرنىسىنى نىمە ئۈچۈن يىغىدىغانلىقىنى سوراپ ئولتۇرمايدۇ».

برازىلىيە يازغۇچىسى سوسا:
«يېزىقچىلىق – مېنىڭ كەسپىم. مەن يېزىقچىلىق قىلمىسام قەلەم ھەققىگە ئېرىشەلمەيمەن، يەيدىغانغا تاماقمۇ بولمايدۇ».

نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن فرانسىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئىرلاندىيەلىك ئەدىب بېكىت:
«يېزىقچىلىق قىلىشتىنمۇ ياخشىراق ئىش بارمۇ؟».

گىرمانىيە يازغۇچىسى گېراس:
«مېنىڭ يېزىقچىلىق قىلىشىم مېنىڭ باشقا ئىش قىلىشقا ئىقتىدارىم بولمىغانلىقتىن».

ئامىرىكا يازغۇچىسى گېل ۋېدال:
«بىز يازغۇچى ئىكەنمىز، يېزىشتىن باشقا تاللىشىمىز بولمايدۇ. ناۋادا بىز يازغۇچى بولمىغان بولساق، بىزدە بۇنداق ئىستەكمۇ بولمىغان بولاتتى».

ئارگىنتىنا يازغۇچىسى بورخىس:
«يېزىشنى توختۇتۇپ قويالمايمەن. مەن ئەزەلدىن كەسپىمنى بىر ئەدەبىيات ئوقۇرمىنى بولۇش، شۇنداقلا بىر يازغۇچى بولۇش دەپ بىلىمەن».

ئافرىقىلىق يازغۇچى لېنبېر باخېر ھانەن:
«ئەگەر سەن مېنىڭ ئانام بولمىساڭ، مەن ئەلۋەتتە ئالەمنى تولۇق كېزىپ بولسىمۇ سېنى ئىزلەپ تاپىمەن.سېنىڭ مېنى بۇ دۇنياغا تۇغۇشىڭنى ئۆتۈنىمەن».

ئىتالىيە يازغۇچىسى گامېن:
«مېنىڭ يېزىقچىلىق قىلىشىم قىساس ئېلىش ئۈچۈن. قەلبىمدىكى بۇ قىساس ئادالەتلىك، مۇقەددەس، شەرەپلىكتۇر».

(مەنبە: «كىتاپخانلار ئۈچۈن تەرمىلەر» ژورنىلىنىڭ 1986-يىللىق 4-سانى. ئەنۋەر سەمەد تەرجىمە قىلغان. تورغا تەييارلىغۇچى: كەتمەنباي.)

توردا
123سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
310 
تېما
24 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-7 17:10 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەخمەت سىزگە !!
ئۇنداقتا سىزدىن سۇراپ باقاي . سىز نىمە ئۇچۇن يازسىز ؟

توردا
371سائەت 
نادىر تېما
دوست
73 
يازما
1423 
تېما
140 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-7 17:13 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش savdayi نىڭ يازمىسى

مەندىن سوراشتىن بۇرۇن ،ئۆزىڭىزدىن سوراڭ .......................

توردا
123سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
310 
تېما
24 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-7 17:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇقمىغاچقا سىزدىن سۇرۇدۇم

باھا سۆز

gulimire ئۇقالمىغان بولسىڭىز ئويلىنىپ بىقىڭ . يوللانغان ۋاقتى 2011-5-7 17:17

توردا
584سائەت 
نادىر تېما
دوست
42 
يازما
1579 
تېما
39 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-7 20:46 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن بولسام يىزىشقا قىزىقىمەن ،شۇڭا يازىمەن ،ئەمما بۇ ئويلىنىشقا تېگىشلىك
ئىشكەن........رەخمەت سىزگە........

توردا
434سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
2444 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-7 23:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇنىداق يېزىشىنىڭ ئۆزى بىر قىزىقىش . . لېكىن ئادەمىنى ئويغا سالىغىدەك تىما ئىكەن . تىما ئىگىسىگە كۆپ رەخىمەت . ھارمىغايىسز . بۇنىدىن كىيىنمۇ داۋامىلىق يوللاپ تۇرۇڭ . ئىزتۇردا ئىزلىرڭىز قالىغۇسى .

توردا
284سائەت 
نادىر تېما
دوست
49 
يازما
1354 
تېما
79 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-7 23:48 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن ئادەتتە كىشىلەرگە ئازراق پايدىسى تىگەرمىكىن،يامان يولدا بولسا شۇ يولدىن قايتىپ ياخشىلىق يولىدا ماڭارمىكىن ،ئىبرەت ئالارمىكىن دىگەن نىيەت بىلەنلا يازىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-22 23:41

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.