- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-22
- تىزىملاش
- 2009-9-4
- ھوقۇق
- 200
- توردا
- 689سائەت
- جۇغلانما
- 2115
- نادىر تېما
- 13
- يازما
- 552
- تېما
- 71
  
- توردا
- 689سائەت
- نادىر تېما
- 13
- دوست
- 30
- يازما
- 552
- تېما
- 71
|
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئىز تورىنىڭ ئەزىز قوللىغۇچىلىرى!
ئىز تورى مۇكاپاتلىق پائالىتىنى باشلىنىپ ئوڭۇشلۇق ئاخىرلىشىپ بىز مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچىلەرنى ئۇچۇرلارنى تەمىنلەش توغۇرلۇق ئۇقتۇرۇشمۇ قىلغان ئىدۇق. لىكىن ئۇچۇرلارنى تەمىنلىشىنى ۋاقتىدا بولماي قىلىپ، مۇكاپات بۇيۇملىرىنى ئەۋەتىش ۋاقتىمۇ چىكىنىپ كەتتى. بىز 4-ئاينىڭ 12-چىسلاغىچە مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچىلەرگە مۇكاپات بۇيۇملىرى EMS تىز پوچتىسىدا تەمىنلىگەن ئادىرىس ۋە ئىسىمغا سىلىۋەتتۇق. تاپشۇرۋالغايسىزلەر.
ئۇچۇرلىرىنى 4-ئاينىڭ 12-چىسلاغىچە تەمىنلىمىگەنلەر ۋاز كەچكەن دەپ قارىلىپ بىر تەرەپ قىلىندى.
ئەۋەتىلگەن تىزىملىك تۆۋەندىكىچە:
تورداش [ساپتىلەك] خانىمنىڭ مۇكاپات بۇيۇمى "شەيدائى ئەپەندىنىڭ ھۆسىنخەت ئەسىرى" تەمىنلىگەن ئادىرىسقا ئەۋەتىلدى.
تورداش [يانبۇلاق] ئەپەندىنىڭ ئىرىشكەن نەخ پۇل مۇكاپاتى كارتىسىغا ئۇرۇلدى.
تورداش [فاتىمە] خانىمنىڭ مۇكاپات بۇيۇمى ئۇيغۇرچە سىستىملىق ئەپچىلەم EVD ئاپپاراتى تەمىنلىگەن ئادىرىسقا ئەۋەتىلدى.
تورداش [hejranim] نىڭ مۇكاپات بۇيۇمى ئۇيغۇرچە سىستىملىق ئەپچىلەم EVD ئاپپاراتى تەمىنلىگەن ئادىرىسقا ئەۋەتىلدى.
تورداش [520studios] نىڭ مۇكاپات بۇيۇمى 100 يۈەنلىك قىممەت تولۇقلاش كارتىسى يان تىلفۇنىغا ئۇرۇلىدۇ.قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە مۇقىم تىلفۇن نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇشىڭىزنى تەۋىسسيە قىلىمىز.
تورداش [ئا چوپان] نىڭ مۇكاپات بۇيۇمى 100 يۈەنلىك قىممەت تولۇقلاش كارتىسى يان تىلفۇنىغا ئۇرۇلىدۇ. ئالاقىلىشىقا بولمىغاچقا قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە مۇقىم يانفۇن نۇمۇرىڭىزنى ئەۋەتىشىڭىزنى تەۋىسسيە قىلىمىز.
ئىلھاملاندۇرۇش مۇكاپاتلىرى:
تورداش dartman119، salkin11، mardan0996، mamatjan005، kamiljan333، دىلداش لارنىڭ مۇكاپات بۇيۇملىرى تەمىنلىگەن ئادىرىسقا ئەۋەتىلدى، قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى تورداشلارغا ۋاقتىنچە ئەۋەتمىدۇق، شىركەتتە زىيارەتتە بولغاچ شىركەتتىن ئىلىۋىلىشڭىزلارنى تەۋىسسيە قىلىمىز ھەم تەكلىپ قىلىمىز.
بۇ قىتىمقى مۇكاپات بۇيۇملىرىنى ئەمىللەشتۈرۈش ۋاقتىنىڭ كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتكەنلىكىدىن سەمىمىي ئەپۇ سورايمىز. شۇنداقلا مۇكاپاتقا ئىرىشەلمىگەن، ياكى ئادىرىس تەمىنلەشنى ئۇنتۇپ قالغان تورداشلارنىڭمۇ ئۈمىدسىزلەنمەي بۇندىن كىيىن ئۆتكۈزمەكچى بولغان پائالىيەتلىرىمىزگە ئاكتىپ قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
شۇنداقلا بىز يەنە بۇندىن كىيىن ھەر ھەپتىدە بىر قىتىم كىچىك تىپتىكى مۇكاپاتلىق پائالىيەت ئىلىپ بىرىشنى ئويلاشتۇق. كونكىرىت لاھىلەلىرىنى تۈزۈپ بولغاندىن كىيىن ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىپ باشلايمىز. ئىشىنىمىزكى كەڭ تورداشلارنىڭ قوللىشى بولسىلا بۇنىڭدىن كىيىنكى پائالىيەتلىرىمىزمۇ ئۇتۇقلۇق بولىدۇ.
ئاخىرىدا مۇكاپاتلىق ئەسىرى مۇۋاپىق سەھىپىگە يوللانماي تاللىنالماي قالغان تورداشلارنىڭ توغىرا چۈشىنىشىنى، بۇندىن كىيىنكى پائالىتىمىزدە دىققەت قىلىپ ئاكتىپ قاتنىشىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
پامىر تور-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئىز تورى باشقۇرغۇچىلار ئەتىرىتى
|
|