ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر ئاھ ،كوچىلار،
كۆرۈش: 69|ئىنكاس: 8
go

ئاھ ،كوچىلار،

توردا
515سائەت 
نادىر تېما
دوست
69 
يازما
2502 
تېما
328 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-14 19:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئاھ ،كوچىلار،،تونۇش كوچىلار،
ۋاللەي ئوينىشىپ،ھارغان كوچىلار.
بوغچامنى ئېسىپ،دوسلىرىم بىلەن،
تاڭدا مەكتەپكە ماڭغان كوچىلار.

ئاھ ،كوچىلار،،گۈزەل كوچىلار،
شادىمان يايراپ كۈلگەن كوچىلار.
سالقىن شامالدا،ساپ ھاۋاسىدا،
مىسلىسىز ھوزۇر سۈرگەن كوچىلار.

ئاھ ،كوچىلار،،ئۇزۇن كوچىلار،
شېرىن خىيالغا چۆككەن كوچىلار.
ئادەم بولۇشنىڭ ھېكمەتلىرىنى،
تاللىۋال دەپ تۆككەن كوچىلار.

ئاھ ،كوچىلار،،ئايدىڭ كوچىلار،
يار بىلەن بىللە يۈرگەن كوچىلار.
گۈزەل ئارزۇنى،بۈيۈك ئىستەكنى،
دىللارغا چوڭقۇر پۈككەن كوچىلار.

ئىككى قاسناقتا زۇمرەت سۇلىرى ،
ئېرىققا پاتماي ئاققان كوچىلار.
مەن نىگارىمنىڭ ئايدەك ھۆسنىگە،
زوقلىنىپ تويماي باققان كوچىلار.

ئاھ ،كوچىلار،خۇشبۇي كوچىلار،
يارنىڭ ۋەسلىنى كۆرگەن كوچىلار.
مەجنۇنتالنىڭ شېخىن ئەگكەندەك،
ئەيمىنىپ تۇنجى سۆيگەن كوچىلار.

ئاھ ،كوچىلار،بوستان كوچىلار،
ئېسىمدە مەڭگۈ قالغان كوچىلار.
ئاسماندا چولپان،يېنىمدا جانان،
قوش يۇلتۇز بوپ يانغان كوچىلار.

ئاھ ،كوچىلار،گۈلگۈن كوچىلار،
يار بىلەن ئويناپ كۈلگەن كوچىلار.
قىزارغاندا شەرق،ھەيرانە بولۇپ،
تاڭ ئاتقان چاغنى بىلگەن كوچىلار.

ناخشا ئېيتىدۇ باغلاردا بۇلبۇل،
ئارىلاپ كېلەر كاككۇك ناۋاسى.
دۈك-دۈك سوقىدۇ ھاياجان بىلەن،
تەڭكەش قىلغاندا يۈرەك ساداسى.

ئەنە ئۆستەڭدە سۈپسۈزۈك سۇلار،
شۇ چاغدىكىدەك شىلدىرلىماقتا.
سۇۋادانلاردىن چۈشكەن يوپۇرماق،
قايناملار ئارا پىلدىرلىماقتا.

ئاشۇ قاينامدا ئاققان ياپراقتەك،
خىيال ھېسلىرىم كەتتى يىراققا.
قېنى سەن ئەمدى بەڭباش ياشلىقىم؟
شۇنچە تېز ئۇزاپ كەتتىڭ قاياققا؟...

ئاھ ،كوچىلار،گۈزەل كوچىلار،
گۈل ئۇزارىڭنى كۆرگۈم كېلىدۇ.
ھەر گۈل-چېچەكتە ياشلىق ھىدى،
شۇڭا تويماستىن سۆيگۈم كېلىدۇ.

ئاھ ،كوچىلار،تونۇش كوچىلار،
شادىمان يايراپ،ئۆسكەن كوچىلار.
نەۋ باھارىمنى،ئالتۇن دەۋرىمنى ،
بەك بالدۇر ئېلىپ كەتكەن كوچىلار.

ئاھ ،كوچىلار،ئېسىمگە سالدىڭ،
مېنىڭ نەۋقىران ياشلىق چېغىمنى.
جەڭ قىزىتىمەن تا ئاداققىچە،
قۇرۇتماي ياپ-ياش كۆڭۈل بېغىمنى .

مەنبە:ساقلانما خاتىرەمدىن

توردا
66سائەت 
نادىر تېما
دوست
39 
يازما
451 
تېما
49 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-14 19:34 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شېئىرلار توپلىمىڭىز بارمۇ نىمە سىزنىڭ 0998cn كۆپرەك يوللاپ تۇرۇڭ ھە!!

توردا
1465سائەت 
نادىر تېما
دوست
51 
يازما
1878 
تېما
158 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-14 19:46 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يۇقىرىدىكى شېئىر ھېيتەم ھۈسەيىننىڭ<< گۈل ئوغرىسى >> ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىنغان
قالغان شىئىرلىرىمۇ شۇنداق ياخشىتى ، يەنە يوللاپ تۇرۇڭ~

Rank: 8Rank: 8

توردا
888سائەت 
نادىر تېما
دوست
150 
يازما
3238 
تېما
480 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-14 19:48 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى يوللانمىلاركەن ... قىممەتلىك يازمىلار ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

توردا
199سائەت 
نادىر تېما
دوست
38 
يازما
1051 
تېما
24 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-14 19:52 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى يىزىلغان شىئېركەن . ساقلىۋالدىم.

توردا
4سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
31 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-14 20:14 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ ياقتۇردۇم ،رەھمەت ... دوستۇم

توردا
4سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
31 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-14 20:14 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ ياقتۇردۇم ،رەھمەت ... دوستۇم

توردا
115سائەت 
نادىر تېما
دوست
48 
يازما
813 
تېما
15 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-14 21:27 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن ھىسياتچان ئىكەنسىز.

توردا
141سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
327 
تېما
34 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 13:37 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
نڭمانچە ئۇزۇن كۇچلا بۇ مەن شۇ كۇچلىرىڭىزدا بىر يۈرۈپباقسام بوپتڭكەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-22 23:40

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.