يىگانە دىۋانە بوپ قالسام
بىرتوپ ئادەم بۇتخانىدا تىلەك تىلىشىپتۇ.
بىرى مەن بىر كېچىدىلا باي بولۇپ قالسام دېسە يەنە بىرسى خوتۇنۇم ئوغۇل تۇغۇپ بەرسە دەپتۇ،يەنە بەزىلىرى ھەرخىل تىلەكلەرنى تېلىشىپتۇ .شۇئەسنادا بىر چەتتە قاراپ تۇرغان دىۋانىمۇ ئېغىز ئېچىپ تىلەك تىلەشكە باشلاپتۇ :
-ئى تەڭرىم ،مەن مۇشۇ شەھەردە يىگانە دىۋانە بوپ قالسام ،مېنى تىلىكىمگە يەتكۈزسەڭ ،دەپتۇ.
ئاچاڭنى ئالايمۇ ؟
بىر ئورمانلىقنى ئوتتۇرىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان بىر دەريا باركەن، دەريانىڭ بىر تەرىپىدە توشقان، يەنە بىر تەرىپىدە يولۋاس ياشايدىكەن....
توشقان بىركۈنى ئەتىگەندە يۈزىنى يۇغىلى دەريا بويىغا چىقىپ يولۋاسنى چاقىرىپتۇ...
ھەي يولۋاس، ھەي يولۋاس
يولۋاس توشقاننىڭ چاقىرغىنىنى ئاڭلاپ دەريا بويىغا چىقىپتۇ.
يولۋاس: ھە، نىمە دەيسەن؟
توشقان: ئاچاڭنى ئالايمۇ ؟ (نىسىغا) ؟
يولۋاس ئىچى ئاچچىق بولغان ھالدا كىرىپ كىتىپتۇ، ئەتىسى ئەتىگەندە توشقان يەنە شۇنداق قىلىپتۇ،
يولۋاس نىمە قىلارىنى بىلمەي، تازا ئاچچىقى كەپتۇ، ئۈچىنچى كۈنى بۇ ئىش يەنە تەكرارلانغاندىن كىيىن يولۋاس زادى چىدىماي دەريانىڭ يۇقىرىىسىغا قاراپ مېڭىپتۇ، قارىسا ناھايتى چوڭ بىر دەرەخ ئۆرۈلۈپ دەرياغا كۆۋرۈك بوپ قاپتۇ، يولۋاس ئۇ دەرەخكە يامىشىپ دەريادىن ئۆتۈپتۇ ۋە توشقاننىڭ ئۆيىنىڭ كەينىگە كىلىپ توشقاننىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ يىتىپتۇ، 4-كۈنى ئەتىگەندە توشقان دەريا بويىغا چىقىپ ئادىتى بويىچە يولۋاسنى مازاق قىلماقچى بولۇپ چاقىرىپتۇ،
ھەي يولۋاس، ھەي يولۋاس
يولۋاس ئاستا ئويغىنىپ، توشقانىڭ كەينىدىن كىلىپ مۈرىسىنى تۇتۇپ: ھە نىمە دەيسەن دىسە، ھۇدۇققان توشقان، دەرھاللا ئۆزىنى ئوڭلاپ، ئاچام خىلى چوڭ بوپ قالدى، ئالامسەن(نىسىگە) دىگۈدەك.
دوپپىسىنى قايناتسا چىقىدۇ
ھېسام ۋاڭ ئوردىسىدا ئىشلەۋاتقان كۈنلەرنىڭ بېردە ،يېقىن بۇرادەرلىردىن بىرى ھېسامدىن ،بۇيۇن گۆشلىرى بۇقىنڭكىدەك تۈرۈم -تۈرۈم سەمىرىپ كەتكەن قارا قورساق ساپاسز بىر بەگنى كۆرسىتىپ سوراپتۇ :
-ھېسام ئاخۇن مۇنۇ بەگنىڭ بېشىنى كېسىپ قازاندا قايناتسا شورپىسى چىقارمۇ ؟
-قارسىلا بۇرادەر ،-دەپتۇ ھېسام ئۇ بەگنىڭ مايلىشىپ كەتكەن دوپپىسىنى ئىشارەت قىلىپ :
- كاللىسىنى قايناتسا چىقمىغان شورپا دوپپىسىنى قايناتسا چىقىدۇ .
