ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى › مۇنبەر › مەدىنىيەت ۋە تارىخ › گۈزەل شىنجاڭغا مەدھىيە ! ( گۈلمىرە)
كۆرۈش: 258|ئىنكاس: 15
go

گۈزەل شىنجاڭغا مەدھىيە ! ( گۈلمىرە)    

توردا
371سائەت 
نادىر تېما
1 
دوست
73 
يازما
1423 
تېما
140 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-5 18:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

گۈزەل شىنجاڭغا مەدھىيە !ئاپتورى ( ئاتاش-ماكان)



گۈزەل يۇرتۇم ئەي شىنجاڭ كۈيلەپ سېنى ھارمايمەن ،

كەزسەم سېنى قانچە رەت ھەرگىز چارچاپ قالمايمەن .
بارلىقىم سەن، ئۇلۇغ سەن ،مېھرى ئاتەش ئانامسەن ،
سەن بولغاچقا مەن بولغان ، سەندىن ھەرگىز تانمايمەن .



ئېسىل خىسلەت ھەم ئادەت يېتىلگەن بۇ ماكاندا،
يۇقلار تۇققان ،دوستلارنى ھېيت-ئايەمدە ، بايرامدا .
ئاقكۆڭۈل ھەم مېھمان دوست كۈتەر قىزغىن مېھماننى،
مەيلى خوتەن ھەم تۇرپان ، مەيلى ئالتاي ،سايرامدا .





ھوزۇر بېرەر دىللارغا يۇرتۇمنىڭ ساپ ھاۋاسى ،
بولۇر ئىللىق ،ساپ ھاۋا مىسكىن كۈڭۈل داۋاسى .
قەدىمدىنلا بۇ تۇپراق ناخشا –ئۇسسۇل ماكانى ،
ھەممە يەردە ياڭرايدۇ خۇشال مەشرەپ ناۋاسى ،




ئاۋات شەھەر ئۈرۈمچى پەرقى يوقتۇر كۈن-تۈنى،
جاي-جايلاردىن كەلگەنلەر ئۈزۈلمەيدۇ ھەر كۈنى .
سىياسى ھەم ئىقتىساد ،مەدەنىيەت مەركىزى ،

دىيارىمنىڭ پورەكلەپ ئېچىلۋاتقان بىر گۈلى .





تۇرپان ئۆزى بىر جەننەت داڭلىق ئۈزۈم ماكانى ،
تىلنى يارار كىشمىچى ، مىۋىلەرنىڭ سولتانى .
خاسىيەتلىك مىۋە ئۇ چىققان ئىكەن جەننەتتىن ،
كۆپ يېگەنلەر ئۈزۈمنى بولۇر ئۆمۈر چولپانى .




قۇمۇل قوغۇن ماكانى ھەممە يېرى بەك ئاۋات ،
قوغۇن بىلەن بازاردا قىلار ھەممە تاپاۋات .
داڭقى كەتكەن ھەريەرگە بەكمۇ شېرىن تەملىك ئۇ ،
شۈبھىلەنمەڭ ئوكۇل قىپ ئۇرغانمۇ دەپ قەن –ناۋات .




نەشپۈتلىرى كورلىنىڭ كۆتىرەلمەس شېخىنى ،
نەشپۈتزارغا كىرسىڭىز تاپالمايسىز چېتىنى .
تەركىبىدە ئوزۇقلۇق مول بولغاچقا يېسە كىم ،
نۇر ياغدۇرار چېھرىدىن بۇزماس ھەرگىز پېتىنى .






داڭلىق ئاخسۇ گۈرۈچى ئەلنىڭ ئېسىل ئاشلىقى ،
پولو دېگەن ئەزەلدىن تائاملارنىڭ باشلىقى .
قۇۋەت بېرەر ھەر تەنگە پات-پات يېسە پولونى ،
كۈچ-قۇۋىتى ئۇرغۇيدۇ ،تۈگىمەيدۇ ياشلىقى .






شۇنچە داڭلىق قەشقەرنىڭ پىشقان قىزىل ئانارى ،
بەكمۇ شېرىن ھەم كۆركەم مېيۋىلەرنىڭ سەردارى .
قەدىمدىنلا رىتسىپقا چۈشكەن قىممەت دورا دەپ ،

ئۇرغۇپ تۇرار يېسە كىم ، كۈچ-قۇۋىتى ، مادارى .







