ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تاغدىن-باغدىن سوقراتنىڭ ياخشى كۆڭلى....
كۆرۈش: 49|ئىنكاس: 3
go

سوقراتنىڭ ياخشى كۆڭلى....

توردا
102سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
926 
تېما
149 
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سوقرات بويتاق ۋاقتىدا ، بىر قانچە دوسلىرى بىلەن بىرگە كىچىككىنە بىر ئىغىزلىق ئۆيدە تۇرىدىكەن، بۇلار ئۇنىڭ تۇرمىشىغا نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى كەلتۈرسىمۇ ، لىكىن ئۇ كۈندە دىگۈدەك خۇشال-ىۇرام يۈرىيدىكەن، بىرسى ئۇنىڭدىن؛
_ شۇنچىۋالا كۆپ ئادەم بىر ئۆيگە تىقىلىۋاپسىلەر، ئۆيدە پۇت قويىدىغانغا جايمۇ بولمىسا ، يەنىلا خۇشال يۈرىيسىزغۇ؟!_ دەپ سوراپتۇ.
_ دوسلار بىلەن بىرگە بولغاندا ، ھەر ۋاقىت ئىدىيە ، ھىسيات ئالماشتۇرالايسىز ، بۇنداق ئىشقا خۇشال بولماي تۇرغىلى بولامدۇ؟!_ دەپ جاۋاپ بىرىپتۇسوقرات.
بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن ، دوسلىرى بىر-بىرلەپ توي قىلىپ كۆچۈپ كىتىپتۇ، ئۆيدە يالغۇز سوقراتلا قالغان بولسىمۇ، يەنىلا ھەر كۈنى خۇشال يۈرىۋىرىپتۇ.
ھىلىقى ئادەم يەنە ئۇنىڭدىن؛
_ ئۆزىڭىز تىكەندەك يالغۇز قالسىڭىزمۇ يەنىلا خۇشال يۈرىيسىزغۇ؟_ دەپ سوراپتۇ.
_ مىنىڭ نۇرغۇن كىتاپلىرىم بار، بىر كىتاپ بىر ياخشى ئۇستاز، شۇنچىۋالا كۆپ ئۇستازلىرىم بىلەن بىرگە بولۇپ، ئۇلاردىن ھەر ۋاقىت ئۈگىنىۋاتسام، خۇشال بولماي تۇرالايمەنمۇ؟
بىر قانچە يىلدىن كىيىن، سوقرات ئۆيلىنىپ ، بىر چوڭ بىناغا كۆچۈپ كىرىپتۇ، بۇ بىنا يەتتە قەۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆيى بىرىنجى قەۋەتتە ئىكەن ھەم بىنا بىنا بويىچە ئەڭ ناچار ئۆي ھىساپلىنىدىكەن، بىنانىڭ ئۈستىنكى قەۋىتىدە ئولتۇردىغانلار دائىم تۆۋەنگە پاسكىنا سۇ تۆكىدىكەن، ئۆلۈك چاشقان، يىرتىق ئاياق، سېسىق پايپاق قاتارلىق ھەر خىل پاسكىنا نەرسىلەرنى تاشلايدىكەن، ھىلىقى ئادەم سوقراتنىڭ يەنىلا خۇشال-خۇرام يۈرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، ئەجەپلەنگەن ھالدا؛
_ ئاشۇنداق ئۆيدە ئولتۇرۋىتىپمۇ يەنە خۇشال يۈرەمسىز؟_ دەپ سوراپتۇ.
_ شۇنداق، سىز بىرىنجى قەۋەتتە ئولتۇرۇشنىڭ قانچىلىك ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيسىز_دە! ئالايلۇق، بىناغا كىرسىڭىزلا، ئۆيىڭىزگە كىرىسىز، ئىگىز پەلەمپەيلەرگە چىقمايسىز، بىرەر نەرسە يۆتكەش ئاسان، كۈچ سەرىپ قىلمايسىز، دوسلىرىڭىز يوقلاپ كەلسىمۇ ئاسان، قەۋەتمۇ-قەۋەت مىڭىپ يۈرمەيدۇ، ... مىنىڭ ئەڭ رازى بولىدىغىنىم، بوش يەرلەر بار، ئۇنىڭغا گۈل-گىياھ، كۆكتات تىرىيمەن، بۇنىڭدىن ئالىدىغان خۇشاللىقىمنى سۆزلەپ تۈگىتەلمەيمەن!_ دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ سوقرات ھاياجان بىلەن.