ھەئە ، ئۇخلاپ قالدى
بىر ئەر - ئايالنىڭ ئوغلى پەقەت ئۇخلىغىلى ئۇنىماپتۇ. دادىسى ئۇنىڭغا قىزقارلىق ھېكايە ئېيتىپ بىرىپ ئۇخلاتماقچى بوپتۇ. بىر سائەت ئۆتۈپ كېتىپتۇ، دادىسى ئوغلىنىڭ ھۇجرىسىدىن چىقماپتۇ.بىر چاغدا ئاپىسى ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ پەس ئاۋازدا؛
-ئۇ ئۇخلىدىمۇ؟، - دەپ سۇراپتۇ.
-ھەئە ، ئۇخلاپ قالدى،- دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئوغلىمۇ پەس ئاۋازدا.
ما ۋزىدۇڭنىڭ تىلفۇن نۇمۇرى
بىر ئوقۇغۇچى يېنىدىكى ئۆزىنى بەكلا بىلەرمەن چاغلايدىغان ساۋاقدىشىدىن دەپباقە پۇلنىڭ يۈزىدىكى ماۋزىدوڭنىڭ سۈرىتى ئاستىدىكى 1893--1976 دىگەنلەر نىمىنى چۈشەندۈردۇ ساۋاقدىشى. شۇنىمۇ بىلمەمسەن ئۇ دىگەن ماۋزىدۇڭنىڭ تىلفۇن نۇمۇرى.
تويدىن ئاۋالقى تەكشۈرۈشكە قاتناشمىدىڭىزمۇ؟
خىزمەتچى خادىم توي خېتى ئالغىلى كەلگەن بىر جۈپ ياشنىڭ ئارىسىدىكى قىزدىن سوراپتۇ؛
---تويدىن ئاۋالقى تەكشۈرۈشكە قاتناشمىدىڭىزمۇ؟
---قاتناشتىم! يىگىتنىڭ ئۆيى،ماشىنىسى ......ئىشقىلىپ ھەممىسى تەل ئىكەن.
---مەن دوختۇرغا تەكشۈرۈتتىڭىزمۇ دەۋاتىمەن؟
---تەكشۈرىتتۇق،بالا ئوغۇل ئىكەن،---دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ قىز خىجىل بولغان ھالدا.
دوختۇرنىڭ بىلدىغىنى سىزنىڭكىدىن كۆپ
چوڭ كوچىدا ماشىنا سوقىۋەتكەن بىر ئەر ئۇدۇل دوختۇرخانىغا ئاپىرىلدى.ئۇنىڭ يىنىدا تۇرغان خوتۇنى دوختۇردى سورىدى:
_ئۇنىڭ يارىسى بەك ئىغىرمۇ؟
_ئۇ ئۆلۇپ بولغان بولىشى مۇمكىن،_دىدى دوختۇر. بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان ئەر بىشىنى چايقىغىنىچە مۇنداق دىدى:
_مەن ئۆلمىدىم،مەن تىخى ھايات.
_جىم تۇرۇڭ،_دىدى خوتۇنى،
_دوختۇرنىڭ بىلىدىغىنى سىزنىڭكىدىن كۆپ.
ماشىنىنى قانداق ھەيدەيمەن؟
بىر يىگىت لايىقى بىلەن پىكاپلىق دالىغا سەيلىگە مېڭىپتۇ،يىگىتنىڭ بىر قولى رولدا،يەنە بىر قولى قىزنىڭ بېلىدە ئىكەن.ئۇلار تۆت كوچىدىن ئۆتكەندە قاتناش ساقچىسى كۆرۈپ قاپتۇ؛
-رولنى ئىككى قولۇڭدا تۇت!
ھېلىقى يىگىت پەرۋاسىزلا؛
-ئۇنداقتا ماشىنىنى قانداق ھەيدەيمەن؟-دەپتۇ.
1 بىلەن 20 دىن قايسىسى چوڭ؟
بالىسى دادىسىدىن سوراپتۇ:
__ دادا، 1 بىلەن 20 دىن قايسىسى چوڭ؟
دادىسى: __ ئەلۋەتتە 20 چوڭ بولىدۇ-دە.
بالىسى: __ ئۇنداقتا ياخشى، مەن بۇگۇنكى ماتېماتىكا ئىمتېھانىدا 20- بوپتىمەن !
مەنبە ؛ ئۇقۇغان كىتابىم شۇ .