داڭقى كەتكەن ئاتۇشنىڭ شېرىن-شېكەر ئەنجۈرى ،
كىندىكىگە قارىسىڭىز تامار شېكەر – قەنلىرى ،
قۇۋۋەت –ئوزۇق مېڭىگە ، شىپا تۈمەن كېسەلگە ،
دائىم يېسە قېرىماس ، پۈكۈلمەيدۇ بەللىرى .





ئېلىخونىڭ ئالمىسى مەشھور يەنە جاھانغا ،
ئوخشىتىمىز ئالمىنى مەڭزى قىزىل جانانغا .
تەركىۋى مول ئوزۇقلۇق شۇڭا بەكمۇ ئەتىۋار ،
تالىشىدۇ ھەر كىشى ئالما چىقسا بازارغا .





كەلسە ھەر يەر –ھەر يەردىن مېھمان بولۇپ خوتەنگە ،
كۆزى چۈشەر شۇ ھامان ئەتلەس بىلەن گىلەمگە .
كۈيلىگەنتى ناخشىدا «داڭلىق خوتەن گىلىمى »دەپ ،

سىڭىپ كەتكەن بۇ ناخشا بۇرۇندىنلا مېڭەمگە .






ئەجەپ كۆركەم چىرايلىق ئالتاي –چۆچەك يايلىقى ،
ھەممە يېرى ياپيېشىل يوقتۇر قاقاس سايلىقى .
ئاستى تولغان مەدەنگە ،ئۈستى ئوتلاق ھەم ئورمان ،

ھەممە يەردە مال –چارۋا تولۇپ كەتكەن بايلىقى .



مەنبە ؛ ساقلىۋالغانلىرىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-5-5 19:25

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
1 
دوست
64 
يازما
678 
تېما
64 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-5 18:25 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋاھ ۋاھ نىمىدىگەن ئىسىل شىېئرلا بۇ ھە..........رەھمەت جۇمۇ..
ئىزدىكى شىئىرچى گۈل
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dilram تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-5-5 18:26

توردا
123سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
16 
يازما
310 
تېما
24 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-5 18:47 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يا ئاللا شائىر بۇلا سىزدەك بۇلا ھە.!!!!!
چىك چىك چىك چىك ھەيييييييييييييييييييي!!!!
ئاللا قۇلىڭىزغا دەت بەرمىسۇن .

توردا
124سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
34 
يازما
582 
تېما
57 

ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-5 19:05 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
پاھ-ھەممىمىزنىڭ كۆزنى ئىچىپ قويدىڭىز.بەك ماسلاشتۇرۇپ كىلىشتۇرۇپسىز دوستۇم.

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-5 19:12 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شىنجاڭ ھەققەتەن بىر گۈزەل جاي . شىنجاڭنىڭ مەنزىرسى گۈزەل ، تۇپرىقى مۇنبەت ، مىۋە _ چىۋە ماكانى .

Rank: 8Rank: 8

توردا
895سائەت 
نادىر تېما
1 
دوست
74 
يازما
2030 
تېما
82 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-5 19:13 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش savdayi نىڭ يازمىسى

نىمە چىك چىك چىك ۋ ا ئاداش..
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىقىمدىن.

توردا
123سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
16 
يازما
310 
تېما
24 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-5 19:26 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش mamatjan005 نىڭ يازمىسى

ئاداش بەكلا ھەيران قالدىم دىسە ماۋۇ قىزغا!!!

توردا
202سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
44 
يازما
515 
تېما
33 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-5 19:46 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋاي ۋۇي مەن بىردەمدە شىنجاڭنىڭ ھەممە يىرىگە بارغاندەك بۇلدۇم!
قۇ لڭزغا دەرت كەلمىسۇن ئۇماق!
ساياھتىڭز نىڭ ئاخىرىمۇ يا؟

Rank: 8Rank: 8

توردا
895سائەت 
نادىر تېما
1 
دوست
74 
يازما
2030 
تېما
82 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-5 19:50 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش savdayi نىڭ يازمىسى

چاقچاق...
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىقىمدىن.

توردا
123سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
16 
يازما
310 
تېما
24 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-5 19:54 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
چاخچىقىڭلىنى ئۇختۇم ئاداش.
ماۋۇ قىزنىڭ يامانلىقىنى دەيمە.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-22 23:39

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.