ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر بۇگۈن كەلدى تەكشۇرۇش(ئۆگەنگۈچى)
كۆرۈش: 53|ئىنكاس: 1
go

بۇگۈن كەلدى تەكشۇرۇش(ئۆگەنگۈچى)

توردا
170سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
217 
تېما
37 

ئۈلگىلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-29 19:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

بۇگۈن كەلدى تەكشۇرۇش


(ئۆگەنگۈچى)



خەۋەر كەلدى ھەي ئاداش،
تەييار بولۇڭ خىزمەتداش،
گەپ ئاڭلىغىن يوغانباش،
يىراق كەتمەڭ قەلەم قاش،
بۇگۇن كەلدى تەكشۇرۇش.

ۋاقىت چىقسا ئاران بىر ،
كىلىپ تۇرار ئايدا بىر ،
كۆڭۇل بولۇپ ساڭا بىر ،
بۇيرۇق قىلىپ ماڭا بىر ،
بۇگۈن كەلدى تەكشۇرۇش.

تولۇق بولسۇن تەييارلىق ،
قىلما ھەرگىز ھەييارلىق ،
قالسا چېنىپ ساختىلىق ،
كۈتمە مەندىن ياخشىلىق ،
بۇگۈن كەلدى تەكشۇرۇش.

كەلسە قارشى ئالغۇلۇق ،
ئۇندىن تەلىم ئالغۇلۇق ،
كۈيلەپ سازمۇ چالغۇلۇق ،
ھەم ئەگىشىپ ماڭغۇلۇق ،
بۇگۈن كەلدى تەكشۇرۇش.

تەكشۇرىدىغۇ خىزمەتنى ،
قويۇپ يۇقىرى تەلەپنى ،
ئويلاپ ئەلنى -ۋەتەننى ،
كىم چۇشىنەر قەلىبنى ،
بۇگۈن كەلدى تەكشۇرۇش.

بولدى قىلغىن سۆزلىمە ،
مال -دۇنيانى كۆزلىمە ،
پۇرسەت تېپىپ ئۆرلىمە ،
بولۇپ ئىككى يۈزلىمە ،
بۇگۈن كەلدى تەكشۇرۇش.



مەنبە:ئۆگەنگۈچى قەلىمى.ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ.(رەھمەت)
2011-يىل 4-ئاينىڭ29-كۈنى كۈسەندە يىزىلدى.

توردا
444سائەت 
نادىر تېما
دوست
49 
يازما
2558 
تېما
390 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-30 18:37 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخىشى يىزىپىسز . بۇنىدىن كىيىنمۇ يوقاپ كەتىمەي . داۋامىلىق يوللاپ تۇرۇڭ . نادىر ئىجادىيەتلىرڭىز ئۇزىلۇپ قالىمىسۇن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-30 13:52

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.