يەنە بىر يىل ئۆتۈپتۇ، سوقرات بىرىنىجى قەۋەتىكى ئۆيىنى يەتتىنجى قەۋەتتىكى دوستىغا ئۆتۈنۈپ بىرىپتۇ، چۈنكى، دوستىنىڭ ئۆيىدە پارالىچ بولۇپ قالغان بىر بوۋاي بولۇپ، بىنادىن چۈشۈپ-چىقىشتا، قىينىلىدىكەن، سوقرات يۇقىرى قەۋەتتە ئولتۇرۇپمۇ يەنە كۈندە خۇشال ئۆتىۋىرىپتۇ،
ھىلىقى ئادەم غەرەزلىك ھالدا ؛
_ ئەپەندىم، يەتتىنجى قەۋەتتە ئولتۇرۇشنىڭمۇ شۇنچە كۆپ پايدىسى بارمىكەن؟_ دەپ سوراپتۇ.
_ شۇنداق، پايدىسى ھەقىقەتەن ئاز ئەمەسكەن، سسىزگە بىرقانچە مىسال سۆزلەپ بىرەي، ھەر كۈنى ئۆيگە بىر قانچە قىتىم چىقىپ -چۈشسەم، ياخشى چىنىقىش پۇرسىتى بولىدىكەن، بۇنىڭ ئۆزى سالامەتلىككە پايدىلىق، كۈن نۇرى ياخشى چۈشىدۇ، كىتاپ ئوقىسام، يىزىقچىلىق قىلسام، كۆزۈمگە زەخمە يەتمەيدۇ، يۇقىرى قەۋەت شاۋقۇنسىز، كىچە-كۈندۈز تىنىچ ئۆتىمەن،_ دەپ جاۋاپ برىپتۇ سوقرات.
كىيىن، ھىلىقى ئادەم سوقراتنىڭ ئوقۇغۇچىسى بورات بىلەن ئۇچىرىشىپ قىلىپ . ئۇنىڭدىن؛
_ ئۇستازىڭىزنىڭ ھەر قىتىم تۇرغان مۇھىتى ئۇنچىۋالا ياخشى ئەمەس، لېكىن ئۇ دائىم خۇشال يۈرىيدىغۇ؟_ دەپ سوراپتۇ.
_ بىر ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى مۇھىت ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ قەلبى بەلگىلەيدۇ،_ دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ بورات.

تۇرسۇن مۇسا تەرجىمىسى.

توردا
24سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
95 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
توغرا، بىر ئادەمنىڭ خۇشال يۈرشى ھەرگىزمۇ ناچچار مۇھىتقا باقمايدۇ،لىكىن ئادەملەر ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى ياخشى موھىتقا تەڭشەپ قويۇپ كۆپ ئەھۋاللاردا خۇشال يۈرەلمەيدۇ.

توردا
416سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
734 
تېما
32 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىر ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى مۇھىت ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ قەلبى بەلگىلەيدۇ، ناھايىتى توغرا گەپ.مۇشۇنداق ياشاش كىرەك.

توردا
50سائەت 
نادىر تېما
دوست
12 
يازما
188 
تېما
22 
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
EPSON يوللانغان ۋاقتى 2011-4-26 23:03
بىر ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى مۇھىت ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ قەلب ...

توغرا دەيسىز.بىز ھەرقانداق مۇھىتقا ماسلىشالىشىمىز كىرەك.بولمىسا ئۆزمىز ئازاپلىنىپ قالمىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-4-30 04:31

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.