قۇشلارنىڭ ناۋالىرى سەن ئۈچۈن 
بىر تاتلىق جىلۋە قىلار ئىللىق باھار، قۇشلارنىڭ ناۋالىرى سەن ئۈچۈن. ئىشقىنى ئاتىلغان بۇ غېرىپ كۆڭلۈم، سەن ئۈچۈن ئۈمۈتتە تەلمۈرەر ھامان. 
چىھرىمدە نۇرلىنار بۇ ئىللىق قۇياش، قەلبىمنى باغاشلاپ ئىللىق مىھرىدە. كۆيدۈرەرپەرۋاسىز ھالىتىڭ مىنى، ئاشىقلىق دەشتىگە سۈرگۈن قىلغانچە. 
سورمايسەن ھالىمنى مىنىڭ نىچۈن دەپ، بىلمەي دەمسىنا ئاچچىق كۆز يېشىمنى. سۆزلىسە شاماللار تەرپىىمنى مىنىڭ، ئىگىلىپ ئىھتىرامدا كىلەمسەن قېنى. 
ئېيتىمەن مۇڭدا مۇھەببەت ناخشىسى، ئۈمۈت-ئىشەنچە قاناتنۇر ئىنسانغا. جاسارەتلىك بولسا ھەر بىر قەدەمدە، تۇغۇلىدۇ مۈشكۈل ئىشمۇ ئاسانغا. 
ئۇلۇغلا ئەقىدەمنى مىنىڭ ھەردەم، ئىرادەم ھامان كۆكلەتسۇن ئىشقىڭنى. چۈشۈنۈپ يەتسەڭ مىنى ھىسلىرىڭدە، بىرەرسەن بىر ماڭا سۆيگۈ مىھرىڭنى. 
بارماقچىمەن يېنىڭغا جانان

شىۋىرلايدۇ ئەركە شوخ شامال، يۇپۇرماقنى ئۇچۇرۇپ لەرزان. پاناھ ،تارتىپ سىنى كۆرمەكنى، بارماقچىمەن يېنىڭغا جانان. 
جۈرئەت قىلمىغان ئەنسىز تۇيغۇم، باراي دىدى تەكرار ئويلىنىپ. تەشەببۇسكار بۇلۇپ سۆيگۈدە، پىراقىڭدا چوغلىنىپ كۈيۈپ. 
يوللار ئۇزۇن يول يىراق شۇنچە، ئايرىپ تۇرار تاغ، دەريا ،ئىقىن . تىلەپ كەلگەچ ئوتلۇق ئارماندىن، ۋىسالىڭغا يەتمەكنى بىر كۈن. 
ئۇزۇن يوللار مۇڭلىنىپ ماڭدىم، كەڭ دالىغا تۈكۈپ ئىشقىمنى. سىنى كۆرمەكنى نىشان ئەيلەپ، ئىزلەپ كەلگەن ئىدىم مەن سىنى. 
تەبەسسۇمدا قارشى ئالامسەن، كۈلۈپ تاتلىق ئالدىمغا چىقىپ. ئەقىدەمدىن تىزغان گۈلۈمنى، مىھرىڭ بىلەن چىكەڭگە قىسىپ. 
مەنبە قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-15 19:54
|