- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-30
- تىزىملاش
- 2010-10-29
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 378سائەت
- جۇغلانما
- 5913
- نادىر تېما
- 1
- يازما
- 1431
- تېما
- 140
- توردا
- 378سائەت
- نادىر تېما
- 1
- دوست
- 73
- يازما
- 1431
- تېما
- 140
|
تەنھالىق
مەن كىتىمەن يارنىڭ قىشىغا ،
كۈتۈشلەرگە بىرىپ خاتىمە .
تەنھالىقنىڭ ئىتلىرى تالاپ ،
بۇ يۈرەكنى قىلدى مىڭ پارە .
بولدى ئەمدى توسمىغىن يوللار ،
مەن كىتىمەن يارنىڭ قىشىغا .
گۈرۈلدەيدۇ قەلبىمدە بىر ئوت ،
ئاشىقلىقىم يەتتى ۋايىغا .
بىقىۋالدى كىملەرنى ھايات ،
قىينىماقچى بىزنى شۇ قەدەر .
مۇز بولۇپ قالار ئىدى بۇ دۇنيا ،
كۆيۈشمىگەن بولسا بىز ئەگەر .
مۇھەببەت
كۆيۈپ يۈرگەن كۈنلىرىڭ بولسا ،
قەدىرلىگىن سۆيگۈنىڭ بولسا .
تاشلاپ كەتسە سىنى يات بىرى ،
قوغلىمىغىن ۋىجدانىڭ بولسا .
سۆيگۈ سىنى يىغلاتسا ئەگەر ،
ھىچ كىشىگە ئىيتما دەردىڭنى .
دەس تۇرۇپ كەت يىقىلغان يەردىن ،
ئىگىلدۈرمە يەنە قەددىڭنى .
قەلبىمدە بولسىمۇ چەكسىز مۇھەببەت ،
ئىيتالمىدىم سۆيگۈمنى پەقەت .
ئۆلسەممۇ رازى ئەمەسمەن ،
ئىرىشەلمىدىم سۆيگۈڭگە پەقەت .
ۋاپاسىز يار
سورىساڭ سوئاللار بىر كۈنى ،
دەيمەنكى ھىلىمۇ سۆيىمەن سىنى .
ئىھتىمال ئىشىنىپ ئىشەنمەي ماڭا ،
دىيىشىڭ مۇمكىن ئالدىما مىنى .
ئازاپقا تاشلاپ كەتسەڭمۇ مىنى ،
بىر ئۆمۈر سۆيىمەن سەن ۋاپاسىزنى .
ئوتلىرىڭ گوياكى بىر گۈلخان كەبى ،
ھەر ۋاقىت كۆيدۈرۈپ تۇرار قەلبىمنى .
بولسىمۇ پەرۋاز نۇرغۇن قەلىبلەر ،
سالمىدىم ھەتتاكى كۆزىنىڭ قىرىنى .
تۈن ئۇزۇن كۈلەردە ئۇيقۇ يوق ئەسلا ،
ۋاپاسىز بولساڭمۇ ئەسلەيمەن سىنى .
مەنبە : قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulimire تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-29 19:04
|